ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دوكىلاتى ،ئافغانىستاننىڭ ئىچىكى ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى :ئافغانىستان ساقچى تەرەپ بىر ھەپتە ئىچىدە ھەرخىل مەزھەپتىكى 156 نەپەر تېرورچى ئۇنسۇرلارنى قولغا ئالدى .ئىچىكى ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى :ئاغانىستان دۆلەت ساقچىلىرى مەملىكەت ئىچىدىكى بىر قىسىم قورشاپ يوقىتىش ھەركىتىدە ،156 نەپەر جىنايەتچىنى قولغا ئالدى .بۇ بىر قىسىم كىشىلەر تېرورلۇق ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار .
ئالدىنقى ھەپتە ،ئافغانىستان دۆلەت ساقچىلىرى 12 قېتىم ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەركەت ئېلىپ بارغان ،شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن 23 قېتىم ھەمكارلىشىپ ھەركەت قىلىغان ،تېرورچى ئۈنسۇرلارنىڭ قۇلىدىن 624 ھەر خىل مىنالارنى 167 ئاپتۇماتىك مېلتىق .ئافغانىستان ساقچىلىرى 30 مىڭ كىلو زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن .
مەنبەسى :خەلقئارا ئاخبارات لېنىيسى