يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى
  • 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى
  • شىنجاڭنى قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى مۇقەددەس جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
  • قىشلىق ئىككى تۈر مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • زور ئۆزگىرىش، جۇشقۇن كەيپىيات، خەلقئارا سەۋىيە
  • ئالتۇن مېدال ماھىرلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىسپاتلىدى
  • ئالتاي مول مەزمۇنلۇق قار–مۇز پائالىيەتلىرى بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىدى
  • «ئەجەبا سىز بىلمەمسىز؟ مانا بۇ شىنجاڭ»
  • U شەكىللىك مەيدان ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • ماھىرلىرىمىزنىڭ تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى
  • ليۇ يەنفېي: قەھرىتان سوغۇقتا تاۋلىنىپ، تېخىمۇ مەزمۇت قەد كۆتۈرىمىز
  • كەمتەر دۇنيا چېمپىيونى ۋاڭ بىڭيۈ
  • مۇز چەينىكى مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى
  • شىنجاڭ «300 مىليون كىشىنى قار–مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش» تىكى ئاساسىي قوشۇن بولالايدۇ
  • «كاتتا مۇسابىقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن پەخىرلەندىم»
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

    مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2016-02-01

      ئۆز مۇخبىرىمىز توخنىياز ئىسمائىل خەۋىرى: 30-يانۋار، ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتقان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. چۈشتە، ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى ‹‹يىپەك يولى›› خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر، ترېنېرلار ۋە ئەزىز مېھمانلار ئىناق، شادىمان كەيپىياتتا، 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىلىك ئاياغلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.

        13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يېپىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

        13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ پېڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى ھەمدە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

        14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2020-يىلى ئىچكى موڭغۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. يېپىلىش مۇراسىمىدا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شىنلې مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقىنى تاپشۇرۇۋالدى.

        13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

        13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى گاۋ جىدەن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ‹‹تەنتەربىيە ئەخلاق ئىستىل مۇكاپاتى››، ‹‹مۇسابىقىگە قاتنىشىش خاتىرە مۇكاپاتى›› ۋە مۇنەۋۋەر پىدائىيلار، پىدائىيلار خىزمىتىدىكى ئىلغا كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارنى ئوقۇدى.

        دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە ئالاقىدار رەھبەرلەردىن ياڭ شۇئەن، زو شياۋپىڭ، لى يىڭچۈەن، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرىدىن جۇ خەيلۈن، ليۇ شىنچى، جۇ چاڭجيې، تيەن ۋېن قاتارلىقلار يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز