ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| خەلقئارا خەۋەرلەر | قىزىق نۇقتا | ئۇنۋىرسال | سۈرئەتلىك خەۋەرلەر | غەلىتە ئشلار | تەنتەربىيە | IT -تىخنىكا | مەملىكەت خەۋەرلەر | ئىقتىسادى | شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تاماشا
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلەر >>
دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق 10 ئادەم ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:  كۆرلىشى:1189  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:يېقىندا چەتئەل ئاخبارات ۋاستلىرى پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدىكى ئەڭ ئەقىللىق 10 ئادەمنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 37 ياشلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئاۋسترالىيەلىك تاۋ جېشۈئەن زېھىن بۆلۈنمىسى (يەنى ھازىرقى مودا سۆز بويىچە ئېيتقاندا IQبولۇپ، بىر يۈرۈش ئۆلچەملەر بىلەن مەلۇم ياشتىكى كىشىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىش سەۋىيىسىنى ئۆلچەپ چىقىش. يەنى كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە بولغان تونۇشى شۇنداقلا بىلىم-قابىلىيىتى ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى دېمەكتۇر، ئۇ كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، كۆزىتىش ئىقتىدار، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى، تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى، ئانالىز قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى، يېڭى شارائىتقا ماسلىشىش ئىقتىدار قاتارلىق) جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىپ بىرىنچى بولدى. تۆۋەندى بىز بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەقىللىق بولغان 10 ئادەم بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

    دۇنيادىكى %50 ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار نومۇرى 90 دىن 110 گىچە بولۇپ، %2.5 ئادەمنىڭ زېھىن بۆلۈنمىسىدە نۇقسان (يەنى IQسى 70 دىن تۆۋەن بولغانلار) بار بولۇپ، %0.5 ئادەملەر تالانت ئىگىسى ياكى تالانت ئىگىسى بولۇشقا يېقىنلىشىدىكەن (IQسى 140 دىن ئاشقانلار)، %2.5 ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى (IQسى 130 دىن ئاشقانلار)  بولىدىكەن. ئەمما زېھىن بۆلۈنمىسىنى يەنى IQنى بىر ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارنى سىناشنىڭ ئۆلچىمى قىلىنسا ناھايىتى سۇبيېكتىپ بولۇپ قالىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ مەسىلە ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىدىغان مەسىلە، چۈنكى بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، نەتىجە بىر ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئېچىپ بېرەلەيدىكەن.
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «دەرىجىدىن تاشقىرى ئالىم» تور بېتى IQدا ئېرىشكەن نەتىجىسىگە قاراپ ئەقلىي ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان 10 تالانت ئىگىسىنى تاللاپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە ھوللىۋوت چولپىنى جامېس ۋوئود ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى يازغۇچىسى رىك روسنېرمۇ بار.
    تۆۋەندە IQنومۇرىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بولغان تىزىلىشى بويىچە بۇ 10 ئادەم بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

    تاۋ جېشۈئەن: بۇ يىل 37 ياش، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئاۋسترالىيەلىك، IQسى 230.
    تاۋ جېشۈئەننىڭ ئاتا-ئانىسى شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، 1972-يىلى ئاۋسترالىيىگە كۆچۈپ كەتكەن، ئۇ 1975-يىلى ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلغان، بالىلارنىڭ چوڭى. ئۇ ئىككى يېشىدىنلا باشلاپلا ماتىماتىكىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، سەككىز يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەن، ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا 760 (تولۇق نومۇر 800) نومۇرغا ئېرىشكەن. توققۇز يېشىدا ئالىي مەكتەپ ماتىماتىكىسىنى تۈگەتكەن، 13 يېشىدا ئەڭ ياش خەلقئارا ماتىماتىكا ئولىمپىكى ئالتۇن مىدالىغا ئېرىشكۈچى بولۇپ قالغان، 1996-يىلى پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوس ئانژىلىستىكى تارماق مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان، 24 يېشىدا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوس ئانژىلىستىكى تارماق مەكتىپىنىڭ رەسمىي پروفىسسورى بولۇپ قالغان، 2006-يىلى ماتىماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى شەرەپ بولغان «فيېرز» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    كرىستوپھېر ھىراتا: 30 ياش، ئامېرىكىلىق، IQسى 225
كرىستوپھېر ھىراتا ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاتلاپ ئوقۇغان بولۇپ، 14 يېشىدا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتېتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 13 يېشىدا خەلقئارالىق ئولىمپىك فىزىكا ئالتۇن مىدالىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بولغان بۇ تۈردىكى ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن يېشى ئەڭ كىچىك ئادەم. 16 يېشىدا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىگە كىرىپ ئىنسانلارنى مارسقا كۆچۈرۈش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2001-يىلى 18 يېشىدا ئۇ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتېتۇتىنىڭ ماتىماتىما كەسپى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. تۆت يىلدىن كېيىن يەنى 2005-يىلى پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. كرىستوپھېر ھىراتا ھازىر كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتېتۇتى ئاسمان جىسىملىرى فىزىكا ئىلمى كەسپىنىڭ ياردەمچى پروفىسسورى.

    كىم ئۇڭيوڭ: 50 ياش، كورىيەلىك IQسى 210 بولۇپ، دۇنيادىكى زېھىن بۆلۈنمىسى ئەڭ يۇقىرى كىشىلەرنىڭ بىرى قاتارىدا «دۇنيا جىنس رىكورتى قامۇسى» غا كىرگۈزۈلگەن.
    كىم ئۇڭيوڭ 1962-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ئىككى يېشىدىلا تۆت خىل تىل بىلەتتى. 1966-يىلى تۆت يېشىدا كورىيەدىكى خەنياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئالاھىدە سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1974-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىگە كىرىپ تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1978-يىلى كورىيەگە قايتىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان، ئۇ ھازىر ئاممىۋى قۇرۇلۇش ئېنژىنېرى.

    رىك روسنېر: ئامېرىكا سەھنە ئەسىرى يازغۇچىسى، بۇ يىل 52 ياش، IQسى 192
رىك روسنېر تېلېۋىزىيە پروگراممىسى Jimmy Kimmelنىڭ سەھنە ئەسىرى يازغۇچىسى. ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىگە ئىگە. 1962-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان، يالىڭاچ ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئەر، يالىڭاچ مودىل، مۇز تېيىلىش مۇلازىمەتچىسى، قوغدىغۇچى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان.

    گارري كاسپاروۋ: 49 ياش، IQسى 190
گارري كاسپاروۋ 1963-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا تۇغۇلغان، روسىيە (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى) نىڭ خەلقئارالىق شاھمات ئۇستىسى، سابىق خەلقئارا شاھمات چىمپىيونى، يازغۇچى ۋە سىياسون. 22 يېشىدا يەنى 1985-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ياش خەلقئارالىق شاھمات چىمپىيونى بولغان. 2008-يىلى روسىيەنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان بولۇپ، قوللىغۇچىلىرى بىر قەدەر ئاز بولغاچقا، سايلامدىن چېكىنىپ چىققان.

    جامېس ۋوئودس: 65 ياش، IQسى 180، ھوللىۋوت چولپىنى
جامېس ۋوئودس 1947-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، زور كۆپچىلىك چولپانلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ بىر يۇقىرى مەلۇماتلىق چولپان، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوس ئانژىلىستىكى تارماق مەكتىپىدە ئالگېبرا ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا تولۇق نومۇر 800 نومۇرغا ، ماتېماتىكىدا 799 نومۇرغا ئېرىشكەن. چولپان بولغاندىن كېيىن كەسپىي ھاياتىدا ئېيمېرىيە مۇكاپاتىنىڭ ئىككى تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئىككى تۈرىدە ئىسمى ئاتالغان.

    ئاندرېۋ ۋىلېس: 1953-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ 59 ياش، ئەنگىلىيىلىك ماتىماتىك، IQسى 170، 2000-يىلى سىر ئۇنىۋانى بېرىلگەن. 1998-يىلى بېرلىندە ئېچىلغان خەلقئارا ماتىماتىكلار يىغىنىدا، ماتىماتىكا ساھەسىدىكى «نوبىل مۇكاپاتى» بولغان «فيېرز» ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    جۇدىت پولگار: 36 ياش، ۋىنگرىيىلىك، خەلقئارا شاھمات ئۇستىسى، IQسى 170
جۇدىت پولگار 1976-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋىنگرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئەگەر كىچىك بالا كىچىكىدىنلا ئالاھىدە بولغان مەشىقنى قوبۇل قىلسا ئالاھىدە نەتىجە قازىنىدۇ، دېگەننى ئىسپاتلاپ چىقماقچى بولىدۇ. دادىسىنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئىككى سىڭلىسى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا دادىسىنىڭ تەربىيە نەزىرىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىسپاتى بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن. ئۇ بىر خەلقئارالىق شاھمات ئۇستىسى، ئۇنىڭ ئىككى سىڭلىسىمۇ ئوخشاشلا ئالىم دەرىجىلىك شاھماتچى.

    پائۇل ئاللېن: 59 ياش، ئامېرىكىلىق كارخانىچى، IQسى 170
پائۇل ئاللېن 1953-يىلى ئامېرىكا سېئاتل شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋاشىنگتون شتات ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما سودا يۇمشاق دېتالىنى تۈزۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان، كېيىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان بىل گايتىس بىلەن بىرلىكتە 1975-يىلى يېڭى مىكسىكا شىتاتىدا مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرغان. 1982-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن مىكروسوفت شىركىتىدىن چىقىپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل مەغلەغ سېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر Vulcanشىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مۇدىرىيەت رەئىسى. مىكروسوفتنىڭ پايچېكىگە ئىگە بولغانلىقتىن، فوگس ژۇرنىلى  تەرىپىدىن دۇنيادىكى بايلارنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

    ۋسېۋىن ھاۋكىڭ: 70 ياش، ئەنگىلىيىلىك، نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى يېڭىلىق ياراتقان فىزىك ۋە ئالەمشۇناس، IQسى 160
ۋسېۋىن ھاۋكىڭ مەملىكەتلىك مىكروسوفت رادىئو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئۆزىنى ئەقىللىق دەپ ماختىغانلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولغۇچىلار (ئۆزىنى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەق)» دېگەن. ئەمما ئۇنىڭ IQسىنىڭ 160 ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.
    ۋسېۋىن ھاۋكىڭ 1942-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ ئوكسفورد شەھىرىدە تۇغۇلغان. نۇرغۇنلىغان پەن-تېخنىكا تەتقىقات نەتىجىلىرى سەۋەبلىك، ئېدىسوندىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئىلمىي مۇتەپەككۇر ۋە ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى دەپ قارالغان.
ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
مەن تاڭسىڭ ئەمەس
ئايال رازۋېتچىك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
قورىقماس رەقىپل...
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /article/hawar_2613.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
ئابدۇغىنى خال ئاقيول تورىدا زىيارەتتە!
ئاقيول تورىنىڭ يانفۇن تور بىكىتى ئىچىۋىتىلدى!
خوش-خەۋەر ئاقيول ئۈندىدار (微信) سالۇنى قۇرۇلدى
ئۈرۈمچى شەھىرى 23يۈرۈش«كۆچمە كىنوخانا»كىرگۈزد...
ئىراقنىڭ ئايال ساقچىلىرى 91 يىللىق بايرىمىنى ت...
شىزاڭدا 3.2 بال يەر تەۋرىدى
چاڭشادا قۇراللىق ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەردى
سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم غەلىتە ئىشلار
بۇلار پراۋىنى قانداق ئالغان بولغىيتى؟
يۈننەندىكى سىرلىق كۆل
پەلەستىن نامىنى رەسمىي ھالدا «پەلەستىن دۆلىتى...
بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونىنىڭ قىشلىق مەنزىرىسى
ئۈرۈمچىدىكى ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ بۇلاڭ...
چېڭ لوڭ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تەرتىپسىز تۇرمۇشىنى...
نەنسەن چوڭ جىلغىسىنىڭ قىشتىكى مەنزىرىسى
ئىلگىركى ‹دۇنيادىكى ئەڭ سىمىز ئادەم ›ئورۇقلاپ...
20 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئايال ئۆزىنىڭ 6 ئايلىق ئو...
ئالياسكىدا 7.8 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن 4.7 بال قا...
نوجىيانىڭ زىيىنى 3 مىليارد ياۋرۇپا پۇلىغا يەتت...
نوجىيا Lumia PLAY Xbox WP8 ئۇقۇمى يانفۇنى ئاشكارلاندى!...
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ياپونىيە باش ۋەزىرى: پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئارال...
تالىبان شاھزادە خاررىيغا يەنە بىر قېتىم تەھدى...
دۇنيادىكى ئاجايىپ شەكىل تۈزەش مىساللىرىنى كۆر...
بېن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە تۆھپە قوشقان ئايال...
گىرمانىيە چارۋىچىلىرى كالىنى تاغدىن قوغلاش با...
«بازا» 2-نومۇرلۇق كاتتىۋېشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ج...
كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئادەتتىن تاشقىرى مە...
دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق 10 ئادەم ھەققىدە نېمىلە...
پىززا دۇكىنى خوجايىنىنىڭ ئوبامانى «قۇچاقلىۋى...
ياپونىيە شىنىچ نىشىمىيانى جۇڭگودىكى ئەلچىلىك...
بېيجىڭ خەلق ئاممىسى ياپونىيەنىڭ دىياۋيۈ ئارىل...
رومنېي ئوبامانىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسىتىنى ...
2012-يىللىق «10 مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكىلىق فوتو سۈرە...
سەت بولىۋىلىش ئۈچۈن بۇرنىغا ياغاچ تىقىۋالىدىغ...
ئالىي مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا كەسپىدىكى 12 ياشلىق...
ھىندىستان:جۇڭگو رۇمنىينىڭ زۇڭتۇڭ بولۇشىدىن قو...
ئەنگىليىلىك ياش 200 فونستىرلىڭ خەجلەپ يەر شارنى...
رۇسىيەلىك ۋەھشىي ئەر پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ...
شياڭگاڭ تارتقۇسى: ياپونىيەنىڭ ئارالنى سېتىۋېل...
ئارمىيە گېزىتى: دىياۋيۈ ئارىلى جۇڭگونىڭ، ياپو...
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号