ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
ئەنگلىيە «يېڭى تەتقىقاتچى» ژۇرنىلى يېقىندا، 12 ئاي ئىچىدىكى دۇنيا بويىچە ئون چوڭ پەن-تېخنىكىلىق يۇقىرى سۈزۈكلۈك دەرىجىسىدىكى سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى.بۇ سۈرەتلەردە قۇياش نۇر دېغىنىڭ زور دەرىجىدىكى ئېنىق كۆرۈنۈشىدىن باشقا، مىكروسكوپ ئارقىلىقلا كۆرگىلى بولىدىغان مىكرو ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگىچە تاللانغان.مەسىلەن يېقىن ئارىلىقتا تارتىلغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرى قاتارلىقلار.بۇ سۈرەتلەر بوشلۇق،قۇرۇقلۇق ۋە سۇدىن ئىبارەت ئۈچ خىل مۇھىتتا تارتىلغان بولۇپ پەن تەتقىقاتنىڭ ئىنسانلار دۇنياسىنى قانداق قىلىپ رەڭگارەڭ ۋە مول قىلىۋېتەلەيدىغانلىقى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىلگەن.
«يېڭى تەتقىقاتچى»ژۇرنىلى 2007-يىلىدىن باشلاپ ئورىياس موزىيى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېيۇرىكا پەن-تېخنىكىلىق فوتو سۈرەت مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان.2012-يىللىق بۇ تۈردىكى فوتو سۈرەت مۇكاپاتىنىڭ نەتىجىسى 28-چېسلا ئېلان قىلىنىدۇ.

ھېرون ئارىلىدا بىر تال قىزىل بويۇنلۇق پادىشاھ بېلىق تەبىئەتكە قايتۇرۇلدى.سۈرەتتە ئادەملەر قىلغان ئوپېراتسىيىدە قالغان يارا ئىزىنى ۋە ئاكۇستىكىلىق بەلگە لېنتىسىنى خىرە كۆرگىلى بولىدۇ.فوتوگراف: دېۋ ئابدو.

توز قۇيرۇقلۇق ياچىۋەكسىمان راك
ئۇ دېڭىزدىكى كۆرۈش سېزىمى ئەڭ مۇرەككەپ بولغان جانلىقلارنىڭ بىرى .فوتوگراف كەرى گىرەنتىج.

تەخمىنەن 4000 يىل بۇرۇن پولو دېڭىز كەۋرىۋاسى ئىچىگە سولىنىپ قالغان چىۋىن. فوتوگراف: سىكوت گىن.

چۈپلىشىۋاتقان ئىككى چوڭ كىت.فوتوفراف: جەسون ئېدۋارد.

بۇ پۈتۈن قۇياش سۈرىتىنى فوتوگراف پىتىر ۋورد تىلىسكوپ ئارقىلىق تارتقان.
بۇ سۈرەتتە بىر لىچىنكا سىۋەتتەك نەرسىنىڭ ئىچىدە بۇلۇپ ئۇ مۇكەممەل بىر قۇرۇتقىمۇ تەۋە ئەمەس، پەقەت بىر لىچىنكا خالاس. ئۇ شۇ تاپتا دۈشمەنلىرنىڭ قولى يەتمەيدىغان بوشلۇقتا ئېسىلغان ھالەتتە تۇرماقتا. فوتوگراف : دىمون ۋېلدىر.
موربىن باغچىسىدا بىر ياچىۋەك تۇخۇمنى يېرىپ چىقماقتا.فوتوگراف : روھان كىلىۋ.
ئالتە كۈنلۈك بولغان ئاق چىچەك مايسىسى،فوتوگراف مارك تالبو ئېلىكتىرونلۇق مىكرو ئاپارات ئارقىلىق تارتىپ چىققان.ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭغا رەڭ بەرگەن.
يىشىل رەڭلىق ئوت يىغناغۇچى،فوتوگراف دېۋىد پاۋۇ.

نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىتا كىراخمال پىپىدلىرىنىڭ «تاجاۋۇز»ىغا ئۇچرىشىشى.فوتوگراف لىننىئا رانجېرىن.