تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 6-يانۋار، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يەنە 14 كۈن قالدى، مۇخبىر بۇ كۈنى مۇسابىقە مەيدانلىرىنىڭ بىرى بولغان تەڭرىتاغ بۇغدا خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپ، U شەكىللىك مۇسابىقە يولىنى ۋە باشقا ئىككى تۈرنىڭ مۇسابىقە يولىنى كۆردى. بۇ يەر دېڭىز يۈزىدىن 1000 مېتىر ئېگىز بولۇپ، گەرچە تېمېپېراتۇرا ئاللىقاچان ℃12-قا چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق، پارلاپ تۇرغان قۇياش كىشىگە سوغۇقنى ھېس قىلدۇرمايتتى، كۆپكۆك ئاسمان، ساپ ھاۋا قىشنىڭ باشقىچە گۈزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇراتتى.
مۇسابىقە يوللىرى ئىچىدە، U شەكىللىك مۇسابىقە يولى كۆزگە بەكرەك چېلىقىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 245 مېتىر، كەڭلىكى 36 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 6.7 مېتىر ئىدى، ئۇنداقتا، ئويلاپ باقايلى، چوڭقۇرلۇقى يەتتە مېتىرغا يېقىنلىشىدىغان ئوقۇر شەكلىدىكى بۇ مۇسابىقە يولىدا تېز سۈرئەتتە قار تېيىلسا زادى قانداق بولىدىغاندۇ؟ بىز مۇسابىقىنىڭ تېزراق باشلىنىپ، ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ نادىر نومۇرلارنى بىزگە سۇنۇشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتىمىز.