ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
جياڭسۇدىكى بىرقىسىم ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ھەقسىز ئوقۇشقا قوبۇل قىلىدۇ
جياڭسۇ ئۆلكىسى 2012-يىلى ئالتە ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپنىڭ قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئوقۇشقا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئوقۇش راسخوت پۇلى، ياتاق پۇلىنى ھۆكۈمەت پۈتۈن سوممىسى بۇيىچە ئۆستىگە ئالىدىغانلىقىنى ھەمدە ئەمەلىي مەكتەپتىكى ۋاقتىغا قاراپ مۇناسىپ تۇرمۇش تولۇقلىما پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بېكىتتى.
جېجياڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2012-يىلى 400نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان، 2012-يىلى قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە تىزىملىتىپ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنىڭ 2011-يىلنىڭكىدىن يوقۇرى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچى مەنبەسىگە ئاساسەن پىلاننى مۇۋاپىق كۆپەيتىدىكەن.
بۇ ئالتە ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جېجياڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىي ئېنىستىتۇتى، جېجياڭ ماشىنىسازلىق-ئېلىكترون كەسپىي تېخنىكا ئېنىستىتۇتى، جېجياڭ ساقچى-ئوفىتسىرلار كەسپىي ئېنىستىتۇتى، جېجياڭ ساياسەتچىلىك كەسپىي ئېنىستىتۇتى، جېجياڭ سودا كەسپىي تېخنىكا ئېنىستىتۇتى ۋە جېجياڭ قۇرۇلۇش كەسپىي ئېنىستىتۇتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
قىسىمدىن قايتقان ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جېجياڭ ئۆلكىسى 2011-يىلى تۈنجى قېتىم ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر قىسىمدىن قايتقان ھەربىيلەرنى قوبۇل قىلىشنى سىناق قىلغان بولۇپ، ھەر يىلى تۆت ئالىي مەكتەپ نۇقتىدا سىناق قىلىشقا قاتنىشىدۇ.