يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى
  • 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى
  • شىنجاڭنى قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى مۇقەددەس جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
  • قىشلىق ئىككى تۈر مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • زور ئۆزگىرىش، جۇشقۇن كەيپىيات، خەلقئارا سەۋىيە
  • ئالتۇن مېدال ماھىرلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىسپاتلىدى
  • ئالتاي مول مەزمۇنلۇق قار–مۇز پائالىيەتلىرى بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىدى
  • «ئەجەبا سىز بىلمەمسىز؟ مانا بۇ شىنجاڭ»
  • U شەكىللىك مەيدان ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • ماھىرلىرىمىزنىڭ تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى
  • ليۇ يەنفېي: قەھرىتان سوغۇقتا تاۋلىنىپ، تېخىمۇ مەزمۇت قەد كۆتۈرىمىز
  • كەمتەر دۇنيا چېمپىيونى ۋاڭ بىڭيۈ
  • مۇز چەينىكى مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى
  • شىنجاڭ «300 مىليون كىشىنى قار–مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش» تىكى ئاساسىي قوشۇن بولالايدۇ
  • «كاتتا مۇسابىقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن پەخىرلەندىم»
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    ماھىرلىرىمىزنىڭ تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى

    مەنبە :نۇر تورى       يوللىغۇچى : ئۇزارجان       يوللانغان ۋاقىت :2016-01-27

      جەمئىي بەش ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، بەش مىس مېدال ئالدى

        سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسى تۆت كۈن داۋاملىشىپ، 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئاخىرلاشتى، ئاپتونوم رايونىمىز ماھىرلىرى بۇ تۈردە جەمئىي بەش ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، بەش مىس مېدالغا ئېرىشتى.

        1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ 1000 مېتىرغا، ئەرلەرنىڭ 10 مىڭ مېتىرغا، ئاياللارنىڭ 5000 مېتىرغا تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. سانجى كوماندىسىدىن گو جىۋېن ئەرلەرنىڭ 10 مىڭ مېتىرغا تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا، ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن جۇ جيافەن مىس مېدالغا ئېرىشتى. ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن ليۇ يىچى ئاياللارنىڭ 5000 مېتىرغا تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

        تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، خاربىن كوماندىسىدىن جاڭ خۇڭ بىلەن ليۇ يىمىڭ تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ مول ھوسۇللۇق ماھىرلاردىن بولۇپ، ھىر بىرى ئۈچتىن ئالتۇن مېدال ئالدى.

        بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز كانكى تېيىلىش تۈرىدە 18 ئالتۇن مېدال تارقىتىلغان بولۇپ، قىسقا يولدا تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭكىگە ئوخشاش ئالتۇن مېدال ئەڭ كۆپ تەسىس قىلىنغان تۈردۇر.

        دۆلەت تەنھەرىكەت باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى تېز كانكى تېيىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جياڭ شىسەينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە جەمئىي 52 ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلاردىن 41 ۋەكىللەر ئۆمىكى تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، ھەتتا بەزى ئۆمەكلەر خاس تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىگىلا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. بۇنىڭدىن تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدىكى رىقابەتنىڭ قانچىلىك كەسكىن بولغانلىقىنى، شۇنداقلا تېز كانكى تېيىلىش تۈرىنىڭ ئېلىمىز قار – مۇز تەنھەرىكىتىدە قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

        ئاپتونوم رايونىمىز كوماندىلىرى تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدە كارامىتىنى كۆرسىتىپ، جەمئىي بەش ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، بەش مىس مېدال ئېلىشتەك زور نەتىجە بىلەن مەملىكەتنىڭ تېز كانكى تېيىلىش ساھەسىدە مۇھىم ئورۇنغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رەقىمباي تالابقان، جۇ جيافەن، دەستۇر تۇرسۇنخان ئەرلەرنىڭ تېز كانكى تېيىلىش تۈرىنىڭ 500 مېتىرغا كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى، بۇ، تېز كانكى تېيىلىش تۈرىدىكى قىممىتى ئەك يۇقىرى ئالتۇن مېدال بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مەملىكىتىمىزگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېز كانكى تېيىلىش تۈرىدىكى ئەمەلىي كۈچى نامايان قىلىندى.

    ئەسلى مەنبە:  http://uy.ts.cn/13dong/2016-01/26/content_493182.htm 

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز