ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرادەر ئەزىزلەر، تورداشلار!
شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ ئىجادىيەتچىسى، كۆپ قىرلىق سەنئەتكار، ئىزدىنىش تورىنىڭ مۆتىۋەر ئەزالىرىنىڭ بىرسى راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال 2015 -يىلى 3- ئاينىڭ 28-29- كۈنلىرى ئىككى مەيدان «ئۆزھال كەلدىلەر» نامىدىكى ناخشا كېچىلىگىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ھازىر شۇ كېچىلىكنىڭ ئىجادىي ناخشىلىرىدىن تەركىب تاپقان «تاغلارغا نەزەر سال » نامىدىكى CD پىلاستىنكىسى نەشىردىن چىقتى. DVD پىلاستىنكىسى باھار بايرىمىدىن كېيىن چىقماقچى بولىۋاتىدۇ. ئوزھالنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەجىر مېھنىتىنڭ مەھسۇلى بولغان «تاغلارغا نەزەر سال» قاتارلىق ساپ ئىجادىي ناخشىلىرى بارچە قېرىنداشلارغا ئاز بولسىمۇ يېڭى زوق ئاتا قىلغۇسى...
پىلاستىنكا ئۆزھال سەنئەت كارىدورى ۋە قارلۇق ئىستودىيسىدە توپ پارچە تارقىتىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى: 13659951930، 13659993265
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھمالى
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال 1977- يىلى يەكەن ناھىيسنىڭ خاڭدى بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن. 1993-يىلدىن 1994- يىلغىچە قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنىڭ ناخشا كەسپىدە ئوقۇغان. 1994-يىلدىن 1998-يىلغىچە مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىدە ئوقۇپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپىرا تىياتىرىدا خىزمەت قىلغان . 2006- يىلى مەمىلكەتلىك خەلىق ئىشلار ئىدارىسنىڭ ئۈمىدلىك ياشلارنى تاللاپ تەربىيەلەش پىلانى بويىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە مەدەنىيەت نازارىتنىڭ تاللاپ بېكىتىشى بىلەن تاللىنىپ مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇنىڭ دراما - كىنو يېزىقچىلىق فاكۇلتتىغا ئىككى يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن، ئاپتور ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىگىنىڭ ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە .
رول ئالغان فىلىملار: ناۋا مۇقامىدا شاھ مەشرەپنىڭ رولىنى، «سەھرادىكى مۇڭلۇق كۈي» فىلىمىدە نۇرمۇھەممەدنىڭ رولىنى، «قېيىنئاتا ۋە كېلىن پاجىئەسى» فىلىمىدە مەھمۇدنىڭ رولىنى ئالغان.
ئىتوتلاردىن ياق سىز خوتۇن ئالالايسىز، زامانىمىزدىكى پەرھاد-شېرىن قاتارلىقلارنى ئورۇندىغان.
ناخشىلاردىن ئۇكىجان، ئۆمۈر يولى، زېمىن قاتارلىقلارنى تېلېۋىزىيە ئىستانسسسنىڭ تۈرلۈك كېچىلىكلىرىدە بەرگەن.
سىنارىيەلەر: ناۋا مۇقامى، ئۆزھال مۇقامى، قاچقۇن، مەن ئوقۇيمەن، كىچىدىكى يىغا ئاۋازى، دۇتتار، مىليونگۈل قاتارلىق كىنو ۋە مۇقام سىنارىيەلىرىنى يازغان.
درامىلار: تاش ئەينەك، چىن تۆمۈر باتۇر (مۇزىكىلىق دراما)، روھ كۆزى (مۇزىكىلىق دراما)، قىساس قاتارلىقلار.
(ئىتوتلار) ئوقۇشقا ئۇزىتىش، بەڭۋاشنىڭ خىيالى، سوۋغات، تېلېفون ماجىراسى.
ئەدەبىي ئەسەرلىرى:
پوۋسېتلار: بەختنىڭ ئارقا كوچسى (تۇرپان ژۇرنىلى)، مۇھەببەتلىك دۇنيا (تارىم)، ئاق تىمساھ (تارىم)، ئەزىزە (تارىم)
ھېكايىلەر: ئۆتنە جاھان «ئىقتىساد گېزىتى»، سازەندىنىڭ ئۆلۈمى (تەقدىرداشلار)، ئەركىن مەھبۇسلار (تەقدىرداشلار)، مېنى ياخشى كۆرەمسز؟ (ئىشچىلار ھەرىكىتى)، يالىڭاچلىنىش (تەڭرىتاغ)، يارىماسنىڭ ئىقرارى (تەڭرىتاغ)، ئېغىز گارمۇنى (تەڭرىتاغ)، روھىم سەكراتتا يېڭى قاشتېشى)، قاسماق (كىروران) ،سۈكۈت ئارقىلىق غەلبە قىلىش (تارىم)، سەنئەتكار ۋە ئىت (ئاقسۇ ئەدەبىياتى)
نەسىرلەر: ئەجەم (قۇمۇل ئەدەبىياتى)، چىم بۇلاق (قۇمۇل ئەدەبىياتى)، ئىلتىجا (ئىقتىساد گېزىتى)، قىزىم چوڭ بولمىساڭ بوپتىكەن (تۇرپان)، ئانا ئۈژمە (تۇرپان گېزىتى)، كەچۈر ئىتىم (ئاقسۇ ئەدەبىياتى)، تەنھالىق (ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى)
سەنئەت ئوبزورلىرى: سەرسان روھ ۋە رىئاللىق ئەپسانسى (تەڭرىتاش ئېكرانى)، غەلىتە قەبىلىدىكى بىمەنە ئىشلار (ئىقتىساد گېزىتى)، سەھنىدىكى گۈلخان (ئىشچىلار ھەرىكىتى)، تەكلىماكان پەرشتسى (ئىشچىلار ھەرىكىتى)، ئارتىس ۋە باھا (ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى)
ئوبزورلار : دېھقان ئاتا بۇ سەنمۇ؟ ( ئىشچىلار ھەرىكىتى)، ساتمىلاردىن سەھنىلەرگىچە (شىنجاڭ ياشلىرى)، يازغۇچىلاردىكى ھەقىقەت تۇيغۇسى ۋە بىزدىكى كۆچۈرمىكەشلىك ھادىسسى (ئىلى دەرياسى)، ئوغۇرلۇقمۇ ياكى ئوغۇرىنى ئەيىبلەپ قىلىنغان ئوغۇرلۇقمۇ؟ (قۇمۇل ئەدەبىياتى)، ئەسەرلەردىكى «مەن» نىڭ يوقۇلۇش پاجىئەسى (قۇمۇل ئەدەبىياتى)
ماقالىلەر : ئەرلەرنىڭ ۋەتىنى (كىروران)، تەپەككۇر ئالىمىدىكى ياشاش ھوقۇقى (تەڭرىتاغ)، مەن ئۆيگە چوقۇم بارىمەن (تەڭرىتاغ)، سەنئەتكارنىڭ مەسئۇلىيتى (شىنجاڭ سەنئىتى)، ساۋيۇ ۋە گۈلدۈرماما (شىنجاڭ سەنئىتى)، ئىلىم ئىزدەپ (تەڭرىتاغ) مۇئەللىم كەتمەڭ، (ئىقتىزسد گېزىتى) شەرق روھى جاڭ يىمو «شىنجاڭ سەنئىتى»، شىنجاڭ سەنئەت ھەپتىلىگى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم «شىنجاڭ سەنئىتى»، ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقىدىكى قىزلىق تەبئىيتى «كىروران»
ناخشا تېكستلىرى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىجراسىدا كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن، ئەركىن ئابدۇللا ئىجراسىدا سەھرا، دۆڭكۆۋرۈك ھەققىدە پاراڭ، نۇرنسا ئابباس ئىجراسىدا، قىزغانما دۇنيا ئىمنجان يۈسۈپ ئىجراسىدا دۇنيا، ئەنۋەر ھاكىم ئىجراىسدا بۇ ئالەم، ئىرفان ئىجراسىدا يەر شارى، ئوسمانجان ئىجراسىدا مەشرەپ، سەھەر ئانسانبىلى ئىجراسىدا دۇئا بېرىڭ بەختىمگە ئۆمرۈمگە ئانا، مەن تۇغۇلغان ئۆي، ئىمننىياز ئىجراسىدا ساما، شىرئەلى ئىجراسىدا باللىقىم قاتارلىق ناخشا تېكىستلىرىنى يازغان.
ناخشا پىلاستنكىسى : ئۆمۈر يولى.
ئىجتىھاتلىق ياش يازغۇچى ۋە شائىر راخمانجان ئاۋۈت ئۆزھال يېقىندا ئون يىلدىن بېرى يازغان ئەسەرلىرىنى يىغىپ ئىككى پارچە رومان، پوۋسىتلار توپلىمى، ھېكايىلەر توپلىمى، ماقاللەر توپلىمى، شېئىرلار توپلىمىدىن ئىبارەت يەتتە پارچە كىتابىنى مىللەتلەر نەشىرىياتىغا نەشىرگە سۇندى.
بىر قولىدا سەنئەت بىر قولىدا ئەدەبىياتنى تۇتقان ياش شائىر ۋە ئىزدىنىشچان بۇ پىكىر ئىگسىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرلەش بىلەن بىرگە خەلىقىمىزنىڭ رىئاللىقى بىلەن مەھكەم باغلانغان ئىجادىي قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى يارىتىپ ئىجاد ئالىمىدەك ئۆزىنىڭ بۈك باراقسان بېغىنى خۇش پۇراق گۈللەر بىلەن بېزىشىنى چىن كۆڭىلمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.