ئاكسىيە بازىرى
ئاكسىيە بازىرى zheng quan shi chang 证券市场 بازار ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى ،كۆپ خىل ئىگىلىك ھوقۇق ئىسپاتى بىر تۇتاش ئاتىلىشى بۇلۇپ ،شىركەت زايومى، ھۆكۈمەت زايومى ۋە پاي چېكى قاتارلىق قىممەتكە ئىگە ئاكسىيىلەرنى ئېلىپ ساتىدىغان بازارنى كۆرسىتىدۇ.
|
|
ئاكسىيە بازىرى ھەققىدە
ئاكسىيە بازىرى ئاكسىيە بازىرى بازار ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى ،كۆپ خىل ئىگىلىك ھوقۇق ئىسپاتى بىر تۇتاش ئاتىلىشى بۇلۇپ ،شىركەت زايومى، ھۆكۈمەت زايومى ۋە پاي چېكى قاتارلىق قىممەتكە ئىگە ئاكسىيىلەرنى ئېلىپ ساتىدىغان بازارنى كۆرسىتىدۇ. دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئاكسىيە بازىرىنىڭ سودا ئوبيېكتى ئاساسلىقى ھۆكۈمەت زايومى ئىدى. كېيىن، پاي شىركەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، پاي چېكى ۋە شىركەت زايومىمۇ ئاكسىيە بازىرىنىڭ ئاساسلىق سودا ئوبيېكتىغا ئايلاندى.
ئاكسىيە بازىرى تىجارىتى
ئاكسىيە بازىرىنىڭ تىجارىتى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: بىر خىلى، نەق مال سودىسى، يەنى نەق پۇلغا ئاكسىيە ئېلىپ-سېتىش؛ يەنە بىر خىلى، زاكاز مال سودىسى، يەنى سودىدا پۈتۈشكەندىن كېيىنكى مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئاندىن ھېسابات قىلىش، بىراق ھېسابات قىلغان چاغدا ئاساسلىنىدىغىنى يەنىلا پۈتۈشكەن ۋاقىتتىكى ئاكسىيە باھاسىدۇر. زاكاز مال سودىسىدا، ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى ئاكسىيىلەرنى ھەقىقىي سېتىۋالمايدۇ ياكى سېتىپ چىقارمايدۇ، بەلكى ئاكسىيە باھاسىنىڭ ئۆسۈش-چۈشۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھېسابات قىلغاندا، پۈتۈشكەن ۋاقىتتىكى ۋە ھېسابات قىلغان ۋاقىتتىكى باھا پەرقىنى تۆلەيدۇ. بۇنداقتا، ئاكسىيە بازىرى ئاكسىيە ھايانكەشلىكى سورۇنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. نورمال ئاكسىيە سودىسى پۇل مەبلىغىنى ئىستىخىيىلىك تەقسىملەش رولىنى ئويناپ، جەمئىيەتتىكى بىكار تۇرغان پۇلنى ئاكسىيە سودىسى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىغا ئۇزاق مەزگىللىك سېلىنما سۈپىتىدە تەقسىملەيدۇ. بىراق، ئاكسىيە ھايانكەشلىكىمۇ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىدا يالغان كۆرۈنۈش پەيدا قىلىدۇ.
نۆۋەتتە نيۇ يورك، لوندون، پارىژ، فرانكىفورت، سيورىخ، توكيو، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا خەلقئارا ئاكسىيە بازىرى تەسىس قىلىنغان. جۇڭگو شاڭخەي ۋە شېنجېن قاتارلىق جايلاردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاكسىيە بازىرى تەسىس قىلدى.