تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
سامسۇڭ Galaxy S5 Plus نىڭ باھاسى 4600 يۈەن

ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى iPhone6/6 Plus نىڭ ئەلپازى بەك يامان بولغاچقا سامسۇڭ شىركىتى ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئالمىنىڭ بۇ يېڭى مەھسۇلاتى بىلەن قارشىلىشالايدىغان يېڭى نۇسخىدىكى بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقارمىسا بولمايدىغان بولدى، سامسۇڭنىڭ بۇ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بايراقدار دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ نامى Galaxy S5 Plus دۇر. سامسۇڭ Galaxy S5 Plus يانفونىنىڭ ئاساسلىقى بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئاساسى چاستوتىسى 2.5GHz بولغان گاۋتوڭ شاۋلوڭ 805 تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئۆزگەرتىلگەن. تەبىئى ھالدا نۇرغۇن ئىستىمالچىلار Galaxy S5 Plu نىڭ باھسىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. فىنلاندىيىدىكى سامسۇڭ تارماق شىركىتىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، Galaxy S5 Plus يانفونى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا فىنلاندىيىدە بازارغا سېلىنىدىكەن، سېتىلىش باھاسى بولسا 599 دوللار، جۇڭگو پۇلىغا سۇندۇرغاندا4600 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.

 

سامسۇڭ Galaxy S5 Plus ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىنىڭ بۇ باھاسى iPhone 6 Plus ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەقىقەتەن رىقابەت كۈچىگە ئىگە. دېمىسىمۇ iPhone6 نىڭ باھاسى بەش مىڭ يۈەننىڭ تۆپىسىدە بولىۋاتىدۇ. سامسۇڭ Galaxy S5 Plusئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى يەنە كۆپلىگەن  4Gتور شەكىللىرىنى قوللايدۇ، شۇڭا كۆپ ئىقتىدارلىق يانفون دېيىشكە بولىدۇ.
باشقا سەپلىمىلىرى جەھەتتە، Galaxy S5 Plus نىڭ باشقا ئۆلچەملىرى بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان، يەنىلا 5.1 دىيوملۇق 1080p سېزىمچان ئېكران، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB لىق ئاساسى سىغىم بوشلىقى سەپلەنگەن، 128GB لىق SD كارتىسىنى قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، سامسۇڭ Galaxy S5 Plus ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى نائىلاج ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، iPhone6/6 Plus ھەر كۈنى ئالمىنىڭ تارىخى خاتىرىلىرىنى يېڭىلاپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋال ئالمىنى خۇشال قىلغان بىلەن رىقابەتچىسى سامسۇڭنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.
 


 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز