• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ

    مەنبە : ئەلكۈيى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ


    مۇھەممەدجان راشىدىن


    چۈشەندۈر دەپ تۇرىۋالدىڭ ھاياتنى ،
    نىمە دەيمەن يەنە دىسەم يەنە شۇ .
    كەلمىدۇقمۇ ئەتە ئۈچۈن ئاھ چېپىپ ،
    مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ
    *
    بېسىلمايدۇ ھاياتلىقنىڭ ۋاڭ -چۇڭى ،
    تاپالمايسەن نەدە ئۇنىڭ تەڭپۇڭى .
    بىرى خوشال بىرىنىڭ بار ھال -مۇڭى ،
    مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ
    *
    گاھ ئېتىزدا ئارپا بۇغداي تېرىيسەن ،
    گاھ خاماندا غۇلاچىڭنى كېرىيسەن .
    تىرىكچىلىك ھارۋىسىدا قېرىيسەن،
    مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ
    *
    ئاھ ئۇرارسەن ئارزۇيۇڭغا يىتەلمەي ،
    يا ئارزۇنىڭ ئىشىكىدىن كىتەلمەي ،
    گاڭگىرايسەن بىرنى ئىككى ئېتەلمەي ،
    مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ
    *
    دۇرۇس تەبىر :ئۆمۈر- ئاتقان ئوق دېگەن،
    بۇ ئالەمگە قانغان كىشى يوق دېگەن.
    بىرلىرى ئاچ،بىراۋلىرى توق دېگەن،
    مەنچە بولسا ھايات دېگەن مانا شۇ!
    *
    شائىر يازار :ئولۇغ ئىنسان ئانا! دەپ،
    ئانا ئۆتەر بۇدۇنيادىن بالا! دەپ.
    بالا كۆزى تەلمۈرىدۇ دالا دەپ،
    مەنچە بولسا ھايات دېگەن مانا شۇ!


    [MP=500,70http://mp3.alkuyi.com/nahxa_umidwar()/tallanma/hayatdiganmanaxu.wma[/MP]


    ئادىرسىمىز

    ئەڭ يىڭى شىئىرلار
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرى (ئابدۇۋايىت ئابلىز )
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرى (ئابدۇۋايىت ئابلىز )
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرىئابدۇۋايىت ئابلىز1بىر نەرسە بار بەك كىچىك،خۇددى تىرناق ئۇچىدەك.ئىشچانلىقتا نامى بار،توپ-توپ ياشار غۇچچىدە.پۇراق بىلەن يول تاپار،خۇددى ئۇستا ئوۋچىدەك.2بەكمۇ ئۇششاق يېپىشقان،شامال،سۇدا يۆتك