• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • قەدىناس ( غەزەل)

    مەنبە : ئەلكۈيى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



    (1)


    گېپى يوغان بولسىمۇ ، ئالدايدۇ ئۇ قەدىناس ،
    تاتلىق شىكەر سۇلكىتى ، گولدايدۇ ئۇ قەدىناس .

    << قىرىق يىلدا بىر تال چاچ ئەل بولىدۇ >> دەيدىغۇ ؟
    قىرىق يىلمۇ بەك ئۇزاق ، ئەل بولمايدۇ قەدىناس .

    مۇھەببىتى، سۆيگۈسى دېڭىزدىنمۇ بەك چوڭقۇر ،
    لېكىن ھەسرەت ئىچىدە ، ئۇھ تارتىدۇ قەدىناس .

    ۋۇجۇدىدىن قەلبىدىن ، مىكىر ئورۇن ئالغانمۇ ؟
    ناز- كەرەشمە جىلۋىسى ، داپ چالىدۇ قەدىناس .

    كېسەل ئاغرىق قەتىگە ، چوڭقۇر باغلاپ ئالغاندا ،
    بىر تاۋاقتا ئۈگرىنى ، قوش قوللايدۇ قەدىناس .

    ھايات شۇنداق، كۈن شۇنداق ، چىرماس ھېسلىق تۈن شۇنداق ،
    بىرسى كەتسە ئالەمدىن ، ياش تۆكىدۇ قەدىناس .

    بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالەم ، سىناق ھەممە ئادەمگە ،
    بىردە كۈلسە يەنە بىر ، قاخشايدىغۇ قەدىناس .

    (2)

    بىرى كەتتى ئالەمدىن ، يەنە بىرى ئەسنەيدۇ ،
    ئۆتمۈشىگە ئاھ ئۇرۇپ، ياد ئېتىدۇ قەدىناس .

    يالغۇز قالسا گۆرۈستان، تۇيۇلىدۇ ئۆز ئۆيى ،
    ئاستا بىرىپ قەۋرىنى ، يوقلايدىغۇ قەدىناس .

    قەۋرىستاندىن يانغۇچە ، سىقىرايدۇ بەل-پۇتى ،
    قاراپ نەچچە كەينىگە ، ئاھ ئۇرىدۇ قەدىناس .

    ئۆيگە كىرسە مۇڭ بېسىپ، غىچىرلايدۇ ئىشىكمۇ ،
    ئوتۇن يېرىپ ،ئاش ئېتىپ، چۈش كۆرىدۇ قەدىناس .

    قېنى ئۈگرە- چۆچۈرە، كەڭ يېيىلغان داستىخان ؟
    بازار ئىدى ئۆيىمۇ ، كۆرۈنمەيدۇ قەدىناس .

    ئوغۇل-قىزى پاناھ بوپ ، باقاي دېسە ئۇلارنى ،
    ئوت كۆرىنەر ئۆز ئۆيى ، كېتەلمەيدۇ قەدىناس .

    ھايات شۇنداق، كۈن شۇنداق، قانۇنىيەت ئالىمى ،
    مېھىر ئۇلۇغ، ئۇ ئۇلۇغ، تارتىشىدۇ قەدىناس .


    ئادىرسىمىز

    ئەڭ يىڭى شىئىرلار
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرى (ئابدۇۋايىت ئابلىز )
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرى (ئابدۇۋايىت ئابلىز )
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرىئابدۇۋايىت ئابلىز1بىر نەرسە بار بەك كىچىك،خۇددى تىرناق ئۇچىدەك.ئىشچانلىقتا نامى بار،توپ-توپ ياشار غۇچچىدە.پۇراق بىلەن يول تاپار،خۇددى ئۇستا ئوۋچىدەك.2بەكمۇ ئۇششاق يېپىشقان،شامال،سۇدا يۆتك