يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى
  • 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى
  • شىنجاڭنى قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى مۇقەددەس جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
  • قىشلىق ئىككى تۈر مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • زور ئۆزگىرىش، جۇشقۇن كەيپىيات، خەلقئارا سەۋىيە
  • ئالتۇن مېدال ماھىرلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىسپاتلىدى
  • ئالتاي مول مەزمۇنلۇق قار–مۇز پائالىيەتلىرى بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىدى
  • «ئەجەبا سىز بىلمەمسىز؟ مانا بۇ شىنجاڭ»
  • U شەكىللىك مەيدان ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • ماھىرلىرىمىزنىڭ تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى
  • ليۇ يەنفېي: قەھرىتان سوغۇقتا تاۋلىنىپ، تېخىمۇ مەزمۇت قەد كۆتۈرىمىز
  • كەمتەر دۇنيا چېمپىيونى ۋاڭ بىڭيۈ
  • مۇز چەينىكى مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى
  • شىنجاڭ «300 مىليون كىشىنى قار–مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش» تىكى ئاساسىي قوشۇن بولالايدۇ
  • «كاتتا مۇسابىقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن پەخىرلەندىم»
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    ئالتۇن مېدال ماھىرلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىسپاتلىدى

    مەنبە :نۇر تورى       يوللىغۇچى : ئۇزارجان       يوللانغان ۋاقىت :2016-01-27

        جىڭ بو

        شىنجاڭلىق يىگىت رەقىمباي تالابقان، جۇ جيافەن، دەستۇر تۇرسۇنقان ئەرلەر كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە 3 مىنۇت 49 سېكۇنت 19 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى، بۇ شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز تېيىلىش تۈرىدە كوللېكتىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشى.

        24 – يانۋار مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز مۇز تېيىلىش تۈرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا ئۈچ كۈن بولدى. بۇ يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا، مەيدان – ساراي تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى.

        تاماشىبىنلار تېز تېيىلىش چولپىنى جاڭ خۇڭنىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ بېقىشنى ئارزۇ قىلاتتى. جاڭ خۇڭ ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويماي، ئاياللارنىڭ 1500 مېتىرغا تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۈتكىنىدىن چىقتى. ئەمما تاماشىبىنلار ئۆزلىرىنى بۇنىڭدىنمۇ زور خۇشاللىقنىڭ ساقلاپ تۇرغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى.

        ئەرلەرنىڭ كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق يىگىتلەرنىڭ ماھارىتى كۆپچىلىكنى تېخىمۇ شادلىققا چۆمدۈردى. بۇيرۇق تاپانچىسىنىڭ ئېتىلىشى بىلەن رەقىمباي، جۇ جيافەن، دەستۇر پەللىدىن تېزدىن قوزغىلىپ تېيىلىشنى باشلىدى.

        بۇنىڭ ئالدىدا 3 – گۇرۇپپىدا مەيدانغا چۈشكەن ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسى 3 مىنۇت 51 سېكۇنت 74 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭلىق كەسىپداشلىرىنى سوغۇق تەرلەتكەنىدى، بۇ نەتىجە شىنجاڭلىق يىگىتلەرنىڭ ئادەتتىكى مەشىقتىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىدىن خېلى يۇقىرى ئىدى.

        شۇ چاغدا سەھنىگە قاراپ تۇرغان ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يىمىن ئەندىشىگە چۆمدى، شىنجاڭ تېز مۇز تېيىلىش ئەترىتىنىڭ تىرېنېرى ليۇ يەنفېينىڭ سائەت تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى سوغۇق تەرلەپ كەتتى. رەقىمباي، جۇ جيافەن، دەستۇر ئۈچەيلەن مۇزدا غۇيۇلداپ تېيىلىۋاتاتتى، مۇسابىقە مەيدانىدىكى چوڭ ئېكراندا ۋاقىت كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇلار تۇنجى ئايلانمىدا 1 – بولدى، 2 –، 3 – ئايلانما... ئېكراندىكى ۋاقىت خاتىرىسىدە ھەر قېتىملىق ئايلانمىدا ئۇلارنىڭ 1 – بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇردى.

        مەيداندىكى تاماشىبىنلار ھاياجانلانغانلىقىدىن ئولتۇرالماي قالدى، ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ماھىرلارغا مەدەت بەردى. مۇسابىقە مەيدانىدا رەقىمباي، جۇ جيافەن، دەستۇر ئۈچەيلەن ئوخشاش رىتىم، ماس قەدەمدە تېيىلدى، ئۇلارنىڭ قول ھەرىكەتلىرىمۇ بىردەك بولدى.

        ‹‹غەلىبە قىلدۇق، بىز چېمپىيون بولدۇق!››، ئۇلار تېيىلىپ ئاخىرقى نۇقتىدىن ئۆتكەندە، تېز تېيىلىش سارىيى بىردىنلا قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى، ئالقىش ۋە چاۋاك سادالىرى مەيداننى قاپلىدى.

        شۇ دەقىقىلەردە بۇ نەتىجىنىڭ نەقەدەر تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى ئاشۇ ئەزىمەتلەردىن باشقا كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن!

        شىنجاڭ تېز مۇز تېيىلىش كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە، ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئوغۇللارنىڭ 5000 مېتىرغا تېز مۇز تېيىلىش تۈرى بىلەن ئەرلەرنىڭ 5000 مېتىرغا تېز مۇز تېيىلىش تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئالالايتتى.

        ئەمما تۇنجى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە، ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئوغۇللارنىڭ 5000 مېتىرغا تېز مۇز تېيىلىش تۈرىدە ئالماس قاغانباي 4 – بولدى؛ ئارقىدىن ئەرلەرنىڭ 5000 مېتىرغا تېز مۇز تېيىلىش تۈرىدە رەقىمباي 3 – بولدى، دەستۇر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ نومۇر ئالالمىدى.

        ليۇ يەنفېي مەغلۇپ بولۇش سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: كىممۇ يۇرتىدىكى تاماشىبىنلار ئالدىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى خالىمىسۇن؟ ئەمما كوماندا ئەزالىرىنىڭ روھىي بېسىمى ئېشىپ كەتتى.

        ئەرلەرنىڭ كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە ماھىرلار غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تېز مۇز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ كورېيەلىك تىرېنېرى لى زەيجى مۇنداق دېدى: بۇ ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە، تەنھەرىكەتچىلەر ئاخىر ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. مەن ئۇخلىمىغىلى ئىككى كۈن بولدى، ئەمدى خاتىرجەم ئۇخلايدىغان بولدۇم.

        ئۈچ يىگىت مەيداننى ئايلىنىپ ئاممىغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى، تاماشىبىنلار توۋلاپ ۋە ئىسقىرتىپ ئۇلارنى ئالقىشلىدى.

        دەستۇرنىڭ ئاپىسى خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆككىنىچە يۈگۈرۈپ مەيدان يېنىغا كېلىپ ئوغلىنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى؛ رەقىمباينىڭ سىڭلىسىمۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن باشمالتىقىنى چىقىرىپ: ئاكا، يارايسەن! تېخىمۇ غەيرەت قىل! داۋاملىق تىرىش! دېدى.

        پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ چاۋاڭ چېلىپ، شىنجاڭ پەرزەنتلىرىنى تەبرىكلىدى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ پېڭ يىگىتلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى تەبرىكلىدى.

        تىرېنېر فۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: ئەرلەرنىڭ كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسى شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ تۈر ئىدى، بۈگۈنكى ئالتۇن مېدال بىزنىڭ ئالتۇن مېدال ئېلىش ئىرادىمىزنى ئىسپاتلاپلا قالماي، بەلكى شىنجاڭلىقلارنىڭ تېز مۇز تېيىلىش تۈرىدە ‹‹كارغا كېلىدىغانلىقى، يارايدىغانلىقى››نى ئىسپاتلاپ بەردى. بىز ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەرلەرنىڭ 10 مىڭ مېتىرغا تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئېلىشقا تىرىشىمىز!

    ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/13dong/2016-01/26/content_493178.htm 

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز