چۆچەك كوماندىسىدىكى 11 ياشلىق ماھىر ۋاڭ يىۋا ئاتا – ئانىسى بىلەن مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇز چەينىكى مۇسابىقىسىگە بىرلىكتە قاتنىشىپ، دىققەتنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى.
ۋاڭ يىۋا ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇ مۇز چەينىكى تەنھەرىكىتىدىكى ‹‹كىچىك پېشقەدەم سەركەردە›› ھېسابلىنىدۇ، ئۇ سەككىز يېشىدىن باشلاپ مۇز چەينىكىنى ئۆگەنگەندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئون نەچچە مەيدان كەسپىي مۇسابىقىگە قاتناشقان. ئۇ مۇنداق دېدى: دادام خاربىن سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشى مۇز چەينىكى كۇلۇبىنىڭ تىرېنېرى، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا، يەنى سەككىز ياشقا كىرگەن چېغىمدا، دادام مېنى كۇلۇبقا ئاپىرىپ مۇز چەينەكنىڭ بىر قانچە ھەرىكىتىنى مەشىق قىلدۇردى، شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، مۇز چەينىكىدىكى خىلمۇ خىل رەڭلەر ۋە تاكتىكىلىق ماسلىشىشنى بەك ياقتۇرىمەن.
بۇ قېتىمقى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ۋاڭ يىۋا ۋە ئۇنىڭ ئانىسى جاڭ يەن بىر كوماندا ئەزالىرى سۈپىتىدە چۆچەك شەھىرىگە ۋاكالىتەن تەڭلا مۇسابىقىگە قاتناشتى، ئۇنىڭ دادىسى ۋاڭ جىچياڭ چۆچەك كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى بولدى. ۋاڭ جىچياڭ قىزىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: مۇز چەينىكى قىزىمنىڭ ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسى، ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئىزچىل ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەلدى، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە سىنىپىدىكى بىر قانچە ساۋاقدىشىمۇ مۇز چەينىكى ھەرىكىتىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. كەلگۈسىدە كەسپىي كوماندىلارغا كىرەلمىسىمۇ، مۇز چەينىكى قىزىمنىڭ ھاياتىدىكى ياقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشى بولۇپ قالسا، بۇمۇ بىر ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/13dong/2016-01/26/content_493186.htm