قازاقلارنىڭ چىرايلىق كېگىز ئۆيى، ھەيۋەتلىك سەددىچىن سېپىلى، سەلتەنەتلىك تيەنئەنمېن، يەنە ئوماق مۈشۈكئېيىق... 12-دېكابىر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ھويلىسى قاينام-تاشقىنلىققا تولدى، بۇ مەكتەپنىڭ جۇڭگو تىللىرى ئىنستىتۇتى 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە سوۋغا قىلىش ئۈچۈن قىشلىق قار-مۇز ئىجادىيەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئوقۇغۇچىلار بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، قاردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل ئۆزگىچە شەكىللەرنى ياساپ چىقتى.
شۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ جۇڭگو تىللىرى ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە گۈرجەك، رەڭلىك بوياق قاتارلىق ھەر خىل قوراللارنى ئېلىپ مەيدانغا بېرىپ ئىشقا كىرىشكەن. ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار قار دۆۋىلىگەن، قىز ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل شەكىللەرنى ياسىغان، بىر نەچچە سائەتتىلا ھەر خىل شەكىلدىكى ئەسەرلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، مەكتەپتە ئۆزگىچە مەنزىرە ھاسىل قىلغان.
(پىراكتىكانت زورىگۈل يۈسۈپ تەرجىمىسى)











