تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

قوي بۆرىكى ئىككى دانە، ياڭاق مېغىزى ئالتە دانە، سەۋزە 200گرام، ئالقات 10 گرام، تۇز ئاز مىقداردا
يۇقارقى دورىلارنى تەرتىپى بويىچە پىشۇرۇپ شورپا قىلىپ تەييارلاپ ئىسسىق پېتى ئىچىلىدۇ.
تەسىرى: باھ ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ،ماغدۇر پەيدا قىلىدۇ. ئىمكانىيەت بولسا بىرەر ئاي ئۈزۈلدۈرمەي تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى.

قۇشقاچ گۆشى تۆت دانە، ياڭاق مېغىزى ئالتە دانە، قىزىل ئۈزۈم بىر سىقىم، كاۋاۋىچىن،قەلەمپۇر ،خولىنجان بىر گرامدىن،بۇلاردىن شورپا تەييارلاپ ئىسسىق پېتى ئىچىلىدۇ.
باھ ۋە بۆرەكنى ، پەي-مۇسكۇللارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، روھنى كۆتۈرىدۇ.

يېڭى ساغقان كالا سۈتى بىر پىيالە، دارچىن تالقىنى تۆت گرام
دارچىن تالقىنىنى كالا سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇپ ھەر كۈنىگە ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم ئىچىپ بېرىلىدۇ.
ئەر – ئاياللاردىكى جىنسى ھەۋەس ئاجىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇ ئارىدا جىنسى مۇناسىۋەتتىن پەرھىز تۇتىدۇ.

كالا سۈتى بىر كىلوگرام، ساپ تەرەنجىبىن 210گرام
ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قۇيۇپ، تەرەنجىبىن ئېرىپ بولغاندىن كېيىن سۈزۈپ،ئەخلەتلىرىنى تاشلىۋېتىپ، دورا سۈيىنى قاينىتىپ، قىيام بولغاندا كۈندە ئىككى قېتىم 30 گرامدىن ئىچىپ بېرىدۇ.
قۇرۇقلۇق ۋە سەپرادىن بولغان جىنسى ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ، مەنى كۆپەيتىدۇ ۋە قۇيۇلدۇرىدۇ.

يەرلىك تۇخۇمنى چالىراق پۇشۇرۇپ، كۇندۇر ياكى بوزۇغا سېپىپ يەپ بەرسە بەدەننى،باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ھەر قېتىملىق مىقدارى ئىككى ياكى ئۈچ تال بولۇش كېرەك.

نوقۇتتىن بىر سىقىم، خوتەننىڭ قۇرۇتۇلغان قىزىل ئۈزۈمىدىن بىر سىقىم، ياڭاقتىن ئىككى تال، تۇخۇم سېرىقىدىن ئىككى تال يەپ،بۇنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا بۆرەك ،باھ ۋە ئۇمۇمى بەدەن ئاجىزلىقىغا ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ، زەكەر تىكلەنمەسلىك ۋە مەنى بالدۇر كېتىشكە بەك ياخشى تەسىر قىلىدۇ.

تادۇبەگ ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى تەييارلىدى.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....