يېڭى كۈيلەردە يېڭىچە ھوزۇر، تىرىشچان ياشلىرىمىزنىڭ ئىككى يىلغا يېقىن تىرىشىشى، بەدەل تۆلىشى نەتىجىسىدە پۈتۈپ چىققان «قۇلاق سال» ناملىق يېڭى پىلاستىنكا نەشىر قىلىنىپ «شىنجاڭ بۇلبۇلگويا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» تەرىپىدىن باش باھارنىڭ خاسىيەتلىك ئايلىرىدىن بولغان مارت ئېيىنىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا رەسمىي بازارغا سېلىندى.
ئۈمىدلىك كۈيچىلىرىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىدىن بولغان بۇ پىلاستىنكا رېھىمجان ئابدۇقېييۇم، نۇرئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر، ھەزرىتىئەلى ساۋۇت كارۋان، سۇلايمان ئابلىمىت، تۇرەخمەت ئىسلام، ئابلىمىت ئابلەت، ئابلىمىت قاسىم قاتارلىق كۈيچىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلىشىدا تېكست، مىلودىيە، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، سۈرەتلىك مەزمۇن، سۈرەتكە ئېلىنىش قاتارلىق كۆپلىگەن تەرەپلەردە يېڭىلىقلارنى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، سۈرەتكە ئېلىش ئىشلىرى «كۈي سىتودىيەسى»، «كۆكتۇلپار سىتودىيەسى»، «يارقىن سىتودىيەسى» قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئوڭۇشلۇق پۈتۈپ خەلقىمىز ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. ھىچ ئىش قىلمىغان ئادەم ھېچقاچان خاتالاشمايدۇ. بۇ پىلاستىنكىمۇ قىسمەن نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس ئەلۋەتتە. بۇ پىلاستىنكىمۇ پۈتۈپ چىققۇچە كەتكەن چىقىملار 190 مىڭ سوم ئەتراپىدا بولۇپ، ھازىرقىدەك ئىقتىسادىي مەسىلە ھەممىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان پەيتتە بۇنچىلىك مەبلەغ ئانچە ئازمۇ ئەمەس، مۇشۇ كۈيچىلىرىمىزنىڭ قانچىلىك تىرىشچانلىقىنى شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئىنساندا مۇكەممەللىشىش بولمايدۇ، مۇكەممەللىككە يۈزلىنىش بولىدۇ. بىزمۇ ھەم مۇكەممەللىككە يۈزلىنىۋاتىمىز، شۇڭا ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىك، نۇقسانلار بولسا تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز. بۇ پىلاستىنكا ئىشلەنگەن ۋەقەلىكلەر تۇرمۇشقا يېقىن، ئەمەليەتچان بولۇشى ھەم مول مەزمۇنلۇق بولۇشى بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا زوق بېغىشلايدۇ. سېتىۋېلىپ كۆرۈپ بېقىشىڭىزغا ھەم خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويۇشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
پىلاستىنكىنىڭ ئەسلى نەشىردىكى، سۈپەتلىك نۇسخىسىنىڭ ئىچى تەرەپ چەمبىرىكى ئەتراپىدا پىلاستىنكا ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ئويۇلغان. ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋالغاندا شۇ جايغا دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئېسىل، مەزمۇنلۇق ئىجادىيەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن، شۇنداقلا قوللاش يۈزىسىدىن پىلاستىنكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
باش تارقىتىش ئورنى: شىنجاڭ بۇلبۇلگويا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى
ئالاقىلىشىش تېلېفونى : 15099142314