ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
جوۋجىلىق بىر ئەر باشقىلار بىلەن ئىقتىسادى مەسىلە سەۋەبى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىپ،قانۇن يوللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغدىماي،ئەكسىچە ئادەم ئۆلتۈرۈپ جىنايەت سادىر قىلىش يولىغا مېڭىپ قالدى.يېقىندا،جوۋجى ناھىيىسى گۇاڭجى بازىرىدا مۇنداق بىر ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەردى.
9-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،گۇاڭجى بازىرىدىكى بىر كەنتتىكى لى فامىلىلىك دېھقاننىڭ دېيىشىچە،9-ئاينىڭ 21-كۈنى 58ياشلىق جاۋ بوۋاي ساقچىلارنىڭ يالاپ كېلىشى بىلەن بۇ يېزىدا پەيدا بولغان بولۇپ،ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ ئېتىزىدىكى جىنايەت سادىر قىلغان نەق مەيداننى كۆرسىتىپ جەسەتنى مۇشۇ يەرگە كۆمۈپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.بۇ جاۋ فامىلىلىك بوۋاي مۇشۇ يېزىلىق بولۇپ،توي قىلمىغان بويتاق ئىدى.ئەسلىدە باشقىلار بىلەن ئىقتىسادى مەسىلىدە زىددىيەتلىشىپ قېلىپ ئاخىرى ئاچچىقىدا ئادەم ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى پارچىلىۋەتكەن ئىكەن.
يېزىدىكى كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە،ئۆلگەن كىشى جاۋ فامىلىلىكنىڭ 20 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولۇپ،ئىزچىل قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ پۇلىنى قايتۇرىۋالالمىغان جاۋ فامىلىلىك قارشى تەرەپنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قارار قىلغان.جاۋ فامىلىلىك بۇ ئەر 8-ئاينىڭ 29-كۈنى جياڭ فامىلىلىكنى ئېتىزىغا ئالداپ ئەكېلىپ شۇ يەردە ئۇجۇقتۇرىۋەتكەن ھەم جەسىتىنى پارچىلاپ نەچچە يەرگە بۆلۈپ كۆمۈۋەتكەن.ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن جاۋ فامىلىلىك ئىزچىل ئېتىزدىكى مايسىلارغا قاراپ ئولتۇرغان. 9-ئاينىڭ 21-كۈنى كەنتتىكى كىشىلەر يىغىن ئېچىپ،جياڭ فامىلىلىكنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلغاندا،جياڭ فامىلىلىكنىڭ ئۆيىدىكىلەر جياڭ فامىلىلىكنىڭ جاۋ فامىلىلىك بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ كەتكەن پېتى قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.شۇنىڭ بىلەن ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك دەپ جاۋ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.كېيىن ساقچىلار جاۋ فامىلىلىكنىڭ ئېتىزىدىن جياڭنىڭ چىرىپ كەتكەن جەسىتىنى تاپقان.
9-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لار بىلەن، ساقچىلار جوۋجى ناھىيىسى لۇگۈەن بازىرىدىن جياڭ فامىلىلىكنىڭ باش سۆڭىكىنى تاپتى.جوۋجى ساقچىخانىسىدىكى دېلوغا مەسئۇل ساقچىنىڭ دېيىشىچە،ئۆلگۈچى جياڭ فامىلىلىك بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن ئىكەن،بۇ دېلو يەنە داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.