ئاتاقلىق كۈلدۈرگە چولپىنى ئادىل مىجىت ۋە رەپىقىسى گۈلبەھرەم قادىر
ئادىل مىجىت 1964-يىلى 1-ئاينىڭ1-كۈنى مايتاغدا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا سەنئەتخۇمار بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ خۇش چاقچاق، ناخشا-ئۇسسۇلغا ھېرىسمەنلىكى ئۇنىڭ يۇمران قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىدى. ئەپسۇس، ئاپەتلىك يىللار سەبى ئادىلنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەت قالدۇردى. ئادىلنىڭ دادىسى ئالىي ئىنژىنېر مىجىت زاھىدۇۋ «چەت ئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر» دېگەن قالپاق ئاستىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئاپىسىمۇ تۈرمىگە تاشلاندى، ئەمدىلا 8 ياشقا كىرگەن ئادىل ئاكىسى بىلەن سەرسانچىلىقتا كۈن ئۆتكۈزدى. ئۇلار تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ يۈرگەن كۈنلەردە ئاپىسى تۈرمىدىن چىقىپ جىگەر پارىلىرىنى باغرىغا باستى. مېھرىبان ئانا ئادىلنىڭ مۇزىكىغا بولغان قىزغىن ھەۋىسى ۋە كېلەچىكىنى ئويلاپ، يېمەي-كىيمەي دېگۈدەك ئادىلغا ئاكاردىئون، ئىسكىرىپكا، تەمبۇر ئېلىپ بەردى. ئادىل شۇنىڭ بىلەن مۇزىكا ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتى.
1975-يىلى ئادىل مىجىت سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئەمما «چەت ئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر»نىڭ بالىسى دەپ قوبۇل قىلىنمىدى. بۇ كۈچلۈك زەربە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا يەنە بىر جاراھەت پەيدا قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى يوقىتىۋېتەلمىدى. ئۇ 1980-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، نېفىتلىكتە ھەم قاراماي شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس بولۇپ ئىشلىدى. 1982-يىلى ئادىلنىڭ ھاياتىدا چوڭ بىر بۇرۇلۇش بولدى. شۇ يىلى ئۇ بەختكە يارىشا مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى. كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان ئادىل مىجىت بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگەندى. 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ۋە بىر قانچە ئايدىن كېيىنلا تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيىسى ئىشلىگەن «قىزچاق، قاچقۇن، ئىت» ناملىق ھېكايە فىلىمدە رول ئېلىشقا تاللاندى. ئادىل مىجىت ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈچ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى «ئاسىيادىكى كۈلەڭگە»، «ئۈچىنچى ئەر»، 9 قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى «تىمتاس گۇگۇم» ۋە «ئۆتەڭ مېھرى»، «بۇ كىشىنى تونۇمسىز؟»، «قىرلىق ئىستاكان» قاتارلىق فىلىملەردە رول ئېلىپ، خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
ئادىل مىجىت يالغۇز كىنو ساھەسىدىلا تونۇلۇپ قالماي، بەلكى قىزىقارلىق ئېپىزوتلىرى ئارقىلىقمۇ سەنئەت ساھەسىدە زور تەسىر پەيدا قىلغان ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن كۈلكە چولپىنىدۇر. ئۇ ھازىرغىچە «توي كىيىمى»، «كىم قاتىل»، «مۆمىننىڭ مەست بولۇشى»، «تۇغۇت ئالدىدا»، «ئالما پىشتى»، «مۇتتەھەم»، «ھەيكەل ئالدىدا»، «ساقچى بىلەن ئوغرى» قاتارلىق 60 دىن ئارتۇق ئېپىزوت ۋە كۈلدۈرگە نومۇرلىرىدا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ، خىلمۇخىل خارەكتىرگە ئىگە ئوبرازلارنى يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتكە تويۇنغان ھالدا جانلىق يارىتىپ، ئۇيغۇر ئېپىزوتچىلىقىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئورۇندىغان «ھەيكەل ئالدىدا» ناملىق بىر قانچە ئېپىزوت ئاپتونوم رايون بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ئاتاقلىق سەنئەتكارىمىز تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلىرىغا قەيسەرلىك بىلەن يۈزلىنىپ، ئۈمىدۋار ياشاپ، ھازىر ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئارتىس شەرىپىدە تاماشىبىنلارنى ئىزچىل كۈلدۈرۈپ كەلمەكتە...
غەلبە قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە تىرىشچان ۋاپادار بىر ئايال بولىدۇ-ئەلۋەتتە. داڭلىق ئارتىس گۈلبەھرەم دەل ئادىل مىجىتنىڭ كەينىدىكى مېھرىبان ۋاپادار قوللىغۇچىدۇر...
گۈلبەھرەم قادىر 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قاراماي شەھىرىدە بىر نېفىت ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1975-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان چاغدا ئۆزىدىكى تۇغما تالانتىغا تايىنىپ قاراماي شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىندى ھەم شۇ يىلنىڭ ئاخىرى شىئەن سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلدى. 1984-يىلى ئۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ سەنئەت فاكولتېتېدا ئاكتيورلۇق ۋە باشقا كەسپلەر بويىچە يەنە بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇپ ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.
گۈلبەھرەم قادىر 1980-يىلى تۇنجى قېتىم «غېرىپ-سەنەم» ناملىق ھېكايە فىلىمدە تاغ مەلىكىسى دىلئارامنىڭ ئوبرازىنى ماھىرلىق بىلەن يارىتىپ ئۆزىنىڭ ئېكران ھاياتىنى باشلىغان، 1981-يىلى «بەخت ناخشىسى» ناملىق ھېكايە فىلىمدە ئاگرانوم قىز ماھىرەنىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ سەنئەت ساھەسىدە بىراقلا تونۇلدى.
گۈلبەھرەم قادىرنىڭ گەرچە سەنئەت ساھاسىدە قالدۇرغان ئىزلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ رول ئالغان ئازساندىكى كىنولار، ھەم يولدىشى بىلەن ئورۇندىغان ئىتوتلار خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
1980-يىلى، گۈلبەھرەم قادىر سەنئەت ساھاسىگە قەدەم قويغاندا، ئادىل مىجىت تېخى مايتاغ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى. ئادىل مىجىت ئۆزىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە قاراماي سەنئەت ئۆمىكىگە ئىمتىھان بېرىدۇ. كۈلكىلىك يېرى، دەل گۈلبەھرەم ئۇنىڭدىن ئىمتىھان ئالىدۇ. 1980-يىلى گۈلبەھرەم قادىر تۇنجى قېتىم «غېرىپ-سەنەم» ناملىق ھېكايە فىلىمدە تاغ مەلىكىسى دىلئارامنىڭ رولىنى ئېلىپ بىراقلا تەسىر قوزغىدى. ئادىل مىجىت گۈلبەھرەمگە بولغان ئىنتىزارلىق ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن بۇ فىلىمنى 17 قېتىم كۆرىدۇ. كۆرگەنسېرى گۈلبەھرەمنى چىن قەلبىدىن ياقتۇرۇپ قالىدۇ. 1982-يىلى، ئۇ مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كېتىدۇ ئەمما ئۇلارنىڭ خەت ئالاقىسى ئۈزۈلمەيدۇ. شۇ يىلى 10-ئايدا گۈلبەھرەم ئادىلنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى سەنئەتكار 1987-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى قارامايدا بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.
ئوخشاش قىزىقىش، ئوخشاش ئىنتىلىش، ئوخشاش تىرىشچانلىق بۇ ئىككى سەنئەتكارنى بىر يەرگە جەم قىلدى، ھازىر ئۇلارنىڭ بىر قىز بىر ئوغلى بار بولۇپ، ئىنتايىن بەختلىك ياشىماقتا. بىز ئادىل ئاكىمىز ھەم گۈلبەھرەم ھەدىمىزنىڭ ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك بەخت تىلەيمىز.