• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئۇزىتىشتىن كېيىنكى ھىسلار(بەرگىيە)

    مەنبە : ئەلكۈيى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



    تىنىقىمدا ھىدلىرىڭ قالدى،
    يىراقلارغا كەتسەڭمۇ گەر يار.
    جۈپ قەدەمگە كەلسىمۇ باغاق،
    تەنھالىقنى قىلدىم ئىختىيار.
    *
    ئۇزاپ كەتكەن جىسمىڭنى سۆيۈپ ،
    تۇمانلاشتى كۆزلىرىم خىرە.
    "خەيىر بولغىن بەخىتلىك"دىدىم،
    زىنىقىمدا قاتتى جۈپ قەترە.
    *
    كېچە چىقىپ يۇلتۇزلار ئارا،
    چېچىۋەتتىم سۆيگۈم ئۈنچىسىنى.
    چاقناپ كەتتى يۇلتۇز بۆلەكچە،
    تاماشە قىل جىمىرلىشىنى.
    *
    غەمكىن كۈلگەن ئاي يۈزىدە داغ،
    دىدى سەنلا ئەمەس بەخىتسىز.
    شېرىن سۆيگۈ ماڭىمۇ بىر چاغ،
    قارا مانا قالدۇرغان داغ-ئىز.
    *
    ھاياتلىقنىڭ يولىدا ھىچكىم،
    توسالغۇسىز داغدام ماڭمىغان.
    مۇھەببەتلىك تىترەك ئالدىدا،
    قايسى بەندە باركىن ئازمىغان.
    *
    مۇڭدىشىشتا ئاينى ئۇزىتىپ،
    كۈتۈۋالدىم ئوتلۇق قوياشنى.
    شەپەق جۇلا يايغان ئۇپۇقتا،
    بىلىۋالدىم قانداق ياشاشنى.
    *
    خەيىر بەخىت تىلەيمەن ساڭا،
    يىغلىمايمەن شورلۇق قىسمەتتىن.
    بەلكىم كۈلۈپ قارايمەن بىر كۈن،
    دۇنيا تامان،سۆيگۈ كۆزنەكتىن.




    بەرگىيە
    2010-يىلى1-ئاينىڭ14-كۈنى


    ئادىرسىمىز

    ئەڭ يىڭى شىئىرلار
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرى (ئابدۇۋايىت ئابلىز )
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرى (ئابدۇۋايىت ئابلىز )
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرىئابدۇۋايىت ئابلىز1بىر نەرسە بار بەك كىچىك،خۇددى تىرناق ئۇچىدەك.ئىشچانلىقتا نامى بار،توپ-توپ ياشار غۇچچىدە.پۇراق بىلەن يول تاپار،خۇددى ئۇستا ئوۋچىدەك.2بەكمۇ ئۇششاق يېپىشقان،شامال،سۇدا يۆتك