31-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىدە ئېچىلدى. يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بەلگىسى، قۇت بۇيۇمى ۋە باش تېما شوئارىنى يىغىش، تاللاش، بېكىتىش جەريانىنى تونۇشتۇردى.
مۇسابىقە بەلگىسى «يىپەك يولى قىش مۇڭى» نىڭ لايىھە ئىلھامى خەنزۇچە يېزىق ۋە قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈشتىن كەلگەن بولۇپ، بۇ بەلگىگە خەنزۇچە يېزىقتىكى «冬» خېتى ئىجادىيەت ئەندىزىسى قىلىنغان، جانلىق، ئەركىن چىققان خەت شەكلى قار-مۇز تەنھەرىكەتچىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى جەلپكار قىياپىتى ۋە ھەرىكەت ھالىتىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «13» رەقىمى ئۇستىلىق بىلەن شەكىل ئارىسىغا كىرىشتۈرۈلگەن. مۇسابىقە بەلگىسىنىڭ رەڭگىگە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى قىزىل، سېرىق، كۆك، يېشىل، قارا رەڭلەر ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كۈچلۈك تەنتەربىيە ماھارىتى روھىنى يەتكۈزگەن. قىزىل رەڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلىقىغا، سېرىق رەڭ چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىدىغان پەيتلەرگە، كۆك رەڭ شىنجاڭنىڭ پاكىز ئاسمىنىغا، يېشىل رەڭ قارلىق تاغ ئېتىكىدىكى ئىپتىدائىي قارىغايلىققا، قارا رەڭ تېخىمۇ كۆپ تەنتەربىيە يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا سىمۋۇل قىلىنغان.