A-A+

نامراتلار پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، بايلار پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 407 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

29781515515736

6-باپ 3-پارىگىراپ

نامراتلار پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، بايلار پۇلنى ئۆزى

ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ

سىز نېمەئۈچۈن خىزمەت قىلىسىز؟ پۇل سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

نامراتلارۋە بايلارنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى ئوخشىمايدۇ. نامراتلارغا نىسبەتەن، خىزمەت پۇل ئۈچۈنلا قىلىنىدۇ، پۇل ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىردىن بىر قىسىمى، يەنە كېلىپ خىزمەتتىكى بىردىن بىر مەخسىتى. بۇ خىل پۇل ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان پوزىتسىيە ئۇلارنىڭ پۇلنىڭ قۇلى بولدىغانلىقىنى، پۇلنىڭ ئۇلارنىڭ كۇكۇلىسىدىن تۇتۇپ ماڭىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

ئەمما بايلار ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىشىتىكى مەقسىتى پۇل ئۈچۈنلا ئەمەس، پۇل پەقەت ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەخسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان، ئۆزلۈك قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قورالدۇر، خالاس. ئۇلار پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى، پۇلنىڭ خوجايىنى بولۇشنى بىلىدۇ. بۇ يەردە بايلارنىڭ پۇلغا بولغان قارىشىغا قوش قاتلاملىق مەنىلەر يوشۇرۇنغان. يەنى ، بىرتەرەپتىن بايلار ئەركىن – ئازادە ھالدا پۇلنى ئايلاندۇرالايدۇ، ئۆزىنىڭ قولىدىكى پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتالايدۇ؛ يەنە بىرتەرەپتىن بايلار ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى بۈيۈك نىشان (پۇلدىن باشقا) ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، پۇل پەقەت بۇ بۈيۈك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قورال. بۇ تەرەپلەردىن قارىغاندا، بىز ناھايىتى ئاسانلا بايلارنىڭ بايلاردىن بولۇشىدىكى سەۋەبنى بىلەلەيمىز.

قەدىمدىن –ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە ئۆتكەن بايلارنىڭ ھەممىسى پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى، پۇلدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى بىلگەن . دۇنياغا داڭلىق كارخانىچى ئاۋىل.فېيلېر بۇنىڭ  تىپىك ۋەكىلى.

ئاۋىل.فېيلېر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا نامرات تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ، بىراق ئاۋىل.فېيلېردا دەۋر بىلەن تەڭ ماڭالايدىغان روھ بار ئىدى.

كىچىك ۋاقتىدا، ئاۋىل.فېيلېر كوچىدىن تېرىۋالغان ئويۇنچۇق ۋېلسىپىتنى رېمونت قىلغان،ھەمدە يېرىم دوللارلىق باھا بىلەن ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ ئوينىشىغا ئىجارىگە بەرگەن. بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ بىر يېڭى ۋېلسىپىت كەلگىدەك پۇل تاپقان.

ئىقتىساد قارىشى كۈچلۈك بولغان ئاۋىل.فېيلېر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنلا بىر سودىگەرگە ئايلانغان. بىر قېتىم، بىر پاراخوت قاتناش داۋامىدا بورانغا يولۇقىدۇ، ھەم پاراخوتتىكى ياپونىيەدىن يۆتكەپ كەلگەن بىر توننا يىپەك ھۆل بولۇپ كېتىپ  سۈپەتلىك ماللار بىردەمدىلا سۈپەتسىز مالغا ئايلىنىپ قالىدۇ، مالنىڭ ئىگىسى ئامالسىز بۇنى تۆۋەن باھادا بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئالىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. ئامالسىزلىقتىن، مالنىڭ ئىگىسى بۇلارنى پورتقا يۆتكەپ ئەخلەت قاتارىدا تاشلىۋەتمەكچى بولىدۇ.ئاۋىل.فېيلېر بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، مالنىڭ ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ كىشىلەر كېرەك قىلمىغان بۇ يىپەكلەرنى ھەقسىز بىر تەرەپ قىلىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، مالنىڭ ئىگىسى بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى مىننەتدار بولىدۇ.

بۇ يىپەكلەرگە ئېرىشكەندىن كىيىن، ئاۋىل.فېيلېر بۇلاردىن كىيىم تىكىپ سېتىپ، جەمئىي يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك پۇل تاپىدۇ.

ئارقىدىنلا،ئاۋىل.فېيلېر بۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ چەت جايدىن بىر پارچە يەر سېتىۋالىدۇ، كىشىلەربۇنى ئاڭلاپ ئۇنى ئەخمەققە چىقىرىۋېتىدۇ.

ھالبۇكى،بىر يىلدىن كىيىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەرنىڭ سىرتىغا ئايلانما يول ياسايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ .بۇ ئايلانما يول دەل ئاۋىل.فېيلېر سېتىۋالغان يەرنىڭ يېقىن ئەتراپىدىن ئۆتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن يەرنىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئۆسۈپ، توپتوغرا 150 ھەسسە يۇقىرىلايدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئاۋىل.فېيلېر يەرنى قولدىن چىقىرىۋېتىشكە ئالدىرىمايدۇ، بەلكى ئۈچ يىلدىن كىيىن 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ساتىدۇ.

پۇلنى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ئەقىل ئاۋىل،فېيلېرنى بايلىق قەسىرىگە باشلاپ كىرىدۇ، ئۇمۇ ئىسمى – جىسمىغا لايىق زەردارلاردىن بولۇپ قالىدۇ.

ئاۋىل.فېيلېرنىڭ پۇل تېپىشقا ماھىر ئىقتىسادىي تەپەككۈرى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ. دەل پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ماھىر بولغاچقا، ئۇ پۇل ئارقىلىق پۇل تېپىپ ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، ھەمدە بايلىق سورۇنىدىكى يۇقىرى قاتلام ئادەملىرىدىن بولۇپ قالغان.

ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ھېس قىلغانلىرىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دىگەن: «پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، پۇلنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىش كېرەك.» بۇ دەل ئۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مۇۋەپپەقىيەت سىرى.

ھالبۇكى رېئال تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇنلىغان ئادەم بىر ئۆمۈر پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدۇ. پۇلنىڭ ئالدىدا ئۇلار پاسسىپ ھالەتتە بولۇپ، پۇل ئۈچۈنلا تىرىشىدۇ؛ ئەمما بايلار پۇلنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ، ھېچقاچان مەغرۇرلانمايدۇ، ئۇلار ئازادىلىك بىلەن پۇلنى دومىلىتىپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىدۇ.

شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، بايلار يەنە ھاياتنىڭ مەنىسى پۇل تېپىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى، تېخىمۇ يۈكسەك نىشان بولۇش لازىملىقىنى، ھەمدە پۇلنىڭ ئۇلار ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋە ئۆزلۈك قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان قورال ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بۇ خىل غايە كىچىك جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئۆزلۈك قىممىتى،چوڭ جەھەتتىن ئېيىتقاندا جەمئىيەتكە قوشۇلغان تۆھپەدۇر.

بۇ يەردە بىز مۇنداق بىر ھېكايىنى كۆرۈپ باقايلى:

تومۇز ئىسسىق بولغان ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئەترەت باشلىقى داۋى. ئاندىرسىن ئۆزىنىڭ ئەترىتىدىكى كىشىلەرنى باشلاپ تۆمۈر يولدا خىزمەت قىلىۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا بىرپويىز ئاستا – ئاستا يىتىپ كەلدى، ئەمگەكچىلەرمۇ قوللىرىدىكى سايمانلىرىنى تاشلاپ،ئىشنى توختاتتى.

پويىزتوختىغاندىن كىيىن، ئەڭ ئاخىرقى ۋاگوننىڭ دېرىزىسى تۇيۇقسىز ئېچىلىپ، ئىچىدىن گۇمان ۋە ھەيرانلىق ئارلاش بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ: «داۋى.ئاندىرسىن سىزمۇ؟»

ئىشداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان داۋى.ئاندىرسىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئارقىغا قاراپ ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن: «جېم.مورفى! سىزنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم!» دىدى. بۇ بىر نەچچەجۈملىدىن كىيىن تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان جېم.مورفى ئاندىرسىننى پويىزغا چىقىشقا بۇيرۇيدۇ، ئوزۇن يىل كۆرۈشمىگەن بۇ ئىككى كونا خىزمەتداش بىرسائەتتىن كۆپرەك پاراڭلاشقاندىن كىيىن، ئاخىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ خوشلىشىپتۇ.

پويىز ئۇزاپ كەتكەندىن كىيىن، ئىشداشلار داۋى.ئاندىرسىننى ئورىۋېلىپ بۇ «چوڭ شەخىس» نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورايدۇ.  20 نەچچە يىل بۇرۇن، جېم.مورفى بىلەن داۋى. ئاندىرسىن بىر كۈندە تۆمۈر يول شىركىتىگە ئىشقا چۈشكەنلىكىنى، ھالا بۈگۈنكى كۈندە مورفىنىڭ تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندە، ئىشداشلار ناھايىتى ھەيران بوپتۇ.

بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئىشچى چاقچاق ئارىلاش تەرىزدە: «كونا خىزمەتدېشىڭىز ئاللىقاچان باش مۇدىر بوپتۇ، ئەمما سىز يەنىلا ئاپتاپتا ئىش قىلىۋاتامسىز؟» دەپتۇ. داۋى.ئاندىرسىن چوڭقۇر تىنىپ شۇنداق دەپتۇ: «20 يىل بۇرۇن، مەن ھەر سائەتلىكى 1.75 دوللارلىق ئىش ھەققى ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتىم، بىراق جېم.مورفى تۆمۈر يول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى.»

ئوخشاش باشلىنىش نۇقتىسىدىكى ئوخشىمىغان پوزىتسىيە ئىككى ئادەمنىڭ ئاخىرقى يولىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھېكايىدىكى داۋى.ئاندىرسىن پەقەت ئىش ھەققى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلغان، نەتىجىدە 20 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزگەن (20 يىل بۇرۇن ئاپتاپتا كۆيۈپ پىشىپ خىزمەت قىلغان بولسا، 20 يىلدىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداق بولغان)،ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان. ھالبۇكى جېم.مورفى پۇل ئۈچۈنلا خىزمەت قىلمىغان،ئۇنىڭ ئوزۇن مەزگىللىك نىشانى ۋە كىشىلىك ھايات غايىسى بار ئىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ نەزىرى ھەر سائەتتىكى 1.75 دوللار ئىش ھەققىدىلا توختاپ قالمىغان، پۇلنى ئۆزىنىڭ خوجايىنى قىلىۋالمىغان، بەلكى نەزىرىنى تېخىمۇ يىراقلارغا تىكىپ، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان.

دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، جېم.مورفى ئوخشاش بىر باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋى.ئاندىرسىنغا قارىغاندا تېخىمۇ تىز، تېخىمۇ يىراققا مېڭىپ، تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ مۇدىرى،ئاندىرسىننىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان.

يۇقىرىدىكى ئىككى ھېكايىدىن بىز ئاسانلا كۆرۈۋالالايمىزكى، مەيلى قايسى نۇقتىدىن قارايلى،بايلار پۇلنىڭ ئالدىدا ھەمىشە يىتەكچىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇلار پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇپراتمايدۇ، بەلكى خوجايىنلىق ھالەتتە پۇلغا ۋە ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە يۈزلىنىدۇ،مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن پۇل ۋە خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تەڭشەپ، ئۆزى ئۈچۈن بايلىق ياراتقىلى، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، بايلىق قوغلىشىش يولىدا كېتىپ بارغان دوستلار چوقۇم ئۆزىنىڭ پۇل ۋە خىزمەتكە بولغان پوزىتسىيىسىنى توغرىلىشى، پۇلنى جانلىق ئىشلىتىشى، پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن مۇلازىمەت ۋە خىزمەت قىلدۇرۇشى كېرەك.

بايلىقنىڭ بايانى:

نامراتلار پەقەت پۇل ئۈچۈنلا ئالدىرايدۇ، ئۇلار پۇلنى ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى بىردىن بىر نىشانى دەپ قارايدۇ. بۇنداق پوزىتسىيە ئۇلارنىڭ پۇلدىن جانلىق پايدىلىنالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارغا پۇلدىن باشقا مۇھىم نەرسىلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇپ قويىدۇ، مەسىلەن: غايە، ئۆزلۈك قىممىتى قاتارلىقلار. نامراتلار پەقەت«پۇل ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىش پوزىتسىيىسى» دىن يىراق تۇرسىلا، بايلىق ئۇلارغا قاراپ يېقىنلاپ كېلىدۇ.

************************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ