يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى
  • 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى
  • شىنجاڭنى قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى مۇقەددەس جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
  • قىشلىق ئىككى تۈر مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • زور ئۆزگىرىش، جۇشقۇن كەيپىيات، خەلقئارا سەۋىيە
  • ئالتۇن مېدال ماھىرلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىسپاتلىدى
  • ئالتاي مول مەزمۇنلۇق قار–مۇز پائالىيەتلىرى بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىدى
  • «ئەجەبا سىز بىلمەمسىز؟ مانا بۇ شىنجاڭ»
  • U شەكىللىك مەيدان ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • ماھىرلىرىمىزنىڭ تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى
  • ليۇ يەنفېي: قەھرىتان سوغۇقتا تاۋلىنىپ، تېخىمۇ مەزمۇت قەد كۆتۈرىمىز
  • كەمتەر دۇنيا چېمپىيونى ۋاڭ بىڭيۈ
  • مۇز چەينىكى مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى
  • شىنجاڭ «300 مىليون كىشىنى قار–مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش» تىكى ئاساسىي قوشۇن بولالايدۇ
  • «كاتتا مۇسابىقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن پەخىرلەندىم»
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    ئالتاي مول مەزمۇنلۇق قار–مۇز پائالىيەتلىرى بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىدى

    مەنبە :نۇر تورى       يوللىغۇچى : ئۇزارجان       يوللانغان ۋاقىت :2016-01-27

        جاڭ تىڭ

        ئالتاي ئىنسانىيەتنىڭ چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكىتى باشلانغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان قار – مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مول مەزمۇنلۇق قار – مۇز پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، قار – مۇز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى قار – مۇز پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بەردى.

        بايرام ۋە مۇسابىقىلەر ئارقا – ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى

        بۇرچىن 2 – نۆۋەتلىك مىللىي ئۆرپ – ئادەت، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 18 – يانۋار كۈمۈشتەك لىباس كىيگەن چوڭقۇر بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى، ناھىيەدىكى تۆت يېزا، ئىككى بازاردىن كەلگەن 1000دىن ئارتۇق دېھقان – چارۋىچى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

        رېپېرنىڭ كوماندا بېرىشى بىلەن بەش كىلومېتىرلىق بەيگە مۇسابىقىسى باشلاندى، ئارغىماقلار قارلىق دالىدا ئوقتەك چاپتى، چەۋەندازلار قوللىرىغا قامچا ئېلىپ، بىر – بىرىنى قوغلاشتى، مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولۇپ، ھەيۋەتلىك مەنزىرە پەيدا بولدى. نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار قەھرىتان سوغۇقنى ئۇنتۇغان بولۇپ، مەدەت بەرگۈچىلەر، چۇقان سالغۇچىلارنىڭ ئاۋازى مەيداننى بىر ئالدى.

        مەيداندىكى دېھقان – چارۋىچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ كۆڭۈللۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىرى قىز قۇۋار بولدى، ئارغىماقلار ئۇچقاندەك چاپتى، تاماشىبىنلار قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

        چوڭقۇر بازىرى دەريا ۋادىسىدىكى ئاق قىيىنلىقتا يەر مۇز بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تۇمان ھەر خىل ھالەتتىكى دەرەخلەر بىلەن گىرەلىشىپ، كىشىنى خىيالىي دۇنيادا تۇرغاندەك تەسىراتقا كەلتۈرەتتى. فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ئاپپاق، مەرۋايىتتەك تۇمان سۆڭگىسى ئەتراپىدا پايدىلىق ئورۇننى تالىشىپ، توختىماي سۈرەتكە تارتماقتا ئىدى.

        ئالتايدا قىش كىرگەندىن بۇيان بايرام، مۇسابىقىلەر كۆپ ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىشىمچە، 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتاي خەلقئارا قار – مۇز سەيلىسى ئۇدا يېرىم يىل داۋاملاشقان، پائالىيەت مەزگىلىدە ئالتاي قار – مۇز پەرىشتىسىنى تاللاش مۇسابىقىسى، چاڭغا تېيىلىش قىشلىق لاگېرى، ئۇلۇڭگۇر كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش ساياھەت مەدەنىيىتى پائالىيىتى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك قاناس قار (مۇز) ئويمىچىلىق مۇسابىقىسى، قاناس تۇۋا مىللىي ئۆرپ – ئادەت، مەدەنىيەت بايرىمى قاتارلىق بايراملار ئۆتكۈزۈلگەن.

        ئالتاي ۋىلايىتى قىشلىق سەيلە – ساياھەت، قار – مۇز پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ قار – مۇز مەدەنىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، قىشلىق سەيلە – ساياھەتنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

        ئومۇمىي خەلقنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى

        بۇرچىن ناھىيەسى چوڭقۇر بازىرىنىڭ بۇرۇن قىزىپ كېتىدىغان مەركىزىي كوچىسىدا 18 – يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2دە بىرمۇ ئادەم قالمىغان، نۇرغۇن ماگىزىن، ئاشخانىلار تاقالغانىدى، لېكىن شەرقىي تاغقا بارىدىغان يول ئائىلە ئاپتوموبىلى، موتوسىكلىت، ئات ھارۋىسى، چانا قاتارلىق تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن لىق توشۇپ كەتكەنىدى. بالىلار چانىلارغا ئولتۇرۇپ كېتىپ باراتتى، ياشلار ئات مىنىپ بىر – بىرىنى قوغلىشاتتى. ياشانغانلارنىڭ قاش – كىرپىكلىرى ۋە بۇرت – ساقاللىرىنى قىروۋ باسقان بولسىمۇ، چېھرىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. شۇ كۈنى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولسىمۇ، بۇ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ مۇسابىقىنى كۆرۈش قىزغىنلىقىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمىدى. بىردەمدىلا 7000 – 8000 كىشى تاغ چوققىسىغا چىقىپ بولدى، جىمجىت تاغ جىلغىسى شۇ ھامان قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى.

        بۇ يىل 16 ياشقا كىرگەن ئېركىن قىشلىق تەتىلدە پىدائىي بولۇپ، ئات چانىسىنى ھەيدەپ، ساياھەتچىلەرنى چوڭقۇر جىلغىسىدا سەيلە قىلدۇردى. ئۇ ساياھەتچىلەردىن: ‹‹نەدىن كەلدىڭلار؟ ئات چانىسىغا ئولتۇرۇپ باققانمۇ؟ قانداقراق ئىكەن؟...›› دېگەندەك سوئاللارنى سورايتتى. ئۇ شۇ كۈندىكى پائالىيەت ئۈچۈن ئېتىنى كۆڭۈل قويۇپ جابدۇپ، يايلىسىنى ئۆرۈپ، ئات ئۈستىگە چىرايلىق يېپىنچا ياپقانىدى.

        شۇ كۈنى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇڭگۇر كۆلىدە ۋارقىرىغان، خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلار ئەتراپنى بىر ئالدى. يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى بۇرۇلتوقايدا قىش پەسلىدە ئەڭ قىزىيدىغان بايرام بولۇپ، بۇ كۈنى كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ مۇز كۆلگە كېلىپ، مۇز ئويمىچىلىق باغچىسى، راھەتباغ، ئاققۇ بېغى، بەختباغ قاتارلىق سەككىز باغنى قانغۇچە سەيلە قىلىپ، كىگىز ئۆيدە پىشۇرۇلغان بېلىق كاۋاپلىرىغا ئېغىز تېگىدۇ. ساياھەتچى ۋاڭ شىن: بىز نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تېمپېراتۇرىدا قارلىقتا بېلىق كاۋىپى يېدۇق، چانىغا ئولتۇردۇق، ھاۋا بەك سوغۇق بولسىمۇ، بىز يەنىلا سۈرەتكە چۈشۈپ، توختىماي ئويناپ، بىر كۈننى ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدۇق، دېدى.

        مېھمانسارايلار ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن تولدى

        لىتۋا جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن مەيرۇنچ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بەك ياخشى ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى ئىكەن.

        5 – نۆۋەتلىك ئالتاي خەلقئارا قارا – مۇز سەيلىسى 16 – يانۋار ئالتاي شەھىرىنىڭ گېنېرال تاغ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا باشلىنىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

        شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالتايدا ئېچىلغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول ۋە ساياھەت ھەمكارلىقى››خەلقئارا مۇنبىرىدە دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى، دۇنيا ساياھەت شەھەرلىرى بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن ئۆلكىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن 150تىن ئارتۇق ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىش، قىشلىق ساياھەت، يۇقىرى دەرىجىلىك زاكاز ساياھىتى قاتارلىق ھازىرقى زامان ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇنازىرىلەشتى.

        بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇاڭ شياۋپو مۇنداق دېدى: 16 – يانۋاردىن بۈگۈنگىچە بولغان ئۈچ كۈندە قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر 110 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يەتتى. بۇ بىرنەچچە كۈندە بۇرۇلتوقاي ناھىيە بازىرىدىكى مېھمانسارايلار مېھمانلار بىلەن لىق تولدى، بېلىق تۇتۇش مەيدانىدىكى ئاشخانىلاردىن ئورۇن تاپماق تەس بولدى.

        ‹‹ئەڭ گۈزەل قار يۇرتى›› دەپ ئاتالغان قۇمقاناستا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئون نەچچە ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ يەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ساياھەت زاكاز تۈرىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى.

        ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى ساۋ جىۋېن مۇنداق دېدى: ۋىلايىتىمىز دۇنيا ساياھەت شەھەرلىرى بىرلەشمىسى، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ساياھەتچىلىك جەمئىيىتى، تۆت دۆلەت، ئالتە تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مەۋقەنى ئېكولوگىيە، قار – مۇز، مىللىي ئۆرپ – ئادەت قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، قىشلىق ساياھەت، چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىش، ئائىلە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، يۇقىرى دەرىجىلىك زاكاز ساياھىتى، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت ساياھىتى، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ساياھەت تاۋارلىرى قاتارلىق سەككىز چوڭ ساياھەت تۈرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېچىپ، ساياھەتچىلىكنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ كەسىپ ۋە خەلقنى بېيىتىشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرىدۇ.

    ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/13dong/2016-01/26/content_493179.htm 


    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز