ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
بېيجىڭ ۋاقتى 5- يانىۋار سائەت 16:58 ئۆتكەندە ، ئامېرىكا ئالياسكا ئىشتاتى Craig نىڭ غەربىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 7.8 بال يەر تەۋرىگەن ، ئەينى چاغدا دېڭىز تاشقىنى پەيدا بولغان بولسىمۇ ، بىراق ئەتراپىتىكى يەرلىك كىشىلەرگە تەسىرى بولمىغان . قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن يەنە 4.7 بال قالدۇق يەر تەۋرىگەن .
تەۋرەش مەركىزى ئالياسكا ئالىكساندىرنىڭ غەربى جەنوبىدىكى 96 كىلومىترلىق بۈلىكىدە بولۇپ ، Craig نىڭ غەربىدىكى 102 كىلومىتىرلىق بۈلىكىگە توغرا كىلىدۇ .
تەخمىنەن 29 مىنۇتتىن كېيىن ، Craig نىڭ غەربىدىكى 133 كىلومىترلىق بۈلىكىدە يەنە بىر قېتىم 4.7 بال يەر تەۋرىگەن ، تەۋرەش چوڭقۇرلىقى 9.9 كىلومىتىر بولغان .
ھازىرغىچە قازا قىلغان ۋە يارلانغانلار توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق .
تېچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنى ئالدىن مەلۇمات بېرىش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش چوڭ كۈلەملىك دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلمىغان بولسىمۇ ، بىراق ئالياسكا ئىشتاتنىڭ دېڭىز بۇيى رايۇنلىرىغا دېڭىز تاشقىنىدىن مۇداپىئەلىنىش سىگنالى تارقىتىلغان .