A-A+

سودىدا سالماق روھى ھالەتنى ساقلاش كېرەك

2015-يىل 1-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 246 قېتىم

جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى

145701pe2u8dlwu6x7uzro

ئون يەتتىنچى باب

خەتەر ئىچىدە سالماقلىقىنى ساقلاش، ئۆزىگە چىقىش يولى قالدۇرۇش كېرەك

*خەتەردىن قورقماسلىق كېرەك، قورقۇشقا تىگىشلىكى بىخەستەلىك

   شىنخېچېڭ پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇپوفەن: «سودا دەل پۇرسەت دىمەكتۇر، ئۇ خەتەر بىلەن سەگەكلىك ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش» دىگەن.

   جېجىياڭدىكى بىر كارخانىچى ئىلگىرى ‹تىجارەت جەريانىدا ھەر ۋاقىت خەتەر مەۋجۇت، پەقەت ھەربىرئىشنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا قەدەر ياخشى قىلغاندىلا، ياخشى ئويلىنىپ، تىزدىن ھەرىكەت قوللانغاندىلا، شىركەتنى تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ قۇدىرەتلىك ۋە تەرەققىيات ۋاقتىنى تېخىمۇ ئوزۇن قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولماي بىر قەدەم خاتا كېتىپ قالىدىكەن،چوقۇم ئارقىدا قالىدۇ› دىگەن.

   ئۇششاق ئىشلار مەغلۇبىيەتنىڭ يىتەرلىك شەرتى، بىز دەيدىغان «قىلدىن كەتسەڭ، قىرىقتىن كېتىسەن» دەيدىغان ھېكمەت دەل مۇشۇ ئۇششاق ئىشلارغا سەل قاراشقا قارىتىلغان.  كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدا جان ساقلاش ئۈچۈن، چوقۇم كىچىك ئىشلاردىمۇ ناھايىتى سەگەك بولۇش كېرەك، چۈنكى كىچىككىنە بىخەستەلىك پۈتۈنلەي مەغلۇب بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

   جېڭ روڭچاڭ جېجىياڭنىڭ شاۋشىڭ شەھىرىدىن. ئۇ باشقۇرۋاتقان خوڭياڭ گورۇھى بولسا قۇرۇلۇش ئېنژېنىرلىقىغا تايىنىپ باش كۆتۈرۈپ چىققان چوڭ شىركەت. بىراق ئۇلار كۆپ خىللاشقان تىجارەت يولىدا ماڭغاندىن  تارتىپ، ئىزچىل زىيان تارتىش ھالىتىدە تۇرغان.

   ئىلگىرى بەزىلەر باش لېدىر جېڭ روڭچاڭنى تىجارەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى، تۈرلۈك ماللار سودا شەكلىنى ساغلاملىق، يىمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەرگە تەڭشىگەندە، ھاياتلىق يولى تېپىش مۇمكىنچىلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان.

   باش لېدىرجېڭ روڭچاڭ بۇ تەكلىپنى ئاڭلىغاندىن كىيىنمۇ كۆڭلىنى توختىتالماي: بۇ يولدا ماڭغىلى بولامدۇ؟ دەپ ئويلايدۇ. يىغىن ئېچىلغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويىدۇ، تىجارەتنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ تەكلىپنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا،باش لېدىر يەنە بىر قېتىم بۇنى رەت قىلغان.

   جېڭ روڭچاڭ:«بۇ تەكلىپ ياخشىكەن، بىراق كۆپچىلىك تېخى يىتەرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان. يەنە كېلىپ مەن تۇنجى قېتىم بۇ تەكلىپنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا، ئادەم ئەۋەتىپ بازارنى تەپسىلىي تەكشۈرگۈزدۈم. بازار تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر مەزكۇر رايوندىكى نوپۇسنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 70 – 60 ياشقىچە بولغان ۋاقىتتا، بۇ چېنىقىش ساغلاملىقى كەسپىنىڭ راۋاجلىنىشىغا پايدىسىز. تەرەققىيات ئىستىقبالى تازا ياخشى بولمىغان ئىكەن، چوقۇم مەلۇم چەكلىمىلىكلەر بولىدۇ.» دىگەن.

   ئۇنىڭدىن كىيىن، جېڭ روڭچاڭ ھەربىر تەكلىپكە قارىتا تەپسىلىي، سالماق ۋە مەخپىي ھالدا تەھلىل يۈرگۈزۈپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

   ئاخىرىداجېڭ روڭچاڭ: «خەتەرگە تەۋەككۈل قىلى روھىنىڭ بولۇشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال، بىراق خەتەرنىڭ ئارقىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بۇنىڭغا ئاساس بولۇشى كېرەك، ئالدىراپ –سالدىراپلا قىلىنغان تەكشۈرۈش سىزنى خاتا يولغا باشلاپ قويىدۇ.» دىگەن.

   ۋېنجۇلۇق بىر سودىگەر: «بىر ئادەمنىڭ سالماق بولالىشى تەس ئەمەس، تەس يېرى شۇكى ھەر ۋاقىت سالماقلىقنى ساقلاش. بولۇپمۇ بىر ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كىيىن، نەتىجىدىن مەغرۇرلىنىپ كېتىدىغان، ئۆز – ئۆزىدىن قانائەتلىنىدىغان ئەھۋال چوقۇم كېلىپ چىقىدۇ. دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ھەسەتخور كىشىلەر بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك بولۇپ كېتىشىنى ياختۇرمايدۇ، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئىش قىلالمايدۇ، بىراق باشقىلارنىڭ قىلغانلىرىنى بۇزۇش قابىلىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك؛ شۇنداق بولغانىكەن،سىزنىڭ ئۆزىڭىزدىن مەغرۇرلىنىپ كېتىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ مەغلۇب بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.» دىگەن.

   تىجارەت قىلشتا مەبلەغ خەتىرى ئوبيېكتىپ مەۋجۇت، تېخىمۇ چوڭ مۇۋپپەقىيەتنى، تېخىمۇ چوڭ پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم خەتەرنىڭ ئىچىدە جان ساقلاشقا  جۈرئەت قىلىش كېرەك. بىراق تەۋەككۈلچىلىك دوغا تىكىش ئەمەس، سىز قارىغۇلارچە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلسىڭىز بولمايدۇ. رېئال تۇرمۇشتا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خەتىرى چوڭ بولغان پۇل ئويۇنىغا قاتنىشىشنى ياختۇرىدۇ، بىراق قارىغۇلارچە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغاچقا،دائىم مەغلۇب بولىدۇ.

   سۈن جىيەنشۇ بىر ئوقۇتقۇچى. ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەتنىڭ يۈزلىنىشىدە، ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ سودا دېڭىزىغا شۇڭغىغانلىقىنى، كىرىمىنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ سوداقىلىش خىيالىنى باشلىغان.

   سۈن جىيەنشۇ تۇرغان شەھەر بولسا «جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ تونۇر» نىڭ بىرى چۇڭچىڭ ئىدى. بۇ ۋاقىتتا بىر كارخانا ياز پەسلىدىكى تېمپراتورا نى تۆۋەنلىتىدىغان بىر خىل تۆشەكنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، چۇڭچىڭ بازىرىدا قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سۈن جىيەنشۇ خەيكۇ شەھىرىنىڭ سۇبتروپىك بەلۋاغقا جايلاشقانلىقىنى، ياز پەسلىنىڭ ئوزۇن، تېمپراتۇرىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ خىل تۆشەكنىڭ ئۇ جايدا قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپتۇ.

   شۇنداق قىلىپ، سۈ جىيەنشۇ ھېچقانداق بازار تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارمىغان ئەھۋال ئاستىدا 150مىڭ يۈەن قەرز جۇغلاپ، ئون مىڭ دانە تۆشەك سېتىۋېلىپ، ئايالى بىلەن خەيكۇغا كەپتۇ.ئۇلار 150 مىڭ يۈەنلىك تۆشەكلەرنى 300 مىڭ يۈەنگىچە ساتالايدىغانلىقىنى، ھەرخىل چىقىملارنى چىقىرىۋەتكەندە، يەنە نۇرغۇن پايدا قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىپتۇ.ھالبۇكى، خەيكۇغا كەلگەندىن كىيىن بۇ خىل تۆشەكلەر ئۇلار تەسەۋۋۇر قىلغاندەك قارىشى ئېلىشقا ئېرىشمەپتۇ. ئۇلار مەزكۇر جايدىكى بازار ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كىيىن بايقاپتۇكى، خەيكۇ دېڭىزغا ياندىشىپ تۇرغاچقا، گەرچە تېمپراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق كەچ بولۇشى ھامانلا ناھايىتى سالقىن بولىدىكەن. ھەمدە خەيكۇ شەھەر ئاھالىسى ئاساسلىقى ئىككى خىل بولۇپ، بىرسى يەرلىك كىشىلەر، يەنە بىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ جايغا كېلىپ سودا قىلىۋاتقان سودىگەرلەر ئىكەن، ئۇلار ياكى كۈندە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغان ئىشخانىلاردا ئولتۇرىدىكەن،ياكى ھەر كۈنى ئۇيان – بۇيان چېپىپ يۈرۈپ سودا قىلىدىكەن، شۇڭا بۇنداق تېمپراتۇرىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغان تۆشەككە قىلچە ئېھتىياجى يوق ئىكەن!

   كىيىن ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى، تېمپراتۇرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈن جىيەنشۇ يۆتكەپ ئەكەلگەن تۆشەكلەرنىڭ چاپلىقىنىڭ كونىراپ،ئۆز – ئارا چاپلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ – دە، ئامالسىزلىقتىن يىغىۋېلىنىدىغان ئەخلەت قاتارىدا سېتىۋېتىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ 150 مىڭ يۈەن پۇلىنىڭ بىر دۆۋە ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچاتاپالماي قاپتۇ.

   تەۋەككۈل قىلىشتا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. ھەر بىر ئادەمدە تەۋەككۈلچىلىك قىلىشتا چوقۇم يىتەرلىك تەييارلىق قىلىش، خۇددى جېجىياڭ سودىگەرلىرىدەك «تەييارلىقسىز ئۇرۇشنى قىلماسلىق» كېرەك. تەكشۈرۈپ چۈشىنىش ھاسىل قىلغاندىن كىيىن ئاندىن قول سېلىش،بىھۇدە چىقىملاردىن ساقلىنىش كېرەك.

   جېجىياڭ سودىگەرلىرى «سەگەكلىك» تىن ئىبارەت دورا ئارقىلىق مەغلۇبىيەت يارىلىرىنى تەلتۆكۈس داۋالىغان، ھەمدە مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان «ۋىروس» لارنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. ئېھتىيات قىلىش قورقۇش ياكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھىنىڭ يوقلۇقى ئەمەس، سىز مەغلۇبىيەتتىن قانچە قورقسىڭىز، مەغلۇبىيەت شۇنچە تىز سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ. شۇڭا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىرەر قېتىم مەغلۇب بولساقمۇ، بىراق «سەگەكلىك»تىن ئىبارەت بۇ دورا ئارقىلىق بۇ خىل خاتالىقنى ئىككىنچى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.

**تىجارەتتە ئېغىر – بېسىق بولۇش، ئاۋۋال مۆلچەرلەپ ئاندىن قول سېلىش كېرەك

   جېجىياڭ خاڭجۇ ۋاخاخا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى زوڭ چىڭخۇ ئىلگىرى: «جېجىياڭلىقلار سودا قىلىشتا ئاۋۋال كۆڭلىدە سان پەيدا قىلىپ ئاندىن قول سېلىشنى، مەسىلىلەرنى يىراقنى كۆزلىگەن ئاساستا تەپەككۇر قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.» دىگەن.

   ھازىرقى زامان سودا شەكلىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش شەكلى ئەسلىدىكى سودا شەكلىگە قارىغاندا كۆپ مۇرەككەپ، شۇڭلاشقا تىجارەت قىلىش جەريانىدا «يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىش» كېرەك،ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي پىلان تۈزىمەستىنلا بېرىپ ئىشقا كىرىشىش ئىلمىي تىجارەت ئۇسۇلى ئەمەس. خۇددى جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئېيىتقاندەك: «ئىشتىن كىيىن تىزگىنلەش ئىشتىن بۇرۇن تىزگىنلەشكە يەتمەيدۇ.» ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر بۇ جۈملە سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلىپ باقمىغان، ئۇلار پەقەت خاتا تەدبىر قوللىنىپ مەغلۇب بولغاندىن كىيىنلا بۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلىماقچى بولىدۇ.

   «ئېلېكتىر قەھەتچىلىكى» ھادىسىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى توك ئېلېكتىر ئىستانىسسىلىرىنىڭ يېڭى مەبلەغ تۈرى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇچۇرغا نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر بولغان جېجىياڭ سودىگەرلىرى بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىشنى خالىمىغان.

   «ئۇ ۋاقىت مېنىڭ تۇنجى قېتىم يايلاققا بېرىشىم ئىدى، مەن ئەسلىدە گەنسۇنىڭ جەنۇبىنى بىر قاقاسلىق دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ يەر ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ،نۇرغۇنلىغان دەريالار بار ئىدى، سۇ ئېقىمىمۇ تىز ئىدى.» بۇ چاڭچېڭ گورۇھىنىڭ باش لېدىرى يې شاڭتاۋنىڭ 2004 – يىلى گەنسۇنىڭ جەنۇبىدىكى ئېگىزلىككە بارغان چاغدىكى ئەسلىمىسى، بۈگۈنگە قەدەر بۇ گەپ چىقسىلا ئۇ ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ.

   جېجىياڭ ۋېنجۇلۇق بۇ سودىگەر ھەرگىزمۇ مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۇ جايغا بارمىغان،ئۇنىڭ بىۋاستە تۇيغۇسى ئۇنىڭغا ئېيتىپ: «ئۇ جاي ئېلېكتىر زاۋۇتى قۇرۇشقا، توك تارقىتىشقا ماس كېلىدۇ.» دىگەن.

   «ئېلېكتىر تارقىتىش زاۋۇتى قۇرۇش ياخشى ئىش.» بۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بىردەك قارىشى.ئېلېكتىر كۈچى مەنبەسى كەمچىل بولغان مۇھىتتا، سۇ ئېلېكتىر كۈچىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور ئىدى. گەرچە خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ مەبلىغى بەش چوڭ ئېلېكتىر تارقىتىش گورۇھى بىلەن رىقابەتلىشەلمىسىمۇ، بىراق ئۇلار بىرقىسىم ئوتتۇرا – كىچىك سۇ ئېلېكتىر تۈرلىرىگە مەبلەغ سالسا بولاتتى.

   يې شىياڭتاۋ تەھلىل قىلىپ، گەنسۇنىڭ توك باھاسى ناھايىتى تۆۋەن، ھەربىر كلوۋات توكنى 0.22يۈەندىن ھېسابلىساقمۇ، 8 – 7 يىلدا سالغان دەسمىنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمىز. گەرچە ئالدىنقى مەزگىلىدىكى سېلىنما ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، بىراق قۇرۇلۇپ بولغاندىن كىيىن بىر نەچچە ئادەم بېرىپ باشقۇرسىلا بولىدۇ دەپ قارىغان.

   ئەتراپلىق پىلانلاش ۋە ھېسابلاش ئارقىلىق، ئۇ ئېلېكتىر كۈچى كەسپىگە مەبلەغ سېلىشنى قارارقىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ غەلبىسى ئۇنىڭغا، ئەتراپلىق پىلان ۋە يىتەرلىك تەييارلىقنىڭ بولۇشى يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

   بىر كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا ئەڭ مۇھىم ئامىل بولسا بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش. بازار ئاساس،بازاردىن ئايرىلىپ قالىدىكەنمىز، «بارسا كەلمەس يولغا ماڭغانغا» باراۋەر. بازارغا ماسلىشىشتا چوقۇم بازار تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش لازىم.

   بازار تەكشۈرۈشىنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەتراپلىق بازار تەكشۈرۈش بىر كارخانىنىڭ ھاياتلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بىر پارچە ئۈنۈملۈك بازار يەكشۈرۈش دوكلاتى كارخانىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە يول كۆرسىتىش خاراكتېرلىك رول ئوينايدۇ. ئەگەر بىر كارخانىچى ئەزەلدىن بازار تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارمىسا، بازار ئەھۋالىنى چۈشەنمىگەن ھالەتتە قارىغۇلارچە تەدبىر بەلگىلىسە، ئاخىرى بازارغا ماسلىشالماسلىق كېلىپ چىقىدۇ – دە،مەغلۇب بولىدۇ.

   بىرسودىگەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ۋە تەھلىل سودىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇشنى بەلگىلەيدۇ، مەغلۇب بولۇپلا قالسا،كارخانىدىكى ئادەم كۈچى، ماددى كۈچ ۋە بايلىقنىڭ ئىسىراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەھلىل قىلىشقا ماھىر جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇشقا ناھايىتى ئېتىبار بېرىدۇ.

   جېجىياڭنىڭ تەيجۇ شەھىرىدە بىر ئائىلە جابدۇقلىرى زاۋۇتى بولۇپ، يېقىندا مالايسىياغا ئائىلە جابدۇقلىرى ئېكىسپورت قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. مەزكۇر شىركەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچى رەھبىرى دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي ياختۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن،ئېكىسپورت قىلىنىدىغان جابدۇقلارغا بىردەك قىزىل رەڭ ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشمەكچى بولغان. ئەمما مەھسۇلاتنىڭ مالايسىيەدا سېتىلىشى راۋان بولماي، چوڭ خېرىدار تاپالمىغان.

سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالدىكى، ئەسلىدە يەرلىك كىشىلەر پەقەت قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغىلا قىزىل رەڭ ئىشلىتىلىدۇ، قىزىل رەڭ ئادەمگە جىددىيلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ دەپ قارايدىكەن. ھەمدە مالايسىيالىقلار قىزىل رەڭ قاننىڭ سۈرى، قىزىل رەڭلىك ئائىلە جابدۇقلىرى كىشىلەرگە قانغا مىلىنىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىپ، قۇتلۇق بولمىغاندەك تەسىر بېرىدۇ دەپ قارايتى. ھەمدە ناھايىتى ئىسسىق بولغان ھاۋا رايىدا، قىزىل رەڭلىك ئائىلە جابدۇقلىرى ئۆيگە قويۇلسا خۇددى قىزىل رەڭلىك گۈلخانغا ئوخشاش تەسىر بېرىپ، ئادەمنى ناھايىتى زىرىكتۈرۋېتەتتى.بۇنداقتا، بۇ ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى ئېنىقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيىتتى.

   كىيىن بۇشىركەت كۈلرەڭ، كۈمۈش رەڭنى ئىشلىتىپتۇ، بىراق يەنىلا بازارنى ئاچالماپتۇ. چۈنكى مالايسىيادا   ئادەم ئۆلگەندە پالپال قەغەز كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىنى ئۇزىتىپ قوياتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كۈلرەڭ كۈمۈش رەڭگى پالپال قەغەزنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئائىلە جابدۇقلىرىنى ئۆيگە قويسا ئاپەت ۋە جىن – شاياتۇنلارنى باشلاپ كېلىپ خاتىرجەملىك بولمايتى.

   ئۇنداقتا زادى قانداق رەڭ مالايسىيالىقلارغا ماس كېلىدۇ؟ ئوخشاش كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەنە بىر شىركەت ناھايىتى پەملىك ئۇسۇل ئىشلەتكەن.  ئۇلار گۈزەل – سەنئەت لايىھىلىگۈچى كىشىلەرنى تايلاندقا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىن جاۋاب ئىزدىمەكچى بولغان؛ يەنە بىرتەرەپتىن تايلاندتىكى يەنە بىر سۈرۈشتۈرۈش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەتچى خادىملارنى تەشكىللەپ خەلق ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق،مالايسىيالىقلارنىڭ كۆك رەڭنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ زاۋۇت توختىماستىن ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ رەڭگىنى قېنىق كۆكرەڭدىن توز كۆكى رەڭگىگە ئۆزگەرتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مالايسىيالىقلارنىڭ ياختۇرۇشىغائېرىشكەن، بۇ خىلدىكى ئائىلە جابدۇقلىرىمۇ تەدىرىجىي ھالدا مالايسىيا بازارلىرىدا بازار تېپىشقا باشلىغان.

   ۋېنجۇدىكى بىر داڭلىق كارخانىچى: «كارخانا ئىشقا كىرىشىۋاتقان چاغدا، ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق ۋە تەكشۈرۈش شىركەتنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدۇ.» دىگەن. شۇ سەۋەبتىن،قانداق ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم «يەتتە ئۆلچەپ بىر كىسىش» كېرەك، سودامەيدانلىرىدىمۇ ھەم شۇنداق. بىر كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، «كىمە كىچىك بولسا ئاسان ئايلانغىلى بولىدۇ» دىگەنگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىشكە بولمايدۇ.

   جېجىياڭلىق سودىگەرلەر ھەمىشە ئۆزىنى ئاساس قىلىپ، ھەرخىل ئامىللارنى مەسىلەن:مەبلەغ، ئەسلىھە، تېخنىكا، خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسى، ھەمدە بازار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش تەجىرىبىسى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئېلىپ، ئاندىن سەگەكلىك بىلەن ئۆزىنىڭ قايسى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى، نېمە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى قارار قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزى قابىل بولمىغان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشتىن ساقلىنىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن، جېجىياڭ سودىگەرلىرى زۆرۈر بولمىغان خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ ھەم غەلبىگە ئېرىشەلەيدۇ.

***سىز ئەڭ مەپتۇن بولغان ۋاقىت - سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئەڭ بېسىۋالىدىغان ۋاقىتىڭىزدۇر

   جېجىياڭ جۇدىڭ قۇرۇلۇش بىزەكچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جوۋگوخۇڭ: «سودىگەرلەرنىڭ ئەڭ ئاسان ئۆتكۈزىدىغان خاتالىقى بولسا پايدىغا بېرىلىپ كىتىپ ئىلگىرىلەشنى ياكى چېكىنىشنى بىلەلمەسلىك، ئەڭ ئاخىرىدا بازارنىڭ جازاسىغا ئۇچراش» دىگەن.

   پايدا ئادەمنى ناھايىتى جەلپ قىلىدۇ. سودىگەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، باشقىلار ئاچكۆزلۈك قىلغان ۋاقىتتا سەگەك بولۇشنى، باشقىلار قورققان ۋاقىتتا جۈرئەتلىكرەك بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. قولنى سۇنسىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان پايدا ئالدىدىمۇ تەمكىن بولۇش، بۇ پايدىنى ئېلىشقا كېتىدىغان بەدەل ۋە ئاقىۋىتىنى ياخشى ئويلىشىش كېرەك.ھەقىقەتەن ئېرىشكىلى بولىدىغان پايدىغا نىسبەتەن ئەتراپلىق پىلان تۈزۈش،ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىش، ئەڭ كىچىك بەدەل بىلەن ئەڭ چوڭ پايدىغا ئېرىشىشكە تىرىشىش لازىم.

   جېجىياڭ گورۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى قوشۇمچە پارتىيە شۇجىسى ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى جۇڭگو خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىچىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ئۇ ناھايىتى ئىنچىكە ئايرىلغان بۇ ساھەدىكى مىللىي ئىگىلىك – ۋەنشىياڭ گورۇھىنى بارلىققاكەلتۈردى.

   ئۇ:«كارخانىنىڭ مۇقىم بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان تەرەپ بولسا ‹مۇۋاپىق› بولۇشتىن ئىبارەت. خاتالىقنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشتە، چوقۇم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.ۋەنشىياڭنىڭ تەرەققىياتى كۆپ خىللاشقان تىجارەت قىلىشتىن باشلانغان، ئەينى يىللىرى ئىقتىسادىي قىسچىلىق مەزگىللىرى بولغاچقا، بازار ۋە پۇرسەت بار بىلەن يوقنىڭ ئارلىقىدا بولۇپ،ۋەنشىياڭ ناھايىتى تەستە تەرەققى قىلغان. بىراق ئەينى يىللىرى ۋەنشىياڭنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاجىز بولغاچقا، قوشقان تۆھپىسى چوڭ بولمىغان.

80 – يىللارغا كەلگەندە، ئەينى ۋاقىتتىكى رىقابەت ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ۋەنشىياڭ كۆپ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىپ، پۈتۈن زېھنىنى بىر مەھسۇلاتنى ياخشى قىلىش، كەسپلىشىش ۋە كۈچلۈك قىلىشقا قارىتىپ، مەھسۇلات تەننەرخىنى چۈشۈرگەن.كىيىن دۆلەت مەھسۇلات ئۆلچىمىنى ئېلان قىلغاندا، بىز دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن ھەر قايسى جەھەتلەردىن خېرىدارلارنى رازى قىلىشقا كۈچىدۇق، كەسىپىيلىشىش ۋەنشىياڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇنى ئوخشاش كەسىپلەر ئچىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكۈزدى.» دىگەن.

   لۇ گۇەنچىيۇ ئىلگىرى: «كارخانا تىجارىتى جەريانىدا، ھەمىشە بىر قىسىم قىزىقتۇرۇشلارغا دۇچ كېلىمىز، ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ ئىستىكىنى تىزگىنلىيەلمىسەك، بەلكى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قۇيىشىمىز مۇمكىن. ئىدىيەنىڭ چېگرىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ، روھنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرگىلى بولىدۇ، بىراق ئەمەلىي كۈچتىن ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ، بۇنى چوقۇم ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم.» دىگەن.

   لۇ گۇەنچىيۇ يەنە: «مەن ئەزەلدىن مۇقىم بولۇشنى تەكىتلەپ كەلدىم. كارخانا مۇقىم بولغاندىلا ئاندىن قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى قىلالايدۇ. مۇقىملىق كۆپ تەرەپلىمە بولىدۇ،خىزمەتچىلەر مۇقىم بولۇشى، مەھسۇلات مۇقىم بولۇشى كېرەك. ئاساسى باشقۇرۇش شەكلى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ماڭالىشى كېرەك. ئادەم كۆپ ۋاقىتلاردا بىر خىل ئويۇشۇش قائىدىسى تۈزۈشمۇ ناھايىتى مۇھىم.» دىگەن.

   «ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىيىش» كە بولمايدۇ، پەقەت ئۆزىگە تايىنىش كېرەك،مەلۇم جۇغلىنىش بولغاندا ئاندىن تەرەققىيات بولىدۇ. سودا قىلغاندا جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە ئوخشاش ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىشى كېرەك. مۇددىئا ئېنىق بولغان شەرت ئاستىدا ئېنىق تەھلىل قىلىش، ۋەزىيەت ئېنىق بولمىغاندا كۆز ئالدىدا غايەت زور مەنپەئەت بولسىمۇ، ئالدىراپ تەدبىر بەلگىلىمەسلىك كېرەك، سەۋىرچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىپ، ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولغان چاغدا، ئەھۋال ئېنىق بولغان ۋاقىتتا قول سېلىش كېرەك، شۇندىلا ئاندىن بىردەملىك مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن مەغلۇبىيەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

   سۈن دېلىياڭ جېجىياڭنىڭ شاۋشەندە تۇغۇلغان. ھازىر جېجىياڭ ۋاڭشېڭ سودا گوروھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش لېدىرى، جۇڭگو ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدىكى گەۋدىلىك شەخس ۋە جۇڭگو ئىنتېرنىت تورىنىڭ دەسلەپتە بارلىققا كەلتۈرگۈچىلىرىنىڭ بىرى.

   سودامەيدانلىرىدا سۈن دېلىياڭ خۇددى ياندا تۇرۇپ كۈزىتىۋاتقان پەيلاسوپلاردەك تەمكىن ۋە سوغۇققان. مۇنداق روھى ھالەت بۇ خىل كەسىپنىڭ ۋە بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەخلاقى. «سوغۇققان بولۇش» ۋە «كەمتەر» بولۇش ئوخشىشىپ قالىدۇ، بىراق ئانچە – مۇنچە پەرقى بار،كەمتەرلىك كۆپىنچە ھالدا كەيپىياتنى، روھنى كۆرسىتىدۇ، ھەرگىز ھالەتنى كۆرسەتمەيدۇ، ئۇ ئىچكى دۇنيارىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى.

   سۈن دېلىياڭ ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق مۇھاكىمىدە كۆپچىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى، يەنى«پۇرسەت نەزىرىيىسى» بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ ۋە ئۈچ قالايمىقان ئۇقۇمى» نى ئورتاقلاشقان. ئۇنىڭچە مۇنەۋۋەر جېجىياڭ سودىگەرلىرى چوقۇم «ئۈچ كۈچ» - «قىيىنچىلىق ئالدىدىكى كۈچلۈك ئىرادە، قىزىقتۇرۇش ئالدىدىكى پەرقلەندۈرۈش كۈچى، چوڭ ئىشلاردىكى شىجائەت كۈچى» -نى ھازىرلاش كېرەك. ھەمدە يەنە «ئۈچ قالايمىقان» - قالايمىقان مەبلەغ سېلىش،قالايمىقان پۇل خەجلەش، قالايمىقان ئادەم ئىشلىتىش» - دىن ساقلىنىش كېرەك.

   سۈن دېلىياڭنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ تىجارەت پەلسەپىسىنى مەركەزلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى:ئۇنىڭ پەلسەپەسى -‹‹ بىر خىل ‹خەتەر› دەپ ئاتىلىدىغان پۇرسەت بار، يەنە ‹پۇرسەت› دەپ ئاتىلىدىغان خەتەر بار››دىن ئىبارەت.

   ئۇنىڭچە،ھەرگىزمۇ قىزىقتۇرۇشنىڭ ئالدىدا پۇرسەتنى كەلدى دەپ ئويلىماسلىق كېرەك.كاللا قىزىپ كېتىپ ھاياجانلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ؛ يەنە كىرزىسنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتەن خەتەركەلدى دەپ ئويلىماسلىق، ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان پۇرسەتنى تاپقىچە چېكىنمەسلىك كېرەك.

   ئەينى ۋاقىتتا پايچەك بازىرى قىزىغان ۋاقىتتا، سۈن دېلىياڭنىڭ بىر دوستى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئەللىك مىليون پۇلنى پايچەك بازىرىغا مەبلەغ قىلىپ سالغانلىقىنى، ئۈچ ئايدىلا ئىككى مىليارىد پۇل تاپقانلىقىنى، ئۇنىڭمۇ بېرىپ سىناپ بېقىشىنى ئېيتىپتۇ.دوستىنىڭ قىزىقىپ چۈشەندۈرۈشلىرى سۈن دېلىياڭغا ھېچقانداق تەسىر قىلماي، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەپتۇ. گەرچە ئۇنىڭ مەبلىغى يىتەرلىك بولسىمۇ، ئەزەلدىن پايچەك ئوينىمايدىكەن، يەنە باشقىلارنىڭ ئۆي – مۈلۈك كەسپىگە مەبلەغ سېلىپ تاپقان پۇلىغىمۇ كۆز قىزارتمايدىكەن. باشقىلار نېمە دىيىشىدىن قەتئىينەزەر، سۈن دېلىياڭ پۇلنى بانكىغا قويۇپ ئۆسۈمىنى خەجلەشكە رازىكەنكى، ئەزەلدىن پايچەك ئوينىمايدىكەن،ئۆي – مۈلۈك كەسپىنىمۇ قىلمايدىكەن. ئۇنىڭچە ئۇنداق قىلىش پۇلنى ناھايىتى تىز دومىلىتىش بولۇپ، ئەللىك مىليوننىڭ ئىككى مىلياردقا ئايلىنىشى ناھايىتى ئاسان، لىكىن مەبلەقنى بېسىۋالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بىرمۇنچە ئاۋارە بولۇش كېرەك ئىدى.

   سۈن دېلىياڭنىڭ ئېزىقتۇرۇش ئالدىدىكى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى ئادەتتىكى ئادەملەر قىلىپ بولالمايدۇ. بىراق ئۆزىنى تۇتۇۋالالىغاندا، مۇۋاپىق بولمىغان ئىستەكلەردىن قۇتۇلغىلى، ئېزىقتۇرۇش كۈچىنىمۇ يوقاتقىلى بولىدۇ.

   سودىگەرلەرسودا قىلغان ۋاقىتتا چېكىنىشنىمۇ، ئىلگىرىلەشنىمۇ بىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزىنىڭ قۇرۇق خىياللىرىدىن، ئاچكۆزلۈكىدىن ۋاز كىچىشى، پايدىنى كۆرگەندىمۇ قىزىققانلىق قىلماسلىقى كېرەك. خۇددى جېجىياڭلىق سودىگەرلەرگە ئوخشاش، گەرچە ئۇلار پايدا –مەنپەئەت قوغلىشىدىغان سودا توپى بولسىمۇ، بىراق ئۇلار پەقەت ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان پايدىنى قوغلىشىدۇ، ئۆزىگە تەۋە بولمىغان بايلىقلارغا ئاچكۆزلۈك قىلمايدۇ،ئازدۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولغان پايدىغا باشتىن – ئاخىرى يىتەرلىك بولغان پەرقلەندۈرۈش كۈچى بىلەن يۈزلىنىدۇ.

   پايدا گەرچە كۈچلۈك بولغان قىزىقتۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، بىراق يۈرىكىنى توختىتىپ تۇرۇپ يۈزلىنىش كېرەك. ئېزىقتۇرۇش ئالدىدا قارىغۇلارچە ھەرىكەتلەنمەسلىك، پۇرسەت كۈتۈشنى بىلىش كېرەك.

****ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى «دىلغا پۈكۈش» كېرەك

   تىجارەت قىلىشمۇ مەبلەغ سېلىشنىڭ بىر خىل شەكلى.گەرچە  نۇرغۇن پايدا بىلەن  قايتۇرۇپ كېلىنگەن مەبلەغ بولسىمۇ، بىراق خاتالىق كىلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش تەس، ھەمدە دائىم پايدا بىلەن خەتەر بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تىجارەتنى باشلىغان ۋاقىتتا،چوقۇم ھەممە تەرەپنى ئەستايىدىل ئويلىشىش كېرەك، بولۇپمۇ تەدبىر بەلگىلىگەن ۋاقىتتا، كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەڭ ناچار ئاقىۋەتنىمۇ ئويلىشىپ قويۇش كېرەك.

   جۇڭگو سوڭچېڭ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ چىياۋلىڭ: «بىز ئىشلىرىمىزنى مۇنداق يۈرۈشتۈرگەن، مەن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئەتراپلىق ئويلىنىپ،ئەگەر بۇ ئىشتا پۈتۈنلەي ۋەيران بولساق شىركەتكە نىسبەتەن قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىمەن. بىز ئەڭ ناچار نەتىجىنى ئويلىشىپ، شىركەتكە تەسىرى بولسىمۇ، ئەمما بىزگە ئەجەللىك زىينى بولمىسىلا، بىز قىلشىنى باشلايمىز.»دىگەن.

   2005 –يىلىنىڭ بېشىدا، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن زالىدا جېجىياڭ شىنگۇاڭ بىزەك بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جوۋ شاۋگۇاڭ «2004 – يىللىق ئىقتىسادتىكى كۈچلۈك ئون ئايال شەخس» شەرىپىگە ئېرىشتى.

   جوۋ شاۋگۇاڭ17 ياش ۋاقتىدىلا قەرز ئالغان نەچچە ئون يۈەن پۇل بىلەن ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سەپىرىنى باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ گۈل نۇسخىسى كەشتىلەش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى.

   جوۋشاۋگۇاڭ: «بىزنىڭ كەنتتىن ناھىيىگە بارغىچە 40 چاقىرىم يول مېڭىشقا توغرا كىلەتتى،100 جىڭچە كېلىدىغان نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتسەك، يىۋۇدىن شاڭخەيگە باردىغان پويىزدا  ئورۇن يوق  ئۆرە تۇرۇپ باراتتۇق، بەزىدە خاربىنغىمۇ باراتتۇق. ئۇ ۋاقىتتا ئەڭ قىيىن ئىش نىشاننىڭ يوقلۇقى ئىدى، مەن بۇ 100 جىڭچە كېلىدىغان نەرسىلىرىم بىلەن نەگە بېرىپ قانداق قېلىشىمىزنى بىلمەيىتتىم. مەن مېھمانخانىغا قايىتقاندا، يايمىنى ئەتە نەگە ئېچىشىمنى بىلمەيىتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا مەن كېچىلىرى يوتقانغا پۈركىنىپ يىغلايىتتىم، يىغلاپ بولۇپلا ئەتىسى يەنە ئورنۇمدىن تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى، ھەمدە سودا قىلىدىغان جاي ئىزدەشكە باشلايىتتىم.» دىگەن.

   1995 – يىلى جوۋ شاۋگۇاڭ ئەر – ئايال يەتتە مىليون پۇل چىقىرىپ بىر بىزەك بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇردى، شۇنىڭدىن كىيىن مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق بولغان يەنە بىر بىزەك بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى كۆپەيدى.

   جوۋشاۋگۇاڭ ئەسلەپ: «ئۇ ۋاقىتتا ناھايىتى زىددىيەتلىك ئەھۋالدا قالغان ئىدىم، بۇنچە جاپادا تاپقان پۇلىمىزدا زىيان تارتساق قانداق قىلىمىز دەپ ئويلايىتتىم. بۇ ۋاقىتتا ئېرىم مېنى ئېلھاملاندۇرۇپ، بىزنىڭ نۇرغۇن تەجىرىبىمىز بار، ئەگەر زىيان تارتساقمۇ  قايتىدىن باشلىساق بولىدۇ. كىيىن مەن كۆكتات ساتساممۇ، مېۋە ساتساممۇ، چوقۇم سىلەرنى بېقىپ كېتىمەن دىدى.»

   «ئۇ ۋاقىتلاردا بۇنداق قارار چىقىرىش ناھايىتى چوڭ جاسارەتنى تەلەپ قىلاتتى، ئەگەر زاۋۇتىمىز يۈرۈشمەي قالسا بىزنىڭ بارلىق دەسمىيىمىز كۆپۈككە ئايلىناتتى. بىراق،ئىككىمىزنىڭ ئۇ ۋاقىتتىلا ھېچنىمىمىز قالمىغان بولۇپ، تەرەققىي قىلالمىساق يەنە قايتىدىن باشلايىتتۇق.»

ئېھتىمال بەزىلەر يېڭى باشلىغاندا ئەڭ ناچار ئاقىۋەتنى ئويلاپ قويۇش بۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ كەمچىللىكى دىيىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت قائىدىسى گەرچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقىلا  بولۇپ، مەغلۇب بولۇشقا بولمىسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى ئويلاپ قويۇش كېرەك.

   مەغلۇبىيەت بولمىغان ئۈمىد ناھايىتى گۈزەل، ھەربىر سودىگەر ئۆزىنىڭ سالغان ھەربىر مەبلىغىنىڭ غەلبىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق «ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەپتۇ»دىگەندەك، نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلاردا سىرتنىڭ تەسىرى سىزنىڭ قارار بەلگىلىشىڭىز ۋە ئىشلىرىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، مەسىلەن: تەبئىي ئاپەت، سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋەئىقتىسادىي كاساتچىلىق قاتارلىقلار.

   بۇئامىللارنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ئەھۋال يۈزبەرگەن ۋاقىتتا، ئەگەر سىز ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى ئويلىشىپ قويمىغان بولسىڭىز،ئاۋۋال سىز بۇنى كۆڭلىڭىزدىن قوبۇل قىلالمايسىز، شۇنىڭ بىلەن روھى جەھەتتىكى قالايمىقانلىشىش كېلىپ چىقىپ، ھەتتا سىزنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، پۈتكۈل كوللىكتىپنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

   سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك، تۈرلۈك – تۈمەن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇ جەمئىيەتتە ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللىنىشقا ئامالسىز قېلىپ، مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى يوقىتىپ قويۇشىڭىز، ھەمدە تېخىمۇ چوڭ زىيان كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

   2001 – يىلى ئەلى بابا «80 يىللىق كارخانا قۇرۇپ چىقىش» چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، مايۈن يەنە بىر قېتىم كەسىپداشلىرى تەرىپىدىن «ئاجايىپ – غارايىپ ساراڭ» دەپ ئاتالغان.كۆپچىلىكنىڭ گۇمانىغا ئۇچىرىغان ۋاقىتتا، مايۈن بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان، ئۆزىنىڭ قارارىنى تېخىمۇ ئۆزگەرتمىگەن. ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنى توختاتمىغان. ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى ئويلىشىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلار ئەركىن – ئازادە ھالدا يۈزلەنگەن.

چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى پەرەز قىلغان ئەڭ يامان ئاقىۋەتكە ئۇچرىمىغان، شۇڭا ئۇلار ئىزچىل ئاكتىپ روھى ھالىتىنى ساقلىيالىغان.

   جۇڭگو سوڭچېڭ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ چىياۋلىڭ سوڭچېڭنى قۇرۇشنى باشلىغان ۋاقىتتا،ئۇنىڭغا قارىشى تۇرىدىغانلار كۆپ، قوللايدىغانلار ئاز ئىدى. بىراق خۇاڭ چىياۋلىڭ ئۆزىگە خاس ئەقىل – پاراسىتى بىلەن ئىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، مىڭ يىللىق ئۇسلۇبقا ئىگە سۇڭ مەدەنىيىتى تېما قىلىنغان باغچا جەزمەن ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەتتى.

   ئويلىمىغان يەردىن، باغچا ئېچىلغان تۇنجى كۈنى 60 مىڭ نەپەر ساياھەتچىنى كۈتىۋالغان، يىل ئاخىرىغىچە، سۇڭچېڭنىڭ ساياھەت كىرىمى 40 مىليونغا يەتكەن. ئۆزىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىگە بولغان سەزگۈرلۈكىگە تايانغان خۇاڭ چىياۋلىڭ «ئەلى بابا» نىڭ يوشۇرۇن بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، سۇڭچېڭ گورۇھىنى ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن غەلبىگە ئېرىشتۈردى.

   بۇ دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار. ئەگەر تىجارەت قىلىشنى جېجىياڭلىق سودىگەرلەردىن ئۆگەنسىڭىز، ھەمىشە ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى كۆڭلىڭىزگە پۈكەلىسىڭىز، ئاندىن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشسىڭىز، ئۇنداقتا، نەتىجە ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىپ، زور غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.

   بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى ئويلاپ قويۇش ھەرگىزمۇ بۇ ئاقىۋەت بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىدۇ ،دىگەنلىك ئەمەس، بۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل جاھاندارچىلىق پوزىتسىيىسى، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش، ھەم ئۆزىگە چېكىنىش يولى قالدۇرۇش كېرەك؛كەسكىن ئالغا ئىلگىرىلەشتە تاقابىل تۇرىدىغان ئۇسۇللارنى بالدۇر ئويلىنىپ قويۇش كېرەك، بۇ خىل تىجارەت پوزىتسىيىسى ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ سودا يولىڭىزغا قىلىنغان كاپالەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

*************************

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام

مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان  خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب

2015-يىلى 4-ئاي

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ