ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ياپونىيە ھۆكۈمىتى 11- سېنتەبر ئىچكى كابىنېت يىغىنى ئېچىپ، تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل تاشقى ئىشلار مۇھاكىمىچىسى شىنىچ نىشىمىيانى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىگەن.


شىنىچ نىشىمىيا 1952- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 2005- يىلى 8- ئايدىن باشلاپ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئىقتىساد ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى بىر يىل ئۆتىگەن. 2007- يىلىدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار ۋازارىتى شىمالىي ئامېرىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 2010- يىلى 2- ئايدىن باشلاپ ياپونىيەنىڭ نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى بولغان، 2011- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل تاشقى ئىشلار مۇھاكىمىچىسى بولغان.