يېڭى يىپەك يولىدىكى جەلىپكار چولپان، مودا ئېقىم ناخشىچسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ 2016-يىللىق سەييارە نەق مەيدان كېچىلىكى رەسمىي باشلاندى، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆزىنىڭ 3-پىلاستىنكىسى «شاھزادە» نى ئېلان قىلغان بولۇپ بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردە ئەڭ يېڭى ناخشىلىرىنى نەق مەيداندا تاماشىبىنلارغا تەقدىم ئەتمەكچى. بۇندىن بۇرۇنقى ناخشا كېچىلىك ۋە نەق مەيدان ئويۇنلاردا ئابلاجان تاماشىبىنلارغا ئۆزىنىڭ نەق مەيدان ناخشىسى ۋە ئۇسسۇل ئەترىتى بىلەن جۇشقۇن كەيپىياتلارنى ئاتا قىلغان بولسا بۇ قېتىم ئابلاجان مۇزىكا ئەترىتىنىمۇ ئۆز كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلدى، ناخشا، ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا ئەترىتىنىڭ مۇۋاپىق بىرلىشىشى سىزگە چوقۇم يېڭىچە كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ.
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 2016-يىللىق سەييارە نەق مەيدان كېچىلىكىنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان داڭلىق ناخشا چولپىنى، كۈي شاھزادىسى مۆمىنجان ئابلىكىم كېچىلىككە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئابلاجان سىتۇدىيىسىنىڭ ئەزاسى، كىچىك ناخشىچى شېرىنئاي مۇرادىلمۇ كېچىلىككە قاتنىشىدۇ، ئابلاجان ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ناخشا كېچىلىكىدە ئۆزىنىڭ جۇشقۇن ئۇسسۇللىرىنى نامايەن قىلىدۇ، «كۈيچى مۇزىكا ئەترىتى»نىڭ يىگىتلىرى ناخشا كېچىلىكىدە جۇشقۇن كۈيلەرگە تەڭكەش قىلىدۇ.
ناخشا كېچىلىكىنى شىنجاڭ كۈيچى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، ئابلاجان سىتۇدىيىسى ئورۇنلاشتۇردى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى 107.4 قاتناش رادىئوسى ۋە ئابلاجان مودا كىيىملىرى ئالاھىدە قوللىدى. ناخشا كېچىلىكى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى شايار ناھىيسىدە، 16-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە قويۇلىدۇ. باشقا شەھەر ۋە رايونلارنىڭ يەنە ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ كۆپچىلىككە ئۇقتۇرۇلىدۇ.