ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

يەر شارى تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى، سام باسىلى ناكۇلا رېژىسسورلۇق قىلغان «مۇسۇلمانلار نادانلىقى»ناملىق فىلىم پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىھۈرمەتلىك قىلىپ، مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن زور قارشىلىقلارغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭدىن سىرت ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى BBCنىڭ 1- قانىلىدا 27- ئاۋغۇست كەچتە كۆرسىتىلگەن «شەھەر ئاھالىسى خان» ناملىق كومېدىيىلىك فىلىمنىڭ 1- قىسمى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئاغرىنىشى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، «مۇسۇلمانلار مەسخىرە قىلىنغان»،«ئاسىيالىقلارغا قارىتا ئۆلۈك تەسىرات ساقلانغان»، «قۇرئانغا ھۆرمەت قىلىنمىغان»دەپ قارالغان. شۇڭا يېقىندىن بۇيان، مۇسۇلمانلار رايونىدا «ئامېرىكىغا قارشى چىقىش»دولقۇنى ئەۋجىگە چىقىپ نۇرغۇن نامايىسلار، قارشىلىق ۋە نارازىلىقلار بولۇۋاتماقتا. ئەمما، دىنغا بىھۈرمەتلىك قىلغان فىلىم «مۇسۇلمانلار نادانلىقى»، «شەھەر ئاھالىسى خان»قاتارلىق ئىككى فىلىملا ئەمەس. بۇ ئىككى فىلىم ئىشلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا «داۋېنچنىڭ مەخپىيىتى»، «دىنىي ئەقىدىلەر»قاتارلىق بىر قانچە فىلىم دىنىي مەسىلە تۈپەيلى زور مۇنازىرە ۋە تالاش تارتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان.

«مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقى »
«داۋېنچنىڭ مەخپىيىتى »
«جەنۇبتىكى باغچا »
«خرىستوسنىڭ ئاخىرقى ئازدۇرۇشى»
«ئالۋاستى»
«ھاملېت »
«سالام مارىيا»
«دىنىي ئەقىدىلەر»(دوگما)
«بويسۇنماق»
«بىرايىننىڭ ھاياتى»