ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 10-سېنتەبىردىكى مەلۇماتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2011-يىلى 5-ئايدا بېن لادىننى ئىز قوغلاپ ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان ئامېرىكىنىڭ دېڭىز يىلپىزى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتى ئەزاسى مات بىسسونېت شۇ قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشتىن كېيىن، ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن ھەمدە مۇشۇ قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ تەپسىلاتلىرىنى كىتاب يېزىپ نەشر قىلدۇرغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، مات يېقىندا ئامېرىكا كولومبىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «60مىنۇت»پروگراممىسىدا تۇنجى قېتىم كىتابى توغرۇلۇق ئوچۇق ئاشكارا مۇلاھىزىدە بولغان ھەمدە بېن لادىننى ئۆلتۈرۈشكە غايەت زور تۆھپە قوشقان پەردە ئارقىسىدىكى ئايال قەھرىمان ئامېرىكا CIA نىڭ ئالاھىدە ئىشپىيونى «جەن» (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى»نى تىلغا ئالغان.
مات مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن، ئايال ئىشپىيون «جەن» ئامېرىكا CIA غا قوبۇل قىلىنغان ۋاقتىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن، ئۇ بېن لادىن ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى مۇشۇ ئىش بىلەن 5 يىل ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتكەن.