ئۇزار تورى خەۋىرى : 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنى خوتەن شەھرىدە «ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك جەنۇبىي شىنجاڭ يەرمەنكىسى» ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ۋە يەرمەنكە پائالىيىتى باشلاندى. يەرمەنكە 3- ئاينىڭ 19 كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدى
بۇ قېتىمقى كاتتا يەرمەنكىگە شىنجاڭ فۇنۇن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش چەكلىك شىركىتىمۇ قاتناشتى . فونۇن شىركىتى يەرمەنكىگە ئۆزلىرىنىڭ نەپىس ، كۆركەم بولغان قول- ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى، گۈزەلسەنئەت ئەسەرلىرى، قوليازما ھۆسىنخەت، رەسىم قاتارلىق ساقلاش قىممتى يۇقىرى بولغان گۈزەلسەنئەت ئەسەرلىرىنى قاتناشتۇردى
بۇ شىركەت ئۇنىڭدىن بۇ قېتىملىق يەرمەنكىدە نەق مەيداندا ھۆسىنخەت يېزىش، رەسىم سىزىش قاتارلىق يۇقىرى ماھارەتلەر بىلەن يەرمەنكە قاتناشچىللىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلسا، ئۇلارنىڭ نەپىس قول ھۈنەرۋەنچلىك بۇيۇملىرى، گۈزەلسەنئەت ئەسەلىرى نۇرغۇنلىغان خېرىدارلار ۋە كارخانچىلار بىلەن ھەمكارلىشش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى.