خالىدە ئوبۇل
قىش پەسلىدىكى ئۈرۈمچى ئاپئاق لىباسقا پۈركۈنۈپ، سېھرىي كۈچكە تولۇپ، كىشىگە ئاجايىپ زوق بېغىشلايدۇ. مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە، زامانىۋى، مەدەنىي، گۈزەل مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل لاتاپىتىنى نامايان قىلدى.
ئىچكى موڭغۇلدىن كەلگەن مۇخبىر سۇ يۇڭشىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە گۈزەللىكىدىن ھۇزۇر ئالغاچ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ شەھەر بەك گۈزەل ئىكەن، كېلەر قېتىم چوقۇم ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە ساياھەتكە كېلىمەن.
زور ئۆزگىرىش
مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن پۈتۈن مەملىكەتكە شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇپ: شىنجاڭ جەزبىدارلىققا تولغان ماكان، ئۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىغا ۋە يوشۇرۇن تەرەققىيات كۈچىگە ئىگە، دېدى.
بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەنھەرىكەتچى، تىرېنېر، رېپېر، تاراتقۇ خىزمەتچىلىرى بولۇپ 5000دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى، بۇنىڭ بىلەن مەركىزىي شەھەرنىڭ ئوبرازىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدىغان پۇرسەت يارىتىلدى.
بۇنداق شەرەپلىك بۇرچ ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، فۇكاڭ شەھىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شەھەر ۋە يول قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ، مۇسابىقە رايونلىرىنىڭ مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇسابىقىنى كۈتۈۋېلىش، مەدەنىي بولۇش، شەھەر ئوبرازىنى تىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئېتىبار بېرىش سىىياسەتلىرىنى قوللىنىپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە يول ئاچتى.
ئاپتونوم رايونلۇق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇھىت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى مۇھىت ۋە ھاۋا سۈپىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش، مەملىكەت بويىچە تازىلىقتا ياخشى شەھەر قۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە ياخشى ئوبرازىنى تىكلەشكە تىرىشتى. سانجى ئوبلاستى ‹‹ئەڭ ئىللىق مۇز تېيىلىش مەيدانى›› بەرپا قىلىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويدى، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىدى.
ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى مەركىزىي شەھەرنىڭ كۈندىن – كۈنگە گۈزەللىشىۋاتقانلىقىنى، ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرى، ئايروپورت، ۋوگزال ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، رەتلىك بولۇپ كەتكەنلىكىنى، چوڭ – كىچىك كوچىلارغا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شوئارلىرىنىڭ ئېسىلىپ، شەھەرنىڭ بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنلىكىنى ھېس قىلىشتى. شەھەرنىڭ مۇھىتى گۈزەل بولۇپلا قالماي، مۇسابىقە مەيدانلىرىمۇ رەڭدار تۈسكە كىردى. 21 – يانۋار ئېچىلغان مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاراتقۇلارغا مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىنى جانلىق سۈرەتلەپ مۇنداق دېدى: بۇ مۇسابىقە مەيدانى بەك كۆركەم، سەۋىيەلىك سېلىنغان، ئۇنىڭ گۈزەللىكى چوقۇم سىلەرنى رام قىلىدۇ.
كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى يېقىندا ئامېرىكا نيۇيورك دەۋر مەيدانىدىكى چوڭ ئېكراندا قويۇلدى، شىنجاڭنىڭ قار – مۇز بايلىقىنىڭ ‹‹دۇنيانىڭ تۆت كوچا ئېغىزى››دىكى تەسۋىرلىك كۆرۈنۈشى شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇتتى.
فۇكاڭ شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گاۋ يەن مۇنداق دېدى: ساھىبخانلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇسابىقىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمىز، مەدەنىي ۋە مېھماندوست بولىمىز. فۇكاڭ شەھىرى بۇ قېتىمقى كاتتا مەرىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىك ئوبرازىنى نامايان قىلىپلا قالماي، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ مەدەنىيلىك ئۇرۇقىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ، فۇكاڭدىكى قىممەتلىك مەنىۋى ئوزۇققا ئايلاندۇرىدۇ.
جۇشقۇن كەيپىيات
مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 400دىن ئارتۇق تاكسى شوپۇرى مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پىدائىيلار سېپىگە قوشۇلدى.
‹‹جۇڭپا›› شىركىتى ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ شوپۇرى راخمان غوپۇر مۇنداق دېدى: مەن خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە سۆزلىيەلەيمەن، مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن مېھمانلارغا شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىمەن.
قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاراتقۇلارغا، مېھمانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەن پىدائىيلار ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار زىمىستان قىشتا مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر بىر كىشىگە ھارارەت يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىككە شىنجاڭدىكى ياشلارنىڭ جەڭگىۋار ئوبرازىنى، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى.
پىدائىيلاردىن باشقا، شىنجاڭلىق تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى، جۇشقۇنلۇقى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ھەر بىر مۇسابىقە مەيدانىدا ھەر مىللەت تاماشىبىنلار تەنھەرىكەتچىلەرگە كۈچلۈك مەدەت بەردى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۈرۈمچىدە ئۇدا قار ياغدى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى دۇڭلياڭ كەنتىدىكى 71 ياشلىق مەخمۇت بوۋاي قوشنىلىرى بىلەن بىللە شىنجاڭ مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىگە كېلىپ قار تازىلاپ، يوللارنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۇرتىمىزدا بۇنداق چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشالمەن. بۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ بۇ يەردە مۇز تېيىلىمىز، ساياھەتچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي كىرىمىمىزمۇ ئاشىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: شەھەرنىڭ ئوبرازى شەھەردىكى ھەر بىر ئاھالىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىدە گەۋدىلىنىدۇ. مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارغا ئۆزىنىڭ مېھماندوستلۇقى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، كەڭ قورساق بولۇش، خالىس ياردەم بېرىش روھىنى نامايان قىلدى. بۇ مۇسابىقە شىنجاڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، شەھەر ئوبرازى ۋە ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنىمۇ گەۋدىلەندۈردى.
خەلقئارا سەۋىيە
ئاپتونوم رايونلۇق مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزى لايىھەلەش، ئەقلىي ئىقتىدار دەرىجىسى، تېخنىكا سەۋىيەسى، قۇرۇلۇش سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئىلغار، ئاسىيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇز تەنھەرىكىتى سارىيى، دەپ تەرىپلەندى.
مۇسابىقىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا سەۋىيەدىكى بۇ تەنھەرىكەت مەركىزىنىڭ ئەۋزەللىكى بارا – بارا گەۋدىلەندى. 22 – يانۋار فەن كېشىن بىلەن لى جىنيۈ قىسقا يولدا تېز مۇز تېيىلىش تۈرىدە ئۆزلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى يارىتىپلا قالماي، دۇنيا رېكورتىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى، جۇ ياڭ مەملىكەت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. 22 – يانۋار تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 1500 مېتىرلىق مۇسابىقىدە، ئۈرۈمچى كوماندىسىكى خەن مېي 1 مىنۇت 59 سېكۇنت 04لىك نەتىجە بىلەن 16 يىل ساقلانغان مەملىكەت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
لى گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگولۇق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى تەنھەرىكەت مەيدانلىرىدا تۇنجى قېتىم مەملىكەت رېكورتىنى بۇزۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسابىقە مەيدانلىرىدا رېكورت بۇزۇلغان، بۇمۇ ئاپتونوم رايونلۇق مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە تېخنىكا شارائىتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئەنگلىيەدىن كەلگەن ساياھەتچى خالىي قار – مۇز تەنھەرىكىتىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ گۈزەل شەھەرنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم، بۇ يەرنىڭ قويۇق مىللىي مەدەنىيىتى مېنى جەلپ قىلدى، بۇ شەھەردە ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تاماشىبىنلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلالايدىغان ئەمەلىي كۈچ بار ئىكەن.
شەك – شۈبھىسزكى، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىنى تېخىمۇ قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدۈردى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكىلەرنى قار – مۇز ساياھىتىگە ۋە قار – مۇز تەنھەرىكىتىگە جەلپ قىلدى.
نۆۋەتتە، خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئۇيۇشمىسى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىۋېتىپتۇ. لى گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: بىز خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى قولغا كەلتۈرىمىز، شۇنداق بولغاندا مەملىكىتىمىز، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا مۇسابىقىلەردە ۋەتەن ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ شەرەپلەرنى قۇچۇشقا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/13dong/2016-01/26/content_493177.htm