ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
گۇاڭجۇ لۈڭلۈ غەربى يولىدىكى بىر ئۆيدە كۆمۈر گازى پارتىلاپ كېتىپ ئۆيىنىڭ ئۆگزى ئۆرۈلۈپ چۈشتى
بۈگۈن سەھەر سائەت تۆتتە لۇڭلۈ غەربىدىكى بىر ئائىلىنىڭ كۈمۈر گازى پارتىلاپ كېتىپ،ئۆيىنىڭ ئۆگزى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
«پوڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن كاھىش پارچىسى،ئەينەك پارچىلىرىنىڭ يەرگە چۈشكەن ئاۋازى ئاڭلاندى».بۈگۈن ئەتىگەن سەھەر سائەت تۆتتە،گۇاڭجۇ شەھىرى لىۋەن رايونىدىكى لۇڭلۈ غەربى يولىدىكى ليۇجياسى ئوتتۇرا كوچىسىدىكى بىر ئائىلىنىڭ ئۆيىدىكى كۆمۈر گازى پارتىلاپ كەتكەن،خوشالىنارلىقى ئۆي ئىگىسى پەقەت يىنىك دەرىجىدە تېرىسى زەخمىلەنگەن.نۆۋەتتە،بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى يەنە بىر قەدەمدە تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
قارشى تەرەپتىكى ئۆينىڭ تېمى تېشىلىپ كەتكەن.
مۇخبىر4تىن 50نەچچە مىنوت ئۆتكەندە نەق مەيدانغا بېرىپ،نەق مەيداننىڭ ساقچى تەرەپتىن قامالغانلىقىنى،پارچىلىنىپ كەتكەن كاھىش،خىش،ئەينەك پارچىلىرىنىڭ ھەممە يەرگە چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن.ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىنىڭ سىرتقى تەرىپىدىن قارىغاندا،پارتىلاش يۈز بەرگەن ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ،مەزكور ئۆينىڭ ئۇدۇلىسىدىكى يېرىم مېتىرغا يەتمەيدىغان ئۆيمۇ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ،تېمى تېشىلىپ كەتكەن.
قوشنىسى ئېتىپ قويغان ئىشىك ئېچىلىپ كەتكەن
يېقىندىكى نۇرغۇن ئائىلىكلەرمۇ پارتىلاشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ،ئىشىك دەرىزىلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.ۋەقە چىققان ئۆي خوشىنىسىنىڭ كەيپىياتى تېخى تېنىچلانمىغان بولۇپ،ئەر ئۆي ئىگىسى مۇخبىرغا دېيىشىچە،ئۇ ئايالى بىلەن ئايالى ئۇخلاۋېتىپ«پوڭ»قىلغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەن،ھەم دەرىزىلەر تەۋرىنىپ چېقىلىپ كەتكەن،ئۆي تاقاقلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگۈرۈپ سولاپ قويغان ئىشىك ئېچىلىپ كەتكەن. ئايال ئۆي ئىگىسى ئۆي كاھىشلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ،پارتىلاش يۈز بەرگىنىنى پەرەز قىلىپ، دەرھال110 غا مەلۇم قىلغان.
ئۆي ئىگىسى ئا تاغىنىڭ قولىنى كاھىش پارچىسى تىلىپ زەخمىلەندۈرگەن
مۇخبىرنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشىچە،ۋەقە يۈز بەرگەن ئۆينىڭ ئىگىسى ياشانغان بىر جۈپ ئەر-خوتون بولۇپ،قوشنىسى گو خانىم:«ئۇلار ھەر ئىككىسى 60 نەچچە ياشقا كىرىپ قالدى،ھازىرغا قەدەر مۇشۇ يەردە تۇرۇۋاتىدۇ،ئادەتتە كۆپچىلىك بىلەن ناھايىتى يېقىن.»دېگەن،گو خانىمنىڭ دېيىشىچە،بۇ ئەر-خوتۇن ئۆينىڭ بالىخانىسىدا تۇرغاچقا،بەخىتكە يارىشا ئىككىسىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن،پەقەت ئا بوۋىنىڭ قولىنى كاھىش پارچىسى تىلىۋېتىپ،ئازراق قان ئاققان.
ئىشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى گاز قېچىشتىن بولغان دەپ گۇمانلانغان
چاغاننىڭ6-كۈنى،مەھەلىداشلار بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەرگىنىگە ئەپسوسلانغان.بىر قوشنا مۇنداق دېدى:«چاغاننى ئۆتكۈزۈپ بولمايلا كۆپچىلىك ئويلاشنى خالىمايدىغان بۇنداق ئىش يۈز بەردى،لېكىن ئادەمنىڭ ھېچىنىمە بولمىغانلىقى،بەخىتسىزلىك ئىچىدىكى چوڭ تەلەي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
نەق مەيداندىكى خادىملارنىڭ ئاشكارلىشىچە،دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ئىشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى گاز قاچقانلىقىدىن دەپ گۇمانلانغان،لېكىن ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان،كونكىرىت سەۋەبىنى يەنە تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن.