تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

opke siliبۇ كېسەل سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ھايۋانلارنىڭ سۈتىنى ئىچىش ياكى گۆشىنى يېيىش ۋە سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر بىلەن دائىم بىللە بولۇش ياكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى بىللە ئىشلىتىش سەۋەبىدىن سىل جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئۆپكىدە سىل كېسەللىك ئوچىقى شەكىللىنىپ، كلىنىكىدا يۆتىلىش، قان تۈكۈرۈش، چۈشتىن كېيىن قىزىش، ئوغرى تەرلەش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۈندىن – كۈنگە ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يۇقۇملۇق ( سوزۇلما ھالەتتىكى يۇقمايدۇ ) كېسەللىك.
l ) يېمەك – ئىچمەك بىلەن داۋالاش پرىنسىپى:-

قۇۋۋەتلىگۈچى لەتىف غىزالار ۋە داۋائى غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. ئاقسىل، ۋىتامىن C، ۋىتامىن A ۋە كالتسىي مول بولغان، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ سەمرىتىدىغان، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەردىن گۈلقەنت ( كونا گۈلقەنت بولسا تېخىمۇ ياخشى )، ھەسەل، كالا سۈتى، ئۆچكە سۈتى، تۆگە سۈتى، پاقلان گۆشى، توشقان گۆشى، قۇشقاچ گۆشى، باچكا گۆشى، سامساق، چامغۇر، سەۋزە، بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، ئۆرۈك مېغىزى، پىستە مېغىزى، چىلان، بېھى، ئاق قوناق، بۇغداي، گۈرۈچ ۋە ئۇلارنى خام ئەشيا قىلغان ھەرخىل غىزالارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم.

2) يېمەك – ئىچمەك بىلەن داۋالاش
(1) چىلانما: سامساقتىن 250 گرام، ئۆرۈك مېغىزى 50 گرام، ئاق شېكەر l00 گرام، تۇز ئون گرام، ئاچچىقسۇ 250 مىللىلىتىر. سامساقنىڭ سىرتقى پوستىنى ئېلىۋىتىپ، تۇز سۈيىگە 24 سائەت چىلاپ، ئاق شېكەرنى ئاچچىقسۇدا ئېرىتىپ، ئۆرۈك مېغىزىنى يۇمشاق ئېزىپ، تۇز سۈيىگە چىلانغان سامساق بىلەن بىرلىكتە ئېرىتىلگەن ئاچچىقسۇغا سېلىپ، 15 كۈن تۇرغۇزۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا تاماققا سېلىپ ياكى يالغۇز ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ

(2) گۈلسامساق تاتلىق ئېشى: گۈلسامساق 20 گرام، يۇمىلاق گۈرۈچ l00 گرام، ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا. گۈلسامساقنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئاندىن ناۋاتنى سېلىپ تەمى تەڭشىلىپ، كۈندە بىر ۋاخ تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

(3) سۈتلۈك مېغىز ئېشى: مايدا قورۇلغان ياڭاق مېغىزى 80 گرام، چامغۇر 80 گرام، گۈرۈچ 60 گرام، كالا سۈتى 200 مىللىلىتىر، ئاق شېكەر 20 گرام. ئاۋۋال گۈرۈچنى يۈيۈپ، سۇغا بىر سائەت چىلاپ، ئېلىپ قۇرۇتۇپ، قورۇلغان ياڭاق مېغىزى، پاكىز يۇيۇپ توغرالغان چامغۇر ۋە كالا سۈتى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قاينىتىپ يۇمشاق ئېزىپ، داكا بىلەن قايتا – قايتا سۈزۈپ، سۈيىگە يەنە ئازراق سۇ قوشۇپ، ئۈستىگە گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىپ، ئاخىرىدا ئاق شېكەرنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، كۈندە بىر قېتىم تەييارلاپ چۈشلۈك تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(4) نىشاستە ئۇمىچى: قوي گۆشى 500 گرام، نىشاستە 60 گرام، زەنجىۋىل ئون گرام. قوي گۆشى بىلەن زەنجىۋىلنى پاكىز تازىلاپ، نېپىز توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئۈستىگە نىشاستىنى سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇز بىلەن تەمىنى تەڭشەپ، سۇيۇق ئۇماچ تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(5) قوي گۆشى شورپىسى: پاقلان گۆشى l50 گرام، چامغۇر 60 گرام، سەۋزە 50 گرام، چۈچۈكبۇيا 20 گرام، نوقۇت 30 گرام، قىزىلگۈل l5 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. قىزىلگۈل بىلەن پوستى ئاقلىنىپ چالا سوقۇلغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى ئۈچ كىلوگرام سۇدا 20 مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە يالپاق توغرالغان گۆش، سەۋزە، چامغۇر ۋە نوقۇتنى سېلىپ قاينىتىپ، شورپا تەييارلاپ، تۇزىنى تەڭشەپ، ئەتىگەنلىك ناشتىدا نان بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

(6) چايلىقلار
① تەركىبى: بېھى 16 گرام، چۈچۈكبۇيان يىلتىزى 6 گرام، ياۋا قولماق 32 گرام.
تەسىرى: ئۆپكە سىلىغا شىپا بولىدۇ، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.

تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: بېھىدىن باشقىلىرىنى چالا سوقۇپ، ئۈچ چىنە سۇدا قاينىتىپ، دورىنىڭ تەمى چىققاندىن كېيىن سۈزۈپ، چاي ئورنىدا ئىچىلىدۇ.
② تەركىبى: قىزىلگۈل، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيان، ئاق سەندەل، لاچىندانە، ئۈستقۇددۇس، بىنەپشە، ئىت ئۈزۈمى، شاھتەررە، نېلۇپەر، زۇپا ھىندى، پىرسياۋشان 10 گرامدىن..
تەسىرى: ئۆپكە سىلى بىلەن سوزۇلما كاناي ياللۇقىغا شىپا بولىدۇ، سىل قىزىتمىسىنى قايتۇرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.

تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا ياكى يىرىكرەك سوقۇپ، ھەر قېتىم 5 ـ 10 گرامدىن بىر چىنە قايناقسۇدا دەملەپ قىزىق ئىچىلىدۇ
3) يېمەك – ئىچمەك پەرھىزى :
كالا گۆشى، خوشاڭ، بولاق مانتا، لازا، لەڭپۇڭ، سېرىقئاش قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، چۈچۈمەل ۋە زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
1. نەملىك، پاسكىنىچىلىق، ئاپتاپ چۈشمەيدىغان، ھاۋا ياخشى ئالماشمايدىغان ئورۇنلاردا ياشىماسلىق، بوغىناق، چاڭ – توزاڭلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىدىغان كەسىپلەردىن ساقلىنىش، كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان، ياخشى، پاكىز، ھاۋالىق ئورۇنلاردا ياشاش لازىم. نەم جاي ، پاسكىنا ئورۇن، چاڭ – توزاڭلار بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ يامان قوزغاتقۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ.
2. ئوزۇقلۇق ماددىلىرى تولۇق بولمىغان كەم قۇۋۋەت تاماقلارنى يېمەسلىك، بەلكى تېز سىڭىدىغان، قۇۋۋەت دەرىجىسى يۇقىرى بولغان تاماقلارنى يېيىش لازىم. قالايمىقان يەۋېرىپ قۇۋۋىتى ھازىمەنى خاراپلاشتۇرۇۋەتسە ئەكسىچە بەدەن ئاجىزلاپ ئاسانلا سىل كېسەللىكىگە مايىللىشىپ قالىدۇ.
3. ھاراق، شاراب، نەشە قاتارلىق مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك..
\
4. ھەددىدىن ئارتۇق ھېرىپ چارچاشتىن ساقلىنىش لازىم.
5. كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا ئۇخلىماسلىق، بەك ئادەم كۆپ ئورۇندا مۇمكىنقەدەر تۇرماسلىق كېرەك.
6. ھەمىشە بۇرۇن ئارقىلىق تىنىش، ئېغىز ئارقىلىق تىنماسلىق كېرەك. ئۆپكىنىڭ پۈتۈن قىسىملىرىغا باراۋەر ھاۋا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىمكانقەدەر چوڭ – چوڭ تىنىش، ئۇخلىغان چېغىدا ئېغىز بۇرنىنى چۈمكەپ قويماي ئوچۇق قويۇش لازىم.
7. ياتىدىغان ئۆيدە ھېچقانداق ئىس – تۈتۈن بولماسلىقى كېرەك.
8. خام سۈت ئىچمەسلىك، قاينىتىپ ئىچىش كېرەك.

9. تاماق يېگەندە قولىنى، قاچا – قۇمۇچلىرىنى پاكىز يۇيۇش، سىل كېسىلى بارلارنىڭ قاچا – قۇمۇچلىرىنى ئايرىشپ كېرەك. شۇنداقلا سىل كېسىلى بارلار بىلەن ئولتۇرۇپ تاماق يېمەسلىك لازىم.
10. سىل كېسىلى بارلارنىڭ تۈكۈرگەن بەلغەملىرىنى ۋە بەلغەم يوققان لۆڭگىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش ياكى پاكىز يۇغاندىن كېيىن داستا قاينىتىۋېتىش كېرەك.

11. سىل كېسىلى بار ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى تەربىيىلەشتە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشى، نەزلە، زۇكام، يۆتەل ( بولۇپمۇ كۆك يۆتەل)، قىزىلغا ئوخشاش كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندا ناھايىتى تېزلىكتە داۋالىتىش، سەل قارىماسلىقى، مەلۇم بەلگىلىلەر كۆرۈلۈش بىلەنلا دوختۇر ياكى تېۋىپقا كۆرسىتىپ تەكشۈرتىشى لازىم.

سىل كېسەللىكى دەسلەپكى ۋاقتىدىلا چىڭ تۇتۇلۇپ تەلتۈكۈش داۋالىتىلسا ساقىيىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى سىل بولسۇن كېسەل كىشىنى ساپ ھاۋالىق، كۈن نۇرى چۈشىدىغان ئۆيدە ياتقۇزۇش، بەدەن ئېھتىياجلىق ماددىلارغا باي بولغان كۈچلۈك مايلىق، گۆشلۈك تاماقلارنى بېرىش لازىم.
مەنبە: ئەلداۋا مۇنبىرىدىن ھەزرەت يازمىسى

http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2086#lastpost



一پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئۆپكە سىلى (تۇبېركۇليوزى) كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار سەمىگە
    ئۆپكە سىلى (تۇبېركۇليوزى) كېسەللىكى بولسا ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىل جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئۆپكىدە سىل ئۇچىقى شەكىللىنىپ، كلىنىكىدا يۈتىلىش، قان تۈكۈرۈش، چۈشتىن كېيىن قىزىش، كېچىسى ئوغرى تەرلەش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۈندىن-كۈنگە بەدەن ئۇرۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك. سىل كېسەللىكى ئاساسلىقى سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ھايۋانلارنىڭ سۈتىنى ئىچىش ياكى گۆشىنى يېيىش، سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر بىلەن دائىم بىللە بولۇش ياكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى بىرىگە ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. ياشانغانلاردا، بەدىنى ئاجىزلاردا، ئۇرۇق كىشىلەردە، كۈز، ئەتىياز پەسىللىرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە بۇ خىل كېسەللىكنى بايقىيالىسا داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش ئاسان بولىدۇ. ئەگەر سۇزۇلما ھالەتكە ئۆتۈپ كەتسە داۋالاش جەريانى بىر قەدەر قىيىن بولۇپ، ئاقىۋەتتە بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. شۇڭا كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە داۋالاشقا كىرىشىش، ئالدىنى ئېلىش ، پەرۋىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، كېسەللىك بايقالغان ھامان ۋاقتىدا داۋالىتىش، داۋالاشقا سەل قاراپ، داۋالىنىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك.

    بۇنىڭ ئۈچۈن سىل(تۇبېركۇليوز) كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
    1. ياخشى ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    سىل كېسەللىكى بولسا بەدەن ئاجىزلىغان ۋاقىتتا ئاسان پەيدا بولىدۇ. شۇنداقلا سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ بەدىنى تىز سۈرئەتتە ئۇرۇقلاپ كېتىدىغان بولغاچقا يېمەك -ئىچمەك ئىستېمال قىلىشتا بەدەننى قۇۋۋەتلەپ سەمرىتىدىغان، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەردىن گۈلقەنت، ھەسەل، پاقلان گۆشى، توشقان، قۇشقاچ، باچكا گۆشلىرى قاتارلىقلارنى، مېۋە -چىۋىلەردىن بادام، ياڭاق، ئۆرۈك مېغىزلىرى، چىلان، بېھى قاتارلىقلارنى، سامساق، چامغۇر، سەۋزە، سېلىپ تەييارلانغان قۇۋۋەتلىك تائاملارنى، ئاق قوناق، بۇغداي ۋە گۈرۈچنى خام ئەشيا قىلىدىغان، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى، ھەزىمنى بۇزىدىغان، غىدىقلىغۇچى، چۈچۈمەل ۋە زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك -ئىچمەكلەردىن كالا گۆشى، خوشاڭ، پېتىرمانتا، لازا، ئاچچىقسۇ، لەڭپۇڭ، سېرىق ئاش قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

    2. بەدەن قۇۋۋىتىنى خۇرتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

    سىل كېسەللىكىنى داۋالاشتا بەدەننى قۇۋۋەتلەشنى ئاساس قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بەدەن قۇۋۋىتى ياخشىلانغاندا ئاندىن بۇ خىل كېسەللىك تىز سۈرئەتتە ياخشىلىنىدۇ. شۇڭا سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار بەدەن قۇۋۋىتىنى خۇرىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن جىسمانىي ۋە ئەقلىي ئەمگەك قىلىشتىن، ھېرىپ چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن، ئۇزۇن مۇددەت ئاپتاپتا يۈرۈش ۋە ئاپتاپتا ئەمگەك قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا بىمارنىڭ بەدىنى ئەسلىدىمۇ ئاجىز بولغاچقا، بەدىنى تېخىمۇ ئاجىزلايدۇ.
    3. روھى جەھەتتىن ساغلام بولىشى لازىم.

    سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش ۋاقتى ئۇزۇن، ئىقتىسادى چىقىمى كۆپ بولغاچقا، بىماردا ئاسانلا روھى چۈشكۈنلۈك ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ-دە، روھى چۈشكۈنلىشىش بىمارغا تەسىر قىلىپ، كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار روھى بېسىمغا ئۇچرىماسلىقى، دائىم خۇشال يۈرۈشكە ئادەتلىنىشى، مەنزىرىلىك جايلاردا سەيلە -ساياھەت قىلىپ، روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بولىشى لازىم.

    4. سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار ئايرىم كۈتۈنىشى لازىم.

    سىل كېسەللىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك بولغاچقا، بىمار ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ۋاقتىنچە ئايرىم تۇرۇش، ئۆزىنىڭ بەلغەم، تۈكۈرۈكلىرىنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىش، تاماق قاچىسى، چوكا، قوشۇق، يوتقان-كۆرپە، كىيىم-كېچەك ، كىرداسلىرى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئايرىپ ئىشلىتىش لازىم. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا بىمار ئائىلە تاۋاباتلىرىغىمۇ يۇقتۇرۇپ قويىدۇ.

    5. سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار ھاۋاسى ساپ بولغان مۇھىتتا تۇرۇشى لازىم.

    سىل كېسەللىكى ئاساسەن ھاۋا ئارقىلىق تارقىلىپ يۇقىدۇ ياكى باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. شۇڭا سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار ھاۋاسى ساپ، سالقىن جايلاردا ئارام ئېلىشى، تۇرىدىغان مۇھىتىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، ئىس تۈتەك، چاڭ- توزانلىق مۇھىتتا ياشاشتىن، ھۆل، زەيكەش، ا تۇرۇشتىن، تاماكا، نەشە چېكىشتىن ساقلىنىشى، ياشايدىغان مۇھىت، كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك -ئىچمەك تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى ، شەخسىي تازىلىقىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

    6. ئەگەشمە ئالامەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

    سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلاردا قىزىش، قەۋزىيەت، ھەزىم ناچارلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بىماردا قىزىش بولسا قىزىتمىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئوسۇڭ، سېمىز ئوت سۈيىنى ئىچىپ بېرشى، قەۋزىيەت بولسا تەرەتنى يۇمشاتقۇچى مېۋە -چىۋىلەرنى، ھەزىم ناچارلىق ئەھۋالى بولسا ھەسەل، پىننە گۈلقەنتى، قىزىلگۈل گۈلقەنتى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش لازىم.

    7. باشقا كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشى لازىم.

    سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار يۇقۇملۇق زۇكام، نەزلە بولۇشتىن، نەپەس يولى يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى زۇكام، نەزلە بولۇش ياكى نەپەس يولى يۇقۇملىنىشتىكى سىرغىما ماددىلار ئۆپكىگە يىغىلىپ، ئۆپكە خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،كېسەللىكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ.

    8. سۈت ئىچىشنى ئادەت قىلىشى لازىم.

    سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار تۈگە ياكى كۆك ئېشەك سۈتىنى ئىچىپ بەرسە ناھايىتى پايدىلىق. چۈنكى بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ سۈتىنىڭ ئۆپكىدىكى جاراھەتنى پۈتتۈرۈش، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش تەسىرى ئىنتايىن يۇقىرى. شۇڭا تۈگە ياكى ئېشەك سۈتى ئىچكەندە مىقدارىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش، سۈت ئىچىۋاتقان مەزگىلدە بېلىق، چۈچۈمەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن، ئاپتاپتا ئېغىر ئەمگەك قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

    9. سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار چامغۇرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىپ بىرشى لازىم.
    چۈنكى چامغۇرنىڭ ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى ياشارتىش، ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش تەسىرى ئالاھىدە ياخشى. شۇڭا چامغۇرنى ئوتتا پۇشۇرۇپ ياكى شورپا قىلىپ ۋە ياكى تامىقىغا كۆپرەك سېلىپ ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىپ بېرشى لازىم.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى 2009-يىللىق 1-ساندىن ئېلىندى.

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....