ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

يەرشارى تورىنىڭ خەۋىرى: ئامېرىكا سىملىق تېلۋىزىيە ئىستانىسىسى ئاخبارات تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى 20 ياشلىق ياش ئانا ئۆزىنىڭ 6 ئايلىق ئوغلىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كىيىن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالغان.
يەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايالنىڭ ئىسمى مىلەننى رېيېس بۇلۇپ ئۇ ئىجتىمائى ئالاقە تورى Facebook تىكى ئۆزىنىڭ باش بېتىدە ئۆز ئوغلىنى ئېتىۋىتىدىغانلىقى ھەمدە ئۆلىۋالىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئوي-پىكىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بايقىغاندىن كىيىن بۇ ئىشنى دەرھال ساقچى تەرەپكە ئۇقتۇرغان، لېكىن ساقچى تەرەپ يىتىپ كىلىپ تەكشۈرگەندە پاجىئە ئاللىقاچان يۈز بىرىپ بولغان ئىكەن.
ئانا-بالا ئىككەيلەن ئارقىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، لېكىن بۇۋاق قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىغا ئاساسلانغاندا، رېيېس ئىككى ھەپتە ئىلگىرى كالتەك توپ كالتىكى بىلەن ئۇغۇل دوستىنى ئۇرغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان، ھەمدە ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.