يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى
  • 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى
  • شىنجاڭنى قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى مۇقەددەس جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
  • قىشلىق ئىككى تۈر مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • زور ئۆزگىرىش، جۇشقۇن كەيپىيات، خەلقئارا سەۋىيە
  • ئالتۇن مېدال ماھىرلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىسپاتلىدى
  • ئالتاي مول مەزمۇنلۇق قار–مۇز پائالىيەتلىرى بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىدى
  • «ئەجەبا سىز بىلمەمسىز؟ مانا بۇ شىنجاڭ»
  • U شەكىللىك مەيدان ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • ماھىرلىرىمىزنىڭ تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى
  • ليۇ يەنفېي: قەھرىتان سوغۇقتا تاۋلىنىپ، تېخىمۇ مەزمۇت قەد كۆتۈرىمىز
  • كەمتەر دۇنيا چېمپىيونى ۋاڭ بىڭيۈ
  • مۇز چەينىكى مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى
  • شىنجاڭ «300 مىليون كىشىنى قار–مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش» تىكى ئاساسىي قوشۇن بولالايدۇ
  • «كاتتا مۇسابىقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن پەخىرلەندىم»
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    شىنجاڭ «300 مىليون كىشىنى قار–مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش» تىكى ئاساسىي قوشۇن بولالايدۇ

    مەنبە :نۇر تورى       يوللىغۇچى : ئۇزارجان       يوللانغان ۋاقىت :2016-01-27

     -خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گو مىڭيۈنى زىيارەت

    لى ياڭ

        ‹‹شىنجاڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتىنى دەل ۋاقتىدا قانات يايدۇردى، دەپ قارايمەن. ئىشىنىمەنكى، بىر قانچە يىلدىن كېيىن شىنجاڭ<300>تىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇپ، قىسمەن قار – مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە ۋە شەھەرلەر بىلەن قېلىشمىغۇدەك ئىقتىدارغا ئىگە بولالايدۇ، ھەتتا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن!›› دېدى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گو مىڭيۈ 24 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا.

        گو مىڭيۈ نېمە ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدۇ؟ خېيلۇڭجياڭ بىلەن شىنجاڭ بىرلىشىپ ‹‹شىمالنىڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتىنى جەنۇبتا قانات يايدۇرۇش، غەربكە كېڭەيتىش›› ئىستراتېگىيەسىدە يېڭى مۆجىزە يارىتالامدۇ؟ مەن بۇ ھەقتە گو مىڭيۈنى زىيارەت قىلدىم.

        قار – مۇز تەنھەرىكىتى ياخشى شارائىتتا باشلاندى

        ‹‹قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمالدىن ھالقىدى، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم شۇنچە كۆپ ئۆلكە قاتناشتى، تۇنجى قېتىم مەملىكەت مىقياسىدا قار – مۇز تەنھەرىكىتىگە ئېتىبار بېرىلدى ھەم قار – مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش كەيپىياتى يارىتىلدى. بۇ نۇقتىلاردىن ئېيتقاندا، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخ ياراتتى››، دېدى گو مىڭيۈ مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە باھا بېرىپ.

        گو مىڭيۈنىڭ بەرگەن باھاسى نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە تەنھەرىكەتچىنىڭ مەيدان – ساراي قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە بەرگەن باھاسى بىلەن ئوخشاش بولدى، گو مىڭيۈ شىنجاڭ مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىنى تۇنجى كۆرگەن ۋاقتىدا قاتتىق ھەيران قالدى. ئۇ مەملىكەت ئىچىدە بىردىنبىر، ئاسىيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارادا باشلامچىلىق رولىغا ئىگە مۇسابىقە مەيدانى ۋە سارايلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا بۇ بىرقانچە يىلدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. گو مىڭيۈ مۇنداق دېدى: مەيدان – سارايلار مەيلى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ياكى قۇرۇلۇش سۈپىتى، تېخنىكا سەۋىيەسى جەھەتتە بولسۇن، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن، بولۇپمۇ يۇقىرى سۈپەتتە سېلىنغان مۇز مەيدانى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، فەن كېشىن قاتارلىق خېيلۇڭجياڭلىق ماھىرلارنىڭ بۇ يەردە دۇنيا رېكورتىنى بۇزالىشىنى ئەلا سۈپەتلىك مۇز مەيدانىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

        گو مىڭيۈ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى، قار سۈپىتى، مۇھىتى ئالىپ تاغ تىزمىسىدىكى ياۋروپا چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىدىن، شۇنداقلا سوچى، سولت لېيكتىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىدىن قېلىشمايدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن تامامەن دۇنيا دەرىجىلىك مەشىق ۋە مۇسابىقە بازىسى بولالىغۇدەك. بۇ، شىنجاڭنىڭ ‹‹300 مىليون كىشىنى قار – مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش››قا باشلامچىلىق قىلىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى.

        گو مىڭيۈ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى مول قار – مۇز بايلىقى، ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتى ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەسلىھەلىرى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق نامايان قىلىندى، بۇ چوقۇم دۇنيادىكى قار – مۇز تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرىنى شىنجاڭغا جەلپ قىلىدۇ.

        گو مىڭيۈ مۇسابىقە بېلىتىنى سېتىۋېلىشمۇ ئىنتايىن تەس بولغان، مۇسابىقە مەيدان – سارايلىرى كۈندە ئادەم بىلەن لىق تولغان، تاماشىبىنلارنىڭ مەدەت سادالىرى ياڭرىغان بۇنداق كۆرۈنۈشنىڭ تارىختىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ‹‹قاتتىق ماتېرىياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئادەم ئامىلى تېخىمۇ مۇھىم، قار – مۇز تەنھەرىكىتىگە بولغان مۇشۇنداق قىزغىنلىق بولىدىكەن، قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق››، دېدى گو مىڭيۈ. ئۇ مۇسابىقە مەيدانىدا كۆپلىگەن شىنجاڭلىق تاماشىبىنلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئىشىكى ئالدىدا مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان بولسىمۇ، قار – مۇز تەنھەرىكىتىگە بولغان دىققەت – ئېتىبارىنىڭ، تونۇشىنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەتتا تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ‹‹شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى ئاساسى پۇختا ئىكەن، شىنجاڭدا ھازىر يەنە قار – مۇز تەنھەرىكىتىنى مەكتەپلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇش زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋېتىپتۇ، بۇ كىشىنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ››، دېدى.

        شىنجاڭنىڭ 1 – سەپكە ئۆتۈشىدە ئۈمىد بار

        ‹‹300 مىليون كىشىنى قار – مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشى ۋە ‹‹شىمالنىڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتىنى جەنۇبتا قانات يايدۇرۇش، غەربكە كېڭەيتىش›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ كەڭ يولغا قويۇلۇشى نەتىجىسىدە، ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلەر قار – مۇز ھەرىكىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشقا ئامال ئىزدىمەكتە. گو مىڭيۈ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە رىقابەت كۈچىيىشى مۇمكىن، لېكىن، شىنجاڭنىڭ قار – مۇز ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە قار – مۇز تەنتەربىيە كەسپىدە 1 – سەپكە ئۆتۈشىدە ئۈمىد بار.

        ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىر خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، ئازادلىق ئارمىيە قاتارلىقلارنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقسىىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋېلىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەندەك قىلىدۇ. شىنجاڭمۇ پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ، ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسكىن رىقابەتتە يارقىن نۇقتا بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار.

        گو مىڭيۈ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەيدان – سارايلارنى ھازىرلىدى، بۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەر بەدەن ساپاسى جەھەتتە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەن، بۇنى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

        گو مىڭيۈ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ھازىرقى نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىدىكىلەرنىڭ ئالتۇن مېدال ئېلىش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. بۇ، كىشىنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرىدۇ. بولۇپمۇ ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭلىق ماھىرلار ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭدىن شىنجاڭنىڭ بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا مەشىقنى چىڭ تۇتقانلىقىنى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى توغرا ئۇسۇلدا مەشىقلەندۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

        گو مىڭيۈ يەنە شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ياخشى بولغان شىنجاڭلىق ماھىرلارنى ‹‹چولپان›› تەنھەرىكەتچى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتىگە قىزىقىشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشى مۇقەررەر.

        خېيلۇڭجياڭ بىلەن شىنجاڭ پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلەندى

        مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان، مول قار – مۇز بايلىقىغا ئىگە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ئۇزاقتىن بۇيان مەملىكىتمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قار – مۇز تەنھەرىكىتىدىكى كۈچلۈك ئۆلكە سانىلىپ كەلگەن بولۇپ، جۇڭگو قىشلىق ئو ت م گە قاتناشقاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئالتۇن مېداللىرىنىڭ %80ىنى موشۇ ئۆلكىنىڭ ماھىرلىرى قولغا كەلتۈرگەن. شىنجاڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئەۋزەل شارائىتقا، ئەۋزەل ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە. گو مىڭيۈ مۇنداق دېدى: 2022 – يىلى مەملىكىتىمىزدە قار – مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، خېيلۇڭجياڭ مەملىكىتىمىزدىكى قىشلىق تەنھەرىكەتنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ قىشلىق ئولىمپىك توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، شىنجاڭ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئالاھىدىلىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ‹‹300 مىليون كىشىنى قار – مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولىدۇ.

        ئىگىلىشىمچە، ھازىر خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك قار – مۇز تەنھەرىكىتى كەسپىي گۇرۇھى قۇرۇشنى باشلىغان بولۇپ، تەنتەربىيە سىستېمىسىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلكىنى ئايرىپ چىقىپ، بازارنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە باشقۇرۇپ، قار – مۇز تەنھەرىكىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا باشلامچى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خېيلۇڭجياڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تەنتەربىيە راھەت ساياھىتى ۋە ماھارەت مۇسابىقىسىنى ئاساس قىلغان قار – مۇز تەنھەرىكىتى كەسپىنى بارلىققا كەلتۈرىدىكەن. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى يەنە ‹‹ئالاقە تورى + تەنتەربىيە سودىسى››نى، تەنتەربىيە چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشنى، ئومۇمىي خەلق تەنتەربىيە لىنىيەسى مەھەللە كەسپىنى قانات يايدۇرۇشنى، قار – مۇز تەنھەرىكىتىدە كىيىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىيىم – كېچەكلەرنى پائال تەتقىق قىلىپ بارلىققا كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور تۈركۈمدىكى قىشلىق تەنتەربىيە ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىگە ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. يەنە PPP ئەندىزىسى ئارقىلىق قار – مۇز تەنھەرىكىتى سارىيى ياساش توغرىسىدا ئىزدىنىپ، ئاممىنىڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتىگە بولغان تەلىپىنى قاندۇرىدىكەن. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تەنتەربىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تەنتەربىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، قار – مۇز كەسپىي تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە مول تەجرىبىلەرگە ئىگە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

        گو مىڭيۈ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ماھارەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيەسى زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە، ماھارەت مۇسابىقىسىگە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە، قار – مۇز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەمكارلىق سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، قار – مۇز بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ.

    ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/13dong/2016-01/26/content_493187.htm 

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز