2011-يىلى 3-ئايدا، دەۋىد جىنايىتىدىن قورقۇپ بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولغان لېكىن مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان، كېيىن ئۇ تەكشۈرگۈچى خادىملارغا ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى بۇزىۋەتكەنلىك جىنايىتى ئىقرار قىلغان.
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، لوس-ئانجىلىس ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دېلوغا سوت ئاچقان، بىنادىن سەكرەپ يارىلانغان دەۋىد چاقلىق ئورۇندۇقتا سوتقا قاتناشقان، سوت قىلغاندا دەۋىدنىڭ سوراق قىلىنغان چاغدا ئىقرار قىلغان ئۈنئالغۇسى قويۇپ بېرىلگەن.
دەۋىد ئۈن ئالغاندا، ئۆزىنىڭ 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، قاتتىق ئاچچىقىدا ئايالىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكى، ئاندىن ئايالىنىڭ جەسىتىنى قايناقسۇدا ئېزىلىپ كەتكۈچە ئۇدا تۆت كۈن قايناتقانلىقىنى ئېيىتقان. ئۇ ئارقىدىن ئېزىلىپ كەتكەن جەسەتنى باشقا نەرسىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ رېستۇراننىڭ ئەخلەت ئورىكىگە، يەنە بىر قىسىملىرىنى ئەخلەت دۆۋىسىگە تاشلىۋەتكەن.
دەۋىد، ئايالىنىڭ جەسىتىنى قايناتقاندىن كېيىن، پەقەت باش سۆڭىكى قالغانلىقى، شۇڭا ئۇ باش سۆڭىكىنى ئانىسىنىڭ ئۆيىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيىتقان، نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ باش سۆڭىكىنى تېخى تاپالمىغان.