ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
پەلەستىن مىللىي ھوقۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس 6 – چىسلا رەئىس پەرمانى ئېلان قىلىپ، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان « پەلەستىن مىللىي ھوقۇق ئورگىنى» دىگەن ئىسىمنى «پەلەستىن دۆلىتى» گە ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئابباس پەلەستىن ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن ئىككى ئاي ئىچىدە، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان قانۇن، نىزاملار ئىچىدىكى ئىسىملارنىڭ ھەممىنى ئۆزگەرتىپ بولۇشنى، ھەمدە پوچتا ماركىسىنى قايتىدىن لايىھەلەپ بېسىشنى، شۇنداقلا پاسپورت، كىملىك گۇۋاھنامىسى، نوپۇس تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى ۋە ماشىنا نومۇر تاختىيى قاتارلىق كېنىشكىلەرنىمۇ قايتىدىن تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىسترلىقى شۇ كۈنى مۇنداق دىدى، پەلەستىننىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ ھەممىسىگە كۆرسەتمە بېرىپ، ئۇلاردىن تاشقى دېپلوماتىيە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە «پەلەستىن دۆلىتى» دىگەن نامنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدۇق. ھازىر، پەلەستىننىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە بارلىك پۇقرالارنىڭ كىملىك كېنىشكىلىرىدە ئىشلىتىۋاتقىنى « پەلەستىن مىللىي ھوقۇق ئورگىنى» دىگەن نام ئىدى.
پەلەستىن «ۋافا» خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىننىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ «كۈزەتكۈچى ئەزا دۆلەت» قىلىش قارارىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن بولۇپ، «ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن باسقان مۇھىم بىر قەدەم».
بۇلتۇن 11 – ئايدا، 67 – نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىدا قوشۇلغان ئاۋاز 138، قارشى ئاۋاز توققۇز، ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلەر 41 بولۇشتەك نەتىجە بىلەن، قارار ماقۇللىنىپ، پەلەستىنگە كۈزەتكۈچى ئەزا دۆلەتلىك ئورۇن بېرىلگەن ئىدى.
ئوسلو كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھازىر پەلەستىن پۇقرالىرى پەقەت ئىسرائىلىيەنىڭ ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن كىملىك گۇۋاھنامىسى ۋە پاسپورت قاتارلىق كېنىشكىلەرگە ئىگە بولالايتتى. ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ نام ئۆزگەرتىش ئىشىغا تېخى ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.