ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
ماۋپۇ تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان خىزمەت ئورنىدا خىزمەتدىشىنى ھاقارەتلىدى ھەم ئۇردى، «خۇەنجۇ مەلىكە»دىكى ئىپارخاننىڭ رولىنى ئالغان مەدىنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرى، نېمە سەۋەبتىن شۇنداق بولغانلىقىنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرماي. تۇرسۇنئاي بىلەن ئاچىسى مەدىنەنى ماشىنىغا بېسىپ ئۇلانبايغا ئېلىپ بېرىپ قاتتىق ئۇرغان، يەنە ئەگەر يۇقىرىغا مەلۇم قىلسا قىزى ئىككىسىگە كۆرگۈلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان!مەدىنە يېقىندىلا تېخى دادىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ناھايىتى بىچارە بولۇپ قالغانىدى.
بۇ خەۋەرنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى ۋە ئىشلارنى ئاشكارىلىغۇچى 暴风雨门栓 ئىسىملىك تورداش.



تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان1964-يىلى تۇغۇلغان، شىنجاڭنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ناخشىچىسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد ئۇسسۇلچىلىرىنىڭ ۋەكىلى. ئۇ داڭلىق ئۇسسۇل پىرى قەمبەرخانىمنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ئوقۇغۇچىسى، داڭلىق سەنئەتچى ئىبراھىمجاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى شاگىرتى، ئۇ مەملىكىتىمىزدىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز تالانتىنى نامايان قىلغان يېڭى يۇلتۇز، ئۇنىڭ تالانت ھەم تەسىرچانلىق چىقىپ تۇرىدىغان ئۇسۇللىرى شىنجاڭنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈپلا قالماستىن يەنە غەربىي ئاسىيانى قايىل قىلىپ ئۇنى شىنجاڭ خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ياش ئۇسسۇل پىرى سەنئەت پەخرى قىلدى.

مەدىنە مەمەت 1987-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، كەسپى مودىل ۋە ئارتىس، ئىنگىلىزچە ئىسمى vicky، بوي ئىگىزلىكى 170 سانتىمىتىر، بەدەن ئىغىرلىقى 48kg، خىزمەت ئورنى شىنجاڭ تىياتېر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى.
ئۇ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن كىنۇ ئارتىسى ۋە ئۇسسۇلچى. شىنجاڭ تىياتېر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ غوللۇق ئارتىسى، ئۇ يېڭىدىن ئىشلەنگەن «مەلىكە خوەنجۇ» دا ئىپارخاننىڭ رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىكەن.

مەدىنەنىڭ كىچىك ئارخىپى:
قان تىپى: O
دىنىي ئىتىقادى: ئىسلام دىنى
قىزىقىشى: ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش، بازار ئايلىنىش، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش، كىنو كۆرۈش، مۇزىكا ئاڭلاش
ئەڭ ياقتۇرۇدىغان چولپان: Will Smith
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسسۇل: newstyle، girls hiphop ۋە شىنجاڭ ئۇسسۇلى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو: بىللە ئويناپ چوڭ بولۇش
ياخشى كۆرىدىغان تاماق تۈرلىرى:يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى،يەل قازان شورپىسى، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى تاماقلىرى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىۋىسى: قۇمۇل قوغۇنى
ياخشى كۆرىدىغان رەڭلەر: ئاق، ھالرەڭ ۋە سېرىق
ياخشى كۆرىدىغان زىننەت بۇيۇمى: مارجان
ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرى: پەي توپ ۋە يۈگۈرۈش
ياخشى كۆرىدىغان دۆلىتى: ئاۋىستىرالىيە
ئۇنتىيالمايدىغان ئىشى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى
ئەڭ بىزار بولىدىغان ئىشى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى
ئەڭ چوڭ ئارزۇسى: چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ OL سى بولۇش
مەدىنەنىڭ بىر قىسىم رەسىملىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ













