ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
چاڭشالىق بىر دادا چاغاننىڭ1-كۈنى ئوغلىنى راھىب بولۇشقا قىستىغان.
چاغاننىڭ1-كۈنى،12 ياشلىق شاۋلۈ دادىسىنىڭ قىستىشى بىلەن يۆياڭغا راھىب بولۇپ گۇمپا ئۆگەنگىلى كەلگەن.بۇتخانىغا كېلىپلا،ھەم ھەيران ھەم قۇرقۇش ھالىتىدە تۇرغان شاۋلۈ دادىسىنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان ھالىتىدىن پايدىلىنىپ قېچىپ خۇنەن ئۆلكىلىك يۆياڭ پويىز ئىستانىسىغا بېرىپ،ساقچى تاغىنى تېپىپ:«مەن بالىلارنى قوغداش مەركىزىگە بارىمەن.»دېگەن.
1- ئاينىڭ26-كۈنى18دىن30مىنوت ئۆتكەندە،چاڭشا تۆمۈر يول جامائەت خەۋىپسىزلىك باشقارمىسى يۆياڭ بېكىتى ساقچىخانا دىجۈرنە ئۆيىنىڭ ئىشىكى دوڭ-دوڭ قىلىپ چېكىلدى.مۇئاۋىن سوجاڭ يۈەن ۋېن،ساقچى پېڭېيجاڭ ئىشىكىنى ئېچىپ،ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئورۇق بىر ئوغۇل بالىنى كۆردى،ئۇ ھۇدۇققىنىچە:«ساقچى تاغا مېنى قۇتقۇزۋېلىڭ،سىلەر مېنى بالىلارنى قوغداش مەركىزىگە ئاپىرىپ قويۇڭلار!»دېگەن.ساقچى ئۇنى ئۆيگە ئەكىرگەندىن كېيىن،نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغان.ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ،ئسىمىنىڭ لۈ**ئىكەنلىكىنى،خۇنەن ئۆلكىسى شاۋياڭ شەھىرى شىنياۋ ناھىيىسى چىنجىيافاڭدىن ئىكەنلىكىنى،ھازىر 12 ياشتا بولۇپ،باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ5-يىللىقىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى،سىنىپتا ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى دېگەن.لېكىن گۇمپىغا ئامراق دادىسىنىڭ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۋېلىپ ئۆزىنى بۇتخانىغا كېلىپ گۇمپا ئۆگىنىشكە زورلىغانلىقىنى،1-ئاينىڭ23-كۈنى چاغاننىڭ 1-كۈنى ئالداپ ئۆزىنى شىنشاۋدىن يۆياڭغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى،ھەم كىنودىكى شىياۋلىن ئىبادەتخانىسىدىكى كىچىك راھىبقا ئوخشاش تەڭداشسىز گۇمپا ئۆگىنىدىغانلىقىنى دېگەن.
شىياۋلۈ يۆياڭ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر بۇتخانىغا بارغاندىن كېيىن، بۇتخانا ئىچىنىڭ ناھايىتى مەينەت ھەم قالايمىقان ئىكەنلىكىنى،راھىبلار كىىيىۋالغان كىيىملەرنىڭ ناھايىتى كونىراپ يىرتىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ،ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىغا قەتئىي ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ،بەك ئۈمىدسىزلەنگەن،بىر نەچچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ ھېچقانداق گۇمپا ئۆگىنەلمىگەن.1-ئاينىڭ26-كۈنى،بۈتخانىدىكى ئادەملەرنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ بۇتخانىدىن قېچىپ چىققان.نەچچە سائەت قاچقاندىن كېيىن،يۆياڭ پويىز بېكىتىگە كەلگەن.قۇرقۇتۇشقا ئۇچرىغانلىقتىن ياكى دادىسىغا ئۆچ بولۇپ كەتكەنلىكتىنمۇ شىياۋلۈ دادىسىنىڭ ئىسمىنى ھەم ئالاقىلىشىش نۇمىرىنى قەتئىي دەپ بەرمىگەن.ساقچى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نوپوس ئۇچۇر سېتىمىسىغا چىقىپ،ئۇنىڭ شىنشاۋ ناھىيىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن،شىنشاۋ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلفون قىلغان ھەم ئۇلار ئارقىلىق شىياۋلۈنىڭ دادىسى بىلەن ئالاقىلاشقان.دادىسى بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن،دادىسى ئۆزىنىڭ ئاددىي ئويلاپ قۇپاللىق قىلىپ قويغانلىقىدەك خاتالىقى توغرىسىدا ئويلانغان،ھەم بۇنىڭدىن كېيىن ئوغلىنىڭ راھىغا باقىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنى گۇمپا ئۆگىنىشكە زورلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.