2016-يىلى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى خوتەن شەھرىگە جايلاشقان دىلپاك مۇسۇلمانچە يىمەك - ئىچمەك زاۋۇتىدا بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن بۇلۇپ ، پائالىيەتكە داڭلىق جامائەت ئەرباپلىرىدىن مۇختەر بۇغرا ، توختى چوڭ ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىن يىتىشىپ چىققان داڭلىق كارخانىچىلاردىن بۇلۇپ 300 دىن ئادەم قاتناشتى .
پائالىيەتنىڭ ئاساسى مەخسىدى بولسا شىنجاڭ خۇش ئەنبەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن خوتەن دىلپاك مۇسۇلمانچە يىمەك - ئىچمەك زاۋۇتى پايچەك شەكلىدە ھەمكارلاشقان بۇلۇپ دىيارىمىز ئىچىملىك ساھاسىدە خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شۈبىھتىن خالىي ساپ ئىچىملىكلەرنى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ھۈكۈمەتنىڭ ئىشسىزلىق بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ يەرلىكنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش پۇرسىتىنى تېخىمۇ كۈپەيتىش ئاساسى مەخسەت قىلىنغان.