شىنجاڭ 10 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى
25 – يانۋار بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر ۋە ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە قىشلىق ئىككى تۈر(چاڭغا تېيىلىپ قارىغا ئېتىش) مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
ئەرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ 10 كىلومېتىرغا چاڭغا تېيىلىپ قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن رېن لۇڭ 27 مىنۇت 11 سېكۇنت 3 نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدالغا، يەن شىڭيۈەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. بۇ شىنجاڭنىڭ ئېرىشكەن 10–ئالتۇن مېدالى.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/13dong/2016-01/26/content_493176.htm