يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى
  • 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى
  • شىنجاڭنى قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى مۇقەددەس جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
  • قىشلىق ئىككى تۈر مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • زور ئۆزگىرىش، جۇشقۇن كەيپىيات، خەلقئارا سەۋىيە
  • ئالتۇن مېدال ماھىرلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىسپاتلىدى
  • ئالتاي مول مەزمۇنلۇق قار–مۇز پائالىيەتلىرى بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىدى
  • «ئەجەبا سىز بىلمەمسىز؟ مانا بۇ شىنجاڭ»
  • U شەكىللىك مەيدان ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • ماھىرلىرىمىزنىڭ تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى
  • ليۇ يەنفېي: قەھرىتان سوغۇقتا تاۋلىنىپ، تېخىمۇ مەزمۇت قەد كۆتۈرىمىز
  • كەمتەر دۇنيا چېمپىيونى ۋاڭ بىڭيۈ
  • مۇز چەينىكى مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى
  • شىنجاڭ «300 مىليون كىشىنى قار–مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش» تىكى ئاساسىي قوشۇن بولالايدۇ
  • «كاتتا مۇسابىقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن پەخىرلەندىم»
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    ليۇ يەنفېي: قەھرىتان سوغۇقتا تاۋلىنىپ، تېخىمۇ مەزمۇت قەد كۆتۈرىمىز

    مەنبە :نۇر تورى       يوللىغۇچى : ئۇزارجان       يوللانغان ۋاقىت :2016-01-27

    چاۋ جىن، جىڭ بو

        ‹‹بارلىق كوماندا ئەزالىرى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىدىن ھالقىپ كەتتى، بۇ دەل بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ماڭا سوۋغا قىلغان ئەڭ مۇكەممەل سوۋغا››. ئاخىرقى بىر كوماندا ئەزاسىنىڭ ئاياللارنىڭ 5000 مېتىرلىق تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشى بىلەن شىنجاڭ تېز كانكى تېيىلىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ليۇ يەنفېي قولىدىكى سېكۇندومېتىرنى ئاخىر قويۇپ بەردى، ئۇنىڭ جىددىي كەيپىياتى پەسەيگەنىدى.

        ‹‹بۇ ئاخىرقى نۇقتا، شۇنداقلا باشلىنىش نۇقتىسى، بىز تېخىمۇ يۈكسەك نىشان بىلەن قايتا ئاتلىنىمىز!››. ليۇ يەنفېينىڭ قەتئىيلىككە تولغان نەزەرىدىن گويا ئۇنىڭ 2022 – يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى سىيماسى ئەكس ئەتمەكتە ئىدى.

        ليۇ يەنفېي ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ تېز كانكى تېيىلىش تۈرىدىكى بايراقدار ئىدى. 1986 – يىلى ئۇ مەملىكەتلىك 1500 مېتىرلىق تېز كانكى تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك چېمپىيون بولدى. 1996 – يىلىغا قەدەر ئىزچىل مەملىكەتلىك تېز كانكى تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە 1500 مېتىرلىق تۈرنىڭ چېمپىيونى بولۇپ كەلدى. ئاشۇ ئون يىل جەريانىدا فۇ يۇڭ، ليۇ يەنفېي، دەي جۈن ۋەكىللىكىدىكى ‹‹ئۈچ قار – مۇز ماھىرى›› جۇڭگو قار – مۇز تەنھەرىكىتىدە ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقانىدى، بۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتى ھەققىدىكى ئۆچمەس شانلىق تارىخى.

        كېيىن قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى يىتىشەلمەسلىك، زاپاس ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تېز كانكى تېيىلىش تۈرى شىنجاڭلىقلارنىڭ نەزەرىدىن ئاستا – ئاستا چېكىنىپ چىقتى. ‹‹2010 – يىلى دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتىنى قايتا جانلاندۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە قوللىدى؛ 2012 – يىلى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىق خەۋىرى قار – مۇز ماھىرلىرىمىزنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، شىنجاڭنىڭ قار – مۇز ھەرىكىتى قايتىدىن قەد كۆتۈرىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى››. تەنھەرىكەت مەيدانىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ليۇ يەنفېي شۇ چاغدا شىنجاڭ تېز كانكى تېيىلىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇ كۆڭلىدە ‹‹چوقۇم بىر ئېسىل كوماندىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن›› دەپ نىيەت قىلدى.

        دەسلەپتىكى دالا كانكى مەيدانىدا مەشىق قىلىشتىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ مەشىق قىلىشقۇچە بولغان جەرياندا ليۇ يەنفېيگە ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرغىنى شەرقىي شىمال قار – مۇز مەيدان – سارايلىرىنىڭ بىر – بىرلەپ مەيدانغا كېلىشى ئىدى. لېكىن ئۇ جايلارغا بېرىپ مەشىق قىلغاندا باشقا كوماندىلارنىڭ مەشىق قىلىپ بولۇشىنى كۈتۈشكە توغرا كېلەتتى، ئۇلار بەزىدە تاكى يېرىم كېچىگىچە نۆۋەت ساقلايتتى.

        ھازىر كورېيە تىرېنېرى لى زەيجىنىڭ قوشۇلۇشى، 100 مۇز ئۈستى پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشى بىلەن، بۇ سۈپەتلىك، چوڭ مەيدان – ساراي بارلىققا كېلىپ، ليۇ يەنفېينىڭ شاگىرتلىرى ئۆزىنىڭ مەشغۇلات ۋاقتىغا ئاساسەن مەشىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ‹‹باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراش››قا خاتىمە بەردى.

        ‹‹ھازىر كوماندىمىزنىڭ دوختۇرىمۇ كورېيەلىك كەسپىي خادىم. جۇ بىننىڭ ئېغىر يارىلىنىپ بىر ئايدىن كېيىنلا كانكى مەيدانىغا قايتىپ كېلەلىشى ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە بولدى، بۇنى كوماندىمىز كەسپىي دوختۇرىنىڭ تەنھەرىكەت ئارقىلىق داۋالىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ››. ليۇ يەنفېي بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئېلىشقا تېگىشلىك بىر ئالتۇن مېدالنىڭ قولدىن كېتىپ قالغانلىقىغا سەل ئەپسۇسلانغان بولسىمۇ، كوماندىدىكىلەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىگەنلىكى ئۇنى خۇشال قىلغانىدى.

        ‹‹كانكى مەيدانىدا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىشنىڭ ئۆزى قالتىس ئىش!››. بۇ ليۇ يەنفېينىڭ كوماندا ئەزالىرىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان شۇنداقلا ئۆزىگە مەدەت بېرىدىغان بىر ئېغىز سۆزى. ئۇ: ئۆزۈمنى كۆرسىتىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان، ئېغىر مىجەزىم تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ، تەنھەرىكەت كەسپىنى تاللىغان ئىكەنمەن، ئۆمۈرۋايەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر قىلىشىم كېرەك، شۇنداقلا بۇ كەسىپ مېنىڭ شۇنداق قىلىشىمغا ئەرزىيدۇ››، دېدى.

        ‹‹نىشان ئەلۋەتتە 2022 – يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى! قەھرىتان سوغۇقلاردىمۇ بەرداشلىق بەردۇق، ھازىر بىزدە نۇرغۇن زاپاس ئىختىساسلىقلار بار، مۇشۇنداق ئېسىل مەيدان – سارايلار ۋە قار – مۇز تەنھەرىكىتىنى سۆيىدىغان تاماشىبىنلارنىڭ ئارزۇسى ۋە قوللىشى بولسىلا، شىنجاڭنىڭ تېز كانكى تېيىلىش ماھىرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ھېچنېمە توسۇپ قالالمايدۇ!››، دېدى ليۇ يەنفېي قەتئىيلىك بىلەن.

    ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/13dong/2016-01/26/content_493183.htm 

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز