• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • بەختنىڭ بەلگىسى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     mA9ئاقيول تور بىكىتى

    mA9ئاقيول تور بىكىتى

     mA9ئاقيول تور بىكىتى

    بەخىتنىڭ مۇئەييەن بەلگىسى بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنىڭ بار يوقلىقى-ئۇنىڭ ئېتىراپ قىلىش قىلماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەخىتلىك كىشىلەر مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.mA9ئاقيول تور بىكىتى

    بەخىتنىڭ بىرىنچى بەلگىسى ـــ خاتىرجەملىك. خاتىرجەملىك قارىماققا ناھايىتى ئاددىي روھىي ھالەت بولسىمۇ، بىراق يالغاندىن خاتىرجەم قىياپەتكە كىرىۋېلىش تەس. يىغىلىشلاردا بەزى كىشىلەرنىڭ توختىماي سائەتكە قارىغىنىنى ياكى توختىماي يانفون بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، ئۇلارنىڭ روھىي-ھالىتىدىن «يىغىلىش تېزراق ئاياغلاشسىكەن» دېگەننى ئويلاۋاتقىنىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇلار بەخىتكە خېلى ئارلىقى بار كىشىلەردۇر. بەزى كىشىلەر مەيلى قانداق سورۇندا بولسۇن، ئۆزىنى شۇ قەدەر تەمكىن، ئەركىن تۇتالايدۇ. بۇنداق كىشىلەر بەختكە يېقىنلاشقان كىشىلەردۇر.mA9ئاقيول تور بىكىتى

    بەخىتنىڭ ئىككىنچى بەلگىسى ـــ دوستانىلىق. بەخىتلىك كىشىلەر ناتۇنۇش كىشىلەرگىمۇ دوستانە مۇئامىلە قىلالايدۇ، شۇنىڭدەك بەزى كىشىلەرنىڭ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بولغۇچە، نېرۋىسى قىرىق گەز ئۆرلەيدىغان مىجەزىنى چۈشەنمەيدۇ. جەمئىيەتتە غەلىتە مىجەزلىك كىشىلەر ھەقىقەتەن تولا، ھەممە ئادەمنىڭ دېگۈدەك باشقىلار تەرىپىدىن ئالدانغانلىق ياكى ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىق كەچۈرمىشى بار. بىراق بۇلار باشقىلارغا دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراشقا سەۋەب بولالمايدۇ. بەخىتلىك بولاي دىسىڭىز، ئەڭ بولمىغاندىمۇ دوستانە بولۇشىڭىز كېرەك.mA9ئاقيول تور بىكىتى

    بەخىتنىڭ ئۈچىنچى بەلگىسى ـــ يول قويۇش. كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ يول قويماي تالىشىدىغان، چوڭلار ياكى بالىلارغا قارىماستىن ئىشىكنى جالاقلىتىپ چىقىپ كېتىدىغان، يامغۇرلۇق كۈندە تاكسى تالىشىدىغان ياكى دوختۇرخانىدا باشقىلارغا يول قويماستىن لېفىتقا بىرىنچى بولۇپ قىسىلىپ چىقىۋالىدىغان ... كىشىلەرنىڭ بەخىتلىك بولالايدىغىنى ساناقلىق.mA9ئاقيول تور بىكىتى

    بەخىتنىڭ تۆتىنچى بەلگىسى ـــ مەنىۋىيىتى باي بولۇش. بۇ خىل بايلىق كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. يەنى كىتاب ئوقۇش، ھۆسىنخەت يېزىش، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، مۇزىكا ئاڭلاش، سۈرەت تارتىش دېگەندەك. بۇنداق كىشىلەر تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەخىت.mA9ئاقيول تور بىكىتى

    بەخىتنىڭ قېلىپلاشقان ئۆلچىمى يوق، ئۇ ھەربىر كىشىنىڭ شەخسىي ھېس تۇيغۇسى، خالاس. يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەلگىلەر ھەر ھالدا پۇت تېرەپ تۇرالايدۇ، دەپ قارايمەن. ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ.mA9ئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى شىئىرلار
    • خىيال  سۈرۈپ  ئۆتكۈزمە  ۋاقىت
    • خىيال سۈرۈپ ئۆتكۈزمە ۋاقىت
    • خىيال سۈرۈپ ئۆتكۈزمە ۋاقىتسۆيگۈ ئىزلەپ تەلمۈرسەم شۇ چاغ ، كەتكەن ئىدىڭ قاراپمۇ قويماي .شۇنچە تەمكىن غەمسىز ئىدىڭغۇ،نىچۈن بۈگۈن قالدىم تۇنىماي .كۈيلىرىڭدىن ئاڭلىنار ھەسرەت ، لېكىن كىمگە ئاتالغان كۈيلەر .سىرلىرىڭنى يۇشۇرساڭ پىنھان،ھەسرىتىڭنى كىملەرمۇ بىلەر