نىجات ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ U شەكىللىك مەيداندا چاڭغا تېيىلىپ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىنىڭ ئەرلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە كوللېكتىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. نەتىجىدە ھەر ئىككىلا تۈردە ئۈرۈمچى كوماندىسى كىچىك نومۇر پەرقى بىلەن خاربىن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.
U شەكىللىك مەيداندا چاڭغا تېيىلىپ ماھارەت كۆرسىتىش ئەرلەر كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن دارمىن بايسىن، خۇ يى، خۇاڭ شىيىڭدىن ئىبارەت ئۈچ ماھىر بەلگىلەنگەن ھەرىكەتلەرنى تەمكىنلىك بىلەن ئورۇنداپ، 257 نومۇر ئالدى. خاربىن كوماندىسىدىن شى ۋەنچېڭ، گو يۈ، شۈ دېچاۋلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ماھارەت تېخنىكىسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە جارى قىلدۇردى، بولۇپمۇ خاربىن كوماندىسى ماھىرى شى ۋەنچىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ھەرىكەتلەرنى ناھايىتى چىرايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، مەيداندىكى ھەممە كىشىنى قايىل قىلدى. ئاخىرىدا خاربىن كوماندىسى شى ۋەنچىڭنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىگە تايىنىپ، 261 نومۇر بىلەن ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن تۆت نومۇر ئېشىپ كېتىپ، بۇ تۈردىكى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. قاراماي كوماندىسى 167.25 نومۇر بىلەن مىس مېدالغا ئېرىشتى.
U شەكىللىك مەيداندا چاڭغا تېيىلىپ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىنىڭ ئاياللار كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە، خاربىن كوماندىسى ماھىرلىرىدىن چەي شۆتۇڭ، ليۇ جيايۈ، ۋاڭ شۆمېيلار 223.5 نومۇر بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن سۈن جۈەن، چيۇ لىڭ، سۈن جىفېڭلار خاربىن كوماندىسىدىن 3.5 نومۇرنى ئاز ئېلىپ، 220 نومۇر بىلەن يەنە بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. خېگاڭ كوماندىسى 143.25 نومۇر بىلەن مىس مېدالغا، سانجى كوماندىسى 142.25 نومۇر بىلەن 4 – لىككە ئېرىشتى.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/13dong/2016-01/26/content_493181.htm