خىيال سۈرۈپ ئۆتكۈزمە ۋاقىت
سۆيگۈ ئىزلەپ تەلمۈرسەم شۇ چاغ ،
كەتكەن ئىدىڭ قاراپمۇ قويماي .
شۇنچە تەمكىن غەمسىز ئىدىڭغۇ،
نىچۈن بۈگۈن قالدىم تۇنىماي .
كۈيلىرىڭدىن ئاڭلىنار ھەسرەت ،
لېكىن كىمگە ئاتالغان كۈيلەر .
سىرلىرىڭنى يۇشۇرساڭ پىنھان،
ھەسرىتىڭنى كىملەرمۇ بىلەر .
خىيال سۈرۈپ ئۆتكۈزمە ۋاقىت ،
بارغىن ئىزلە تاپقىن گۈلۈڭنى .
ئاتىغىن ھەم مۇھەببەت ئۈچۈن ،
بار ئىشقىڭنى ساداقىتىڭنى .
پەقەت شۇندا باقار تەلمۈرۈپ ،
قۇنسىكەن دەپ گۈلۈڭ شېخىغا .
پاك سۆيگۈدىن ھەتتا چۆللەرمۇ،
ئايلىنىدۇ گۈلزارلىق باغقا .بۇ دۇنيا بەكلا تار ، كىملەرگىدۇر ئەزىز قىلغان خۇدا ، يەنە كىملەرگىدۇر خار قىلىدۇ . بىراق ئىسىڭىزدە بولسۇن ، تۈنۈگۈن يىغلىغان بولسىڭىز بۈگۈن كۈلۈشىڭىز مومكىن .تۇرمۇشنىڭ ئۈزى بىزنىڭ رىزىسورلىقىمىزدىكى رەڭدارلىققا تولغان بىر سەنئەت خالاس . كۈلكىنىڭ ھەممىسى خۇشاللىقتىن بۇلىۋەرمەيدۇ . كۈلىۋاتقانلارغا قاراپ ئۈزىڭىزنى دونيادىكى ئەڭ بىچارە ئادەمدەك ھىس قىلماڭ !ھېچ بولمىغاندا ساختىدىن بولسىمۇ كۈلۈشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ . ئىسىڭىزدە بولسۇن كۈلگەنلەر كۈلۈۋەرمەيدۇ . يىغلىغانلار يىغلارۋەرمەيدۇ .دونيادا ھەقىقەتەن ئۈزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى ياخشى كۈرىمەن ،دىيەلمەسلىكنىڭ ئۈزىدىن ئارتۇق ئازاپ يوق .ئاشىقلىقنىڭ ھىجران ئازابىدا قىينىلىپ ئۆتكەندىن ، كۆڭلىڭىزدىكى دىيەلمىگەن گەپلىرىڭىزنى دەۋېلىڭ . رەت قىلىنسىڭىز ھەرگىزمۇ ئۈزىڭىزنى تۈۋەن كۆرمەڭ .چۈنكى ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ئاشىقلىق سىرىتمىقىغا چوشمەي ، بۇ دونيادىن ياشاپ ئۈتىشى مومكىن ئەمەس .نەتىجىسى قانداق بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ،كەسكىن بۇلۇڭ . كىينىكى پۇشايمان ئۈزىڭىزگە دۈشمەن . قىسقىسى خىياللار دىڭىزدا لەيلەپ چۈكۈپ ئۈتۈرۋەرمەڭ .
مەن بۇيەردە بىر يىگىتنىڭ يۈرەك سۈزىنى شىئىر قىلىپ يېزىپ قويدۇم . دوستۇم كۆيمىگەن يۈرەكتىن ئاغرىنماڭ . چۈنكى ئۇ يۇرەكمۇ ئۆزگىنىڭ دەردىدە پۇچۇلانغان بۇلىشى مومكىن . ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە بەخىت تىلەشنىڭ ئۈزىمۇ بىر بەخىت .