يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى
  • 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى
  • شىنجاڭنى قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى مۇقەددەس جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
  • قىشلىق ئىككى تۈر مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • زور ئۆزگىرىش، جۇشقۇن كەيپىيات، خەلقئارا سەۋىيە
  • ئالتۇن مېدال ماھىرلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىسپاتلىدى
  • ئالتاي مول مەزمۇنلۇق قار–مۇز پائالىيەتلىرى بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىدى
  • «ئەجەبا سىز بىلمەمسىز؟ مانا بۇ شىنجاڭ»
  • U شەكىللىك مەيدان ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • ماھىرلىرىمىزنىڭ تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى
  • ليۇ يەنفېي: قەھرىتان سوغۇقتا تاۋلىنىپ، تېخىمۇ مەزمۇت قەد كۆتۈرىمىز
  • كەمتەر دۇنيا چېمپىيونى ۋاڭ بىڭيۈ
  • مۇز چەينىكى مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى
  • شىنجاڭ «300 مىليون كىشىنى قار–مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش» تىكى ئاساسىي قوشۇن بولالايدۇ
  • «كاتتا مۇسابىقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن پەخىرلەندىم»
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    «كاتتا مۇسابىقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن پەخىرلەندىم»

    مەنبە :نۇر تورى       يوللىغۇچى : ئۇزارجان       يوللانغان ۋاقىت :2016-01-27

    خالىدە ئوبۇل

        يەكەن ناھىيەسىدىن كەلگەن مۇھەممەتتۇرسۇن سادىق 25 – يانۋار ئەتىگەندىلا خوتۇنى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىگە كەلدى، 24 – يانۋار ئۇ تېز مۇز تېيىلىش تۈرىنىڭ 500 مېتىرغا كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى ئەرلەر كوماندىسىنىڭ ئالتۇن مېدالغا، ئاياللار كوماندىسىنىڭ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئىنتايىن شادلانغان ئىدى.

        ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۈگۈنمۇ شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كارامىتىنى كۆرەي، دەپ كەلدىم. مۇسابىقىلەرنى 21 – يانۋاردىن باشلاپ ئۇدا كۆرۈۋاتىمەن. ئاياللار مۇز توپ مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، بۇمۇ كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان ياخشى نەتىجە. باشقا مۇسابىقە مەيدانلىرىدىمۇ ئاپتونوم رايونىمىز ماھىرلىرىنىڭ ئۇدا مېدال ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. تەنھەرىكەتچىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن!

        مۇھەممەتتۇرسۇن سادىق بىر ھەپتە بۇرۇن خوتۇنى بىلەن سەنيادىكى ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆيىگە كەتمەي، ئۈرۈمچىدە مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن قېپقالغانىدى. مۇھەممەتتۇرسۇن سادىق پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، 34 يىل تەنتەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانىدى.

        شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كاتتا مەرىكىگە كەلمىگەن بولسام ئارماندا قالاتتىم. مۇسابىقە مەيدانلىرىدا دۇنيا چېمپىيونلىرىنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا ئولتۇرۇپ، مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرۈشۈم. مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم دىيارىمىزدا ئۆتكۈزۈلۈشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ساھەلەردە يۈكسىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ تەشۋىقات فىلىمىدىن يۇرتىمىزدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ شىنجاڭلىق بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلەندىم، دېدى ئۇ.

        مۇھەممەتتۇرسۇن سادىقنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلارنى تېخىچە ئەستىن چىقارمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

        26 – يانۋاردىن باشلاپ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى باشلىنىدىكەن، بۇمۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان مۇسابىقە تۈرى. مەن يۇرتداشلىرىمنىڭ مۇسابىقىنى كۆرۈش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىكىنى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەملىكەتكە، دۇنياغا تونۇلغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/13dong/2016-01/26/content_493188.htm 

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز