يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى
  • 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى
  • شىنجاڭنى قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى مۇقەددەس جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
  • قىشلىق ئىككى تۈر مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • زور ئۆزگىرىش، جۇشقۇن كەيپىيات، خەلقئارا سەۋىيە
  • ئالتۇن مېدال ماھىرلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىسپاتلىدى
  • ئالتاي مول مەزمۇنلۇق قار–مۇز پائالىيەتلىرى بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىدى
  • «ئەجەبا سىز بىلمەمسىز؟ مانا بۇ شىنجاڭ»
  • U شەكىللىك مەيدان ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
  • ماھىرلىرىمىزنىڭ تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى
  • ليۇ يەنفېي: قەھرىتان سوغۇقتا تاۋلىنىپ، تېخىمۇ مەزمۇت قەد كۆتۈرىمىز
  • كەمتەر دۇنيا چېمپىيونى ۋاڭ بىڭيۈ
  • مۇز چەينىكى مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى
  • شىنجاڭ «300 مىليون كىشىنى قار–مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش» تىكى ئاساسىي قوشۇن بولالايدۇ
  • «كاتتا مۇسابىقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن پەخىرلەندىم»
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    مۇخبىر 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلەر ياتىقىنى زىيارەت قىلدى

    مەنبە :تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى       يوللىغۇچى : ئۇزارجان       يوللانغان ۋاقىت :2015-11-28

    تەنھەرىكەتچىلەر ياتىقىنىڭ بەشىنچى قەۋەت كارىدورغا تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قويۇلغان بولۇپ، چېنىقىشقا قولايلىق

         26-نويابىر 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 55 كۈن قالدى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىدە تۆت ئايدىن كۆپرەك يېپىق ھالەتتە مەشىق قىلغان تەنھەرىكەتچىلەرمۇ ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق باسقۇچىغا كىردى.

         تەنھەرىكەتچىلەر ھەر كۈنى 9 سائەتكە يېقىن مەشىق قىلىپ، باشقا ۋاقتىنى ئاساسەن تەنھەرىكەتچىلەر ياتىقىدا ئۆتكۈزىدۇ، 17مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر ياتىقى باشقا بىر قانچە مەشىق مەيدانلىرىغا ئوخشاش شەھەر رايونىدىن 47 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىگە جايلاشقان.

         تەنھەرىكەتچىلەر ياتاق بىناسىدىكى 5010-نومۇرلۇق ياتاقتا شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە تېيىلىش كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى شۈ چېڭلوڭ پولدا ئولتۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن كانكى ئايىغىنى سۈرتۈۋاتاتتى. باشقا كوماندا ئەزالىرى مۇشۇ بىنانىڭ بەشىنچى قەۋىتىدە تۇرىدۇ. ئۇلار ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ سائەت توققۇزدىن بۇرۇن يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ، ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر كۈنلۈك مەشىقنى باشلايدۇ.

         «كوماندىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 18 ياش ئەتراپىدا» دېدى تېز سۈرئەتتە تېيىلىش كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى دياۋ مۇلىڭ. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە كوماندىدىن 15 نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدىكەن. مۇسابىقە يىقىنلاشقانسېرى بالىلارنىڭ بېسىمى ئېشىۋېتىپتۇ.

         تاشقورغاندىن كەلگەن 13 ياشلىق ئالماسنىڭ تېز سۈرئەتتە تېيىلىش كوماندىسىغا كىرگىنىگە ئۈچ يىل بولغان، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا بۇ تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ھازىر كوماندىدىكى «غوللۇق» ماھىرلارنىڭ بىرى.

         «تېز سۈرئەتتە تېيىلىشنىڭ بەلگىلىك خەتىرى بار، ئەگەر مەشىق جەريانىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرسە، ئىككى ئادەم بىراقلا يېقىلىپ چۈشىدۇ، كانكىنىڭ ئۆتكۈر پىچىقى قارشى تەرەپنى ئوڭايلا زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن» دېدى ئالماس. بۇ قېتىمقى مەشىقتە يېتەكچى ئۇششاق ھالقىلارغا قاتتىق تەلەپ قويغان بولۇپ، مەشىق سىجىللىقىمۇ بۇرۇنقىدىن يۇقىرى بولغان، ئالماس بەزىدە ياتاققا كىرىپ يېتىپلا ئۇخلاپ قالاتتى.

         ياتاق بىناسىنىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدە 41 نەپەر چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى تۇرىدۇ، كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەر خىل رەڭدىكى يەككە تېيىلىش چاڭغىسى ۋە قوش تېيىلىش چاڭغىسى قويۇلغان.

         ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ياتاقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلچەملىك ئىككى كىشىلىك ياتاقلار بولۇپ، ياتاقلارنىڭ يۇيۇنۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق، شۇنداقلا بەك قولايلىق. ئىككىنچى قەۋەت بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئىشخانا رايونى قىلىپ لايىھەلەنگەن.

         12-ئىيۇلدىن باشلاپ، بۇ تەنھەرىكەتچىلەر پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتىكى مەشىقنى باشلىغان. راھەت تۇرالغۇ مۇھىتى ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە بولغان سېغىنىشىنى پەسەيتىپ، مۇسابىقىگە بولغان تەشنالىقىنى ئاشۇرىدۇ.

         ياتاق بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى ئازادە زالنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىرلا ۋاقىتتا 400 دىن ئارتۇق ئادەم غىزالىنالايدىغان ئاشخانا بار.

        سائەت 14:00 تە، تاماق يىگىلى كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، تاماقتىن كېيىن، ئۇلار داۋاملىق شۈ كۈنلۈك «كېيىنكى مەيدان» دىكى مەشىقىنى باشلايدۇ.

     

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز