شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەتلىرى توغرىسىدا:
www.ahyol.com ئاقيول تور بېكىتى بولسا شىنجاڭ ئاقيول تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆز ئالدىغا باشقورىشىدىكى مۇستەقىل يۈرۈشتۈرۈۋاتقان مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەت ئابونتلىرىغا،جۈملىدىن ئۇيغۇر تور ئابونتلىرىغا قارىتىلغان ئۇنىۋېرسال خاراكتىردىكى تور بېكەتتۇر.
1. ئىنتېرنېت تورى كۈندىلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى
رەقەملىك تۇرمۇشنىڭ باشلامچىسى ئاقيول تورى كۈندىلىك يېڭى خەۋەر، يېڭى ئۇچۇر، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئابۇنتلار ئارا ئالاقىنى ئاساس قىلغان ،15 ئاساسىي قانال ۋە 100دىن ئارتۇق قوشۇمچە قانالدىن تەشكىل تاپقان،كۈنىگە 400مىڭ ئابۇنتقا ئۇيغۇر تىلىدا مۇلازىمەت قىلىدىغان، تور دەۋرىنىڭ يېڭىچە نامايەندىسى.
ئاقيول تورى ئەلنىڭ ئارزۇسىنى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك نىشانى قىلغان ھالدا ،تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئۈزلىكسىز يىڭىلىنىپ،ئابۇنتلار ئۈچۈن ئەڭ ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ،قىسقىغىنا بەش يىللىق مۇساپىدە ئوخشاش تۈردىكى تور بېكەتلەر ئىچىدىن تەرەققىي قىلىپ،بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە رايۇنىمىزدىكى تور بېكەتلەرنىڭ سەركىسىگە ئايلاندى.
ئاقيول تورى ئۇچۇر مىقدارى كۆپ،يېڭىلىنىش سۈرئىتى تېز، زىيارەت مىقدارى يۇقىرى بۇلۇشتەك ئەۋزەل ئالاھىدىلىلىكىگە تايىنىپ، ھەرقايسى ھەمكارلاشقۇچى شىركەتلەرگە تەشۋىقاتتا ئۈنۈملۈك سورۇن ، ئۇچۇر -ئالاقىدە كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناپ تىجارەتتىكى يارقىن مەيدانغا ئايلاندى.
سىز ۋە بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ئاقيول تورىدا ئەمەلگە ئاشقۇسى!
2. ئەمەلىي يۇمشاق دېتال سىستېمىسىنى قۇرۇش
ئابونتلارنىڭ ئەمەلىي يۇمشاق دېتال سىستېمىسىنى لايىھىلىشى، قۇرۇشى، كۆچۈرۈشى، ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىدۇ ياكى بۇ خىل مۇلازىمەتلەرنى پۈتۈنلەي ھۆددىگە ئېلىپ، ئابونتلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. نۆۋەتتە، شىركىتىمىز ئۆزلىرى تۈزگەن يۈرۈشلەشكەن داڭلىق يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ تور بېكەت سۇپىلىرىنى قۇرۇش، ئىشخانىلارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئېلېكترونلۇق سودا، ئۆي - زېمىن باشقۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
3. تور قۇرۇلۇشى
ئابونتلارنىڭ كەڭ دائىرىلىك تور ۋە تار دائىرىلىك تور قۇرۇلۇشىنى يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن، سىستېمىنى دەلىللەش، لايىھە تۈزۈش، قاتتىق دېتال تىپىنى تاللاش، قۇرۇلۇشنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان تور قۇرۇلۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىركىتىمىز يەنە تور ئابونتلىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، تور ۋە ئۇنى چۆرىدىگەن مەھسۇلاتلار، شۇنداقلا قۇرۇلمىلىق ئۇنىۋېرسال جايلىشىش سخېمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كەسىپلەشكەن لايىھىلەش، قېلىپلاشقان قۇرۇلۇش ۋە مۇكەممەللەشكەن سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت شىركىتىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئۈچ چوڭ تۈۋرۈكتۇر.
4. ئۇچۇر تورى بىخەتەرلىكى
تور دۇنياسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇر مەخپىيەتلىكى ئۇچۇر تورىنىڭ نورمال يۈرۈشۈش - يۈرۈشمەسلىكىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىركىتىمىز كۆپ مىقداردىكى ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ بايلىقىنى سەرپ قىلىپ، تور بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ئۈستىدىكى تەتقىقات ۋە ئەمەلىي قوللىنىش سالمىقىنى كۈچەيتتى. بۇندىن باشقا، شىركىتىمىز يەنە Internet قا ئۇلانغان تور قۇرۇلمىسىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەش، ۋىرۇستىن ساقلىنىش توسىقى تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىش ھەم ئىچكى ماتېرىيال بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيىتىنى ساقلاش تەدبىرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈرگۈزۈلۈشى، شۇنداقلا توردا ۋىرۇستىن ساقلىنىش ۋە تورنى زاپاس ساقلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، كۆپلىگەن ئابونتلارنىڭ بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك تور سىستېمىسىنى قۇرۇشىغا ياردەم بەردى؛ تور سىستېمىلىرىنى خاككىر ھۇجۇمى ۋە ۋىرۇس تاجاۋۇزىدىن ساقلاش ھەمدە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن ۋە ماتېرىيال مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
تور بىپايان، پەن - تېخنىكىنىڭ چېكى يوق |