تۇتۇلغان جىنايەتچى
تۈنۈگۈن بولسا چاغاننىڭ 5-كۈنى يەنى دىتەن بۇتخانىسى چاغان مەزگىلىدە قارشى ئالىدىغان يولۇچىلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان كۈن.چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:40ئۆتكەندە بۇتخانىغا كىلىدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىغان ساقچىلارمۇ بۇتخانىنى چارلاۋاتقان ئىكەن .دەل شۇ پەيىتتە بىر ئوغرى ئاپىسى بىلەن بىللە بۇتخانىغا كەلگەن بىر قىزنىڭ كەينىگە چۈشىۋالغان ئىكەن ھەم ئۇزۇن ئۆتمەي قىزنىڭ سومكىسغا قول ئۇزىتىپتۇ ۋە قىزبايقاپ قاپتۇ ، قىز ئۇنىڭغا بىر ئالېيىپ قويۇپتۇ ، ئوغرى ئۈمىدىنى ئۈزمەي يەنە ئۇلارغا ئەگىشىپتۇ ،چۈشتىن كېيىن سائەت 3 يېرىم ئەتراپىدا قىز ئاپىسى بىلەن بىللە كىچىك ئاشپۇزۇلدا تاماق يەۋاتقاندا ئوغرى يەنە قىزنىڭ سومكىسغا قولىنى ئۇزىتىدۇ ھەم قىز بايقاپ قېلىپ دەرھال ئوغرىنىڭ قولىنى تۇتىۋالىدۇ ،دەل شۇ پەيىتتە بۇتخانىنى چارلاۋاتقان ساقچىلارمۇ بۇ ئىشنى بىلىپ ئوغرىنى قولغا ئالىدۇ .
ئەسلىدە بۇ ئەرنىڭ ئىسمى ليۇ**بولۇپ بۈگۈن بۇتخانىغا خەجلىگۈدەك پۇل تېپىۋىلىش مەقسىتىدە كەلگەن ئىكەن . ئەڭ قىزقارلىقى شۇكى ئۇ نەچچە كۈن ئاۋۋال دوستى بىلەن تاماق يەۋاتقاندا ماجىرا چىقىپ ئوڭ قولى يارلانغان ئىكەن . ئۇ بۇ قېتىم ئوغرلىقنى سول قولىدا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېنتايىن دۆتلۈك قىپتۇ .ساقچىلار ئۇنىڭ يېنىدىن يەنە بىر قىزىل رەڭلىك يان تېلفون ئاختۇرۇپ تاپقان ، تەكشۈرۈشتىن بۇ تېلفوننىڭ بىر قىزنىڭ ئىكەنلىكى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەر ئەتىراپىدا ئوغرلانغانلىقى مەلۇم بولغان .