ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
لاتىن ئامېرىكسىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەنگىلىيە بىلەن ئارگېنىتىنانىڭ مالۋېناس ئارىلىنى تالىشىش مەسىلىسىدە ئەنگىلىيەنى ئەيىبلىدى .
ئۈلۈشكۈن دومىنىكادا 70 نەچچە ئادەم ئولتۇرغان بىر پاراخوت چۆكۈپ كەتتى ،ھازىرغىچە 17 ئادەم قازا قىلدى .
سالۋادۇردا تۈنۈگۈن 5.1 بال يەر تەۋرىدى ،باشقا ئەھۋاللار ئېنىق ئەمەس .
ئىسىرائىلىيە زۇڭلى مەھكىمىسى تۈنۈگۈن زۇڭلى نىتانىياخۇنىڭ مارتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى .
بۈگۈن ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار چۆكمە پاراخوتىنى مالۋېناس ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاچقا ،ئاگېنتىنالىقلار ئەنگىلىيەگە قارشى نامايىس قىلىدى .
مەنبەسى :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى